تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۈچ تارماقنىڭ ئۇقتۇرۇشى: پوچتا، تېز يوللانما ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالدىن، قولايلىق يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ئىقتىساد گېزىتى-جۇڭگو ئىقتىساد تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، يېقىنقى بىر قىسىم رايونلاردا پوچتا، تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇش ۋە ئۇنى توسۇش تۈپەيلىدىن يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى نورمال قانات يايدۇرۇلماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى ۋە جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى بىرلىكتە جىددىي ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان پوچتا، تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا «توختاتماسلىق، تەكشۈرمەسلىك، ھەق ئالماسلىق» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىن، قولايلىق يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پوچتا، تېز يەتكۈزۈش جەمئىيەت ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۈستىگە ئالغان، بولۇپمۇ ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئازايغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يەتكۈزۈش تورى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى يولى بولۇپ، ئۇنىڭ راۋان بولۇشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلار تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، پوچتا، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەر دەرىجىلىك پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرى پوچتا، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، زۆرۈر مۇداپىئە بۇيۇملىرى، ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، تىرانسپورت قوراللىرى ۋە پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىشنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك. كەسىپكارلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، مەشغۇلات مەزگىلىدە بىردەك ماسكا تاقىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى