تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تاتلىق مېۋە-چېۋىلىرى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈلدى

  ئاقسۇنىڭ 100 توننا بىڭتاڭشىن ئالمىسى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە توشۇلدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز فېي شۈەن، دۈەن شياۋلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ چېڭجۇڭ، خۇاڭ ۋەنلى) «بىز ياردەمگە موھتاج بولغاندا، خۇبېي خەلقى شۇنچە يىراقتىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلدى، ھازىر ئۇلار بىزگە موھتاج، بىز باشقا ياردەم قىلالمايدىكەنمىز، پەقەت ئازغىنە مېۋە ـ چېۋە ئەۋەتىپ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى فۇ چىڭبو 2- ئاينىڭ 12- كۈنى مۇخبىرغا.

  يۇقۇم رەھىمسىز بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت بار. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى يۇقۇمغا قارشى تۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مېھىر-شەپقەت مېۋىلىرىنى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە توشۇپ، خۇبېي ۋۇخەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.

  ئاقسۇدىكى 100 توننا بىڭتاڭشىن ئالمىسى بىرىنچى سەپكە توشۇلۇپ، كىشى قەلبىنى ئىللىتتى

  2- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 300دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرى ۋە بىر قىسىم باغۋەن پىدائىيلار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، خىللانغان 210 توننا ئاقسۇنىڭ خاس مېۋىسىنى قاچىلاپ بولدى، 10 يۈك ئاپتوموبىلى قاتار تىزىلىپ، تەرتىپلىك ھالدا خۇبېي، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا قاراپ يولغا چىقتى. 76 ياشلىق سۈن گۇيفاڭ شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى بولۇپ، ئاستا - ئاستا يولغا چىققان ئاپتوموبىللارغا قاراپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى. «شىركەتنىڭ ۋۇخەنگە ئالما ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، ئالما قاچىلايدىغان خادىمغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تىزىملاتتىم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، مەنمۇ بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشنى ئويلىدىم، كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشتى، ھېلىمۇ ياخشى يولغا چىقىش ۋاقتىغا دەخلى يەتمىدى.» دېدى سۈن گۇيفاڭ.

  كورلا نەشپۈتى ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا ئارقا - ئارقىدىن توشۇلدى.

  فۇ چىڭبو بۇ قېتىمقى توشۇش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، باشقا شوپۇرلارغا ئاپتوموبىللىرىنى قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكرار تاپىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان 10 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ھەر بىرىگە ئىككىدىن شوپۇر سەپلەنگەن بولۇپ، تۆت سائەتتە بىر نۆۋەت ئالمىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەر بىر شوپۇر باشتىن - ئاخىر ياخشى شوپۇرلۇق ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ.»

  بۇ قېتىمقى توشۇش بىخەتەرلىكى ۋە شوپۇرلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت ئالاھىدە يول خېتى بېجىرىپ، ھەر بىر شوپۇرغا 50 لېتىر دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، 10 جۈپ پەلەي سەپلەپ بېرىپ، ھەر بىر شوپۇرنى بىخەتەرلىك مۇداپىئە ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى.

  شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:  بۇ تۈركۈمدىكى ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالار ئىچىدە  154 توننا ئالما، 10 توننا چىلان، 30 توننا نەشپۈت، 16 توننا ياڭاق بار، جەمئىي 210 توننا بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليون 32 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دېڭ شۈەنبىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ھەقىقىي ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرى ئارقىلىق، خۇبېينىڭ ۋۇخەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خۇبېينىڭ ۋۇخەن، جېجياڭغا ياردەم بېرىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلغان، شۇنداقلا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خۇبېينىڭ ۋۇ خەن، جېجياڭ خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئىپادىلىگەن.

  2- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ۋۇخەنگە 100 توننا كورلا نەشپۈتىنى ئىئانە قىلىش يولغا چىقىش مۇراسىمى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بايىنغولىن ئوبلاستى سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ 100 توننا كورلا نەشپۈتىگە بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا ئوبلاستىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ۋۇخەن خەلقىگە بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقى، شۇنداقلا ۋۇخەن خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو مېۋە - چېۋە ئوبوروت جەمئىيىتى، جۇڭگو مېۋە - چېۋە ئوبوروت جەمئىيىتىدىكى باشلامچى كارخانىلار ئىتتىپاقى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوراش - قاچىلاش كەسپى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شىسى ئارال شەھەرلىك نەشپۈت - ئالما جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، كورلا نەشپۈتىنى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە  ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ ، 142 كارخانىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 2- ئاينىڭ 2- كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدە ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالار خۇبېيغا توشۇلغان.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2- ئاينىڭ 6- كۈنى جەمئىي 5000 يەشىك كورلا نەشپۈتى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئېجوۋ، خۇاڭگاڭ شەھەرلىرىگە يەتكۈزۈلگەن. 2- ئاينىڭ 8- كۈنى، 20 مىڭ يەشىك كورلا نەشپۈتى ئارقا - ئارقىدىن خۇبېينىڭ ۋۇخەن، ئېجوۋ، خۇاڭگاڭ قاتارلىق جايلىرىغا يەتكۈزۈلگەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارمۇ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، جايلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئىشلىتىلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ