تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»تا قانداق ئوقۇش كېرەك؟

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى: يېقىندا، بىر قىسىم جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن توردا «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق» خىزمىتى باشلاندى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەسئۇل خادىم مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان توردا ئۆگىنىش بىر تۈرلۈك ۋاقىتلىق جىددىي تەدبىر، ئۆيدە ئۆگىنىشنى پۈتۈنلەي دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق» نوقۇل مەنىدىكى توردا دەرس ئوقۇش ئەمەس

  «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق» نوقۇل مەنىدىكى توردا دەرس ئوقۇش ئەمەس، ھەم مەكتەپنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگىنىشنىلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل كەڭ مەنىدىكى ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ، پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق مەزمۇن ۋە ئۇسۇل بولسا ھەممىسى بولىدۇ. دۆلەت دەرسلىرىنى ئوقۇش بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بولۇپمۇ يۇقۇم مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھاياتلىق تەربىيەسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك تەربىيەسى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار ئىش ئىزلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جەمئىيەت گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى  سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك، داڭلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇسا بولىدۇ. ئۆگىنىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇشى كېرەك، بەزى جايلاردا توردا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش پەقەت «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق» ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشتىكى بىر خىل ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.

  بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن سىنغا ئېلىپ تارقىتىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىپ بايلىق ئىسراپچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ھاجەتسىز

  «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»نى قانات يايدۇرۇش، توردا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئوقۇتقۇچىلاردىن سىنغا ئېلىپ دەرس ئۆتۈشنى ئومۇميۈزلۈك تەلەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. دۆلەت، يەرلىك، مەكتەپلەرنىڭ ھازىرقى ئەلا سۈپەتلىك تور دەرس بايلىقىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، مائارىپ تارماقلىرى ئاز ساندىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ، تور دەرسلىرىنى مۇۋاپىق ھالدا يېڭىدىن سىنغا ئالسا، زۆرۈر تولۇقلاش سۈپىتىدە، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار توردا ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە پەن ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، توردا ئۆگىنىشكە ماس كېلىدىغان دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نورمال دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ۋاقتى ۋە ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن سىنغا ئېلىپ تارقىتىش مەجبۇرىي تەلەپ قىلىنسا، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ ھەمدە بايلىق ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى چوقۇم توسۇش كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارنى ھەر كۈنى چوقۇم توردا «دەرس ئاڭلاش»قا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ

  «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»نى يولغا قويۇشتا، ھەرقايسى جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە توردا ئوقۇتۇش ئالاھىدىلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش بايلىقىنى مۇۋاپىق تاللىشى كېرەك. تورغا چىقىپ ئۆگىنىش تەلىپىگە قارىتا، بەزى جايلارنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدا تورغا چىقىپ ئۆگىنىشكە بىر تۇتاش قاتتىق تەلەپ قويماي، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىشىغا قويسا بولىدۇ، باشقا ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقىت ۋە مىقدار جەھەتتە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر كۈنى تورغا چىقىپ «دەرس ئاڭلاش»، ئۆگىنىش ۋىدىيوسى يوللاش قاتارلىقلارنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەم ئېلىش ئارىلىقىنى چوڭايتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناش، تەنتەربىيە ئارقىلىق چېنىقىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، تەن ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەسلىلەرنىڭ توردا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  ئوقۇتۇشنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇتۇش پىلانىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئەستايىدىل تۈزۈپ چىقىش كېرەك

  ئۆيدە ئۆگىنىش ئوبېيكتىپ شارائىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆگىنىش ئۈنۈمى پەرقلىق بولىدۇ. ئۆيدە ئۆگىنىشنى مەكتەپنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي دەسسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رەسمىي ئوقۇش باشلاپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جايلار، مەكتەپلەر ئۆگىنىش ئەھۋالىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيدە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، ئۆگىنىش سۈپىتىگە دىياگنوز قويۇپ باھالاپ، ئوقۇتۇش پىلانىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئۆيدە تورغا چىقىپ ئۆگىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارغا نۇقتىلىق ھالدا ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ ۋە تەكرار قىلىپ بېرىپ، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىم مەزمۇنىنى بىر قەدەر ياخشى ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، ئاندىن يېڭى دەرس ئوقۇتۇشىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا توردا دەرس ئۆگىنىشكە قاتناشمىغانلارغا باشتىن باشلاش كېرەك. بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا بولغان ئۆگىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى