تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندە، گۈزەل شىنجاڭغا ئوينىغىلى بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز» -شىنجاڭدىن خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى كۈرەش ھېكايىلىرى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر كاڭ خاۋيەن): ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئۈچ تۈركۈم داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ۋۇخەندىكى نۇقتىلىق قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىلىرىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى . 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىر ئالدىنقى سەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرىنچى سەپتىكى كۈرەش ھېكايىلىرىنى ئىگىلىدى.

  «باھارنىڭ تېزلا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»

  ئورۇن: ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانا رايونى

  شەخس: شىنجاڭدىن تۇنجى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل سېستراسى ليۇ مېڭ

  «دوختۇر تېز كېلىڭ، بۇ بىمارنىڭ يۈرەك رىتىمى ئاستىلاپ كەتتى، ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.» 2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىددىي چاقىرىغان ئاۋاز ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانا رايونى CCU كېسەللەر رايونىدا ياڭرىدى . ليۇ مېڭ بىلەن خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن دوختۇر جىددىي قۇتقۇزۇشنى باشلىۋەتتى...

  «يۇقۇم-بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت، بىز روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقۇم بىلەن بەيگىگە چۈشۈشىمىز كېرەك!» دېدى ليۇ مېڭ. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋۇخەنگە يېتىپ بارغاندىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش خادىملىرى ئىزچىل بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلماقتا.

  ئۇزۇن مۇددەت قوغدىنىش كىيىمى كىيىپ خىزمەت قىلغاندا، ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ . ئەترەت ئەزالىرى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن كۆپ نەرسە يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. «ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كۆڭلى ئېلىشىشنى مەن ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى باشتىن كەچۈردى» دېدى ليۇ مېڭ.

  گەرچە خىزمەت ناھايىتى جاپالىق، داۋالاشتىن سىرت يەنە بىر قىسىم ئاغرىقلارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشىغا ياردەم قىلساق ۋە ئۇنى تازىلىساقمۇ، لېكىن ئاغرىقلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەتلىشى كۆپچىلىككە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. «بىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئاغرىقلار چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى ۋە مىننەتدار بولدى، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلاشتى« دېدى ليۇ مېڭ. ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن ھەقىقىي چۈشىنىشكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئاغرىقلار ئۇلارنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆردى، ئۇلار بۇ ئىشەنچكە تېخىمۇ يۈز كېلەلىشى كېرەك ئىدى.

  ليۇ مېڭ دائىم بىمارلارغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دەيتتى: «بەرداشلىق بېرىڭ، يەنە ئازراق ماسلىشىڭ، كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق ۋاقىتلىق، پات ئارىدا غەلىبە قىلىمىز، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندە، سىلەرنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا بېرىپ ئويناپ كېتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز».

  خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ليۇ مېڭنىڭ ئەڭ ئىنتىزار بولىدىغان ئىشى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈش ئىدى. ليۇ مېڭ مۇنداق دېدى: باھارنىڭ تېزلا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بىز غەلىبىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىمىز.

  يارىشىملىق چاچلار كېسىلدى

  ئورۇن: ۋۇخەن كېتىڭ چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى

  شەخس: شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى جاڭ يۈمېي

  يېڭىدىن قۇرۇلغان چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا، بىر قاتار ئۇزۇن ئاق رەڭلىك دالا چېدىرلىرى تىكىلگەن بولۇپ، ھەر كۈنى كېسەللىك رايونىغا كىرىشتىن بۇرۇن سېسترالار ئەترىتىنىڭ جاڭ يۈمېي قاتارلىق 100 ئەزاسى بۇ يەردىن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ C رايونىغا كىرىپ سېسترالىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. چېدىردا ئۇلار «ئېقىن سۇ» شەكلىدە قوغدىنىش كىيىمى كىيىدۇ، 12 باسقۇچ بويىچە ئالدىغا يىتىپ بارىدۇ، قولنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، N95 ماسكا تاقاش، تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى تاقاش، باش كىيىمى كىيىش، پەلەي كىيىش، ئاياغنىڭ تېشىغا بىر قەۋەت ئايرىش قەۋىتى كىيىش، ئايرىش كىيىمى كىيىش، مۇداپىئە ئەينىكى تاقاش، ئۆتۈك كىيىش... قاتمۇقات قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەقەت يوچۇق قالمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن كېسەل رايونىغا كىرەلەيدۇ، بىر ئىسمېنىدىكى ئالتە سائەتتە ئۇلار مۇشۇ خىل ھالەتنى ساقلىشى كېرەك.

  جاڭ يۈمېي مۇداپىئە تەدبىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يارىشىملىق چېچىنى كېسىۋەتكەنلىكىنى، ئەترەت ئەزالىرى ئۇنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ يارىشىملىق چېچى بىلەن خوشلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

  جاڭ يۈمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز بار بۆلۈمچىدىكى 230دىن ئارتۇق ئاغرىققا شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 100 تېببىي خادىمى مەسئۇل، ئاساسلىقى يېنىكرەك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىش، داۋالاشتىن سىرت، ئاغرىقلارغا پىسخىكا جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە ئىلھاملاندۇرىمىز.

  23 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە جاڭ يۈمېي ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئاغرىققا ئوكسىگېن يېتىشكەن-يېتىشمىگەنلىكىنى، نەپەسلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىيالايدۇ. «بەزى ئاغرىقلار جىددىيلەشسە، بەدىنىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، كەيپىياتىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئاكتىپ ماسلىشىشى ئۇلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق، ئاغرىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى 80 نەچچە ياش، ئۇلارغا خۇددى ئۆيىمىزدىكى چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئىمكانقەدەر قاندۇرىمىز» دېدى ئۇ. شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى، ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى باھارگۈل تولقىننىڭ نەزەرىدە، ئاغرىقلارغا مۇلايىم، سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان جاڭ يۈمېينىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسى پۇختا، دادىل بولۇپ، ماددىي ئەشيا توشۇش، ئىسمېنا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە باش قاتۇرىدىكەن، پولات جەڭچىدەك ئىرادىسى باركەن.

  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن جاڭ يۈمېي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر نەچچە قېتىملا تېلېفونلاشتى، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىمقىسى چاغاننىڭ 15-كۈنى ئىدى. «يولدىشىممۇ پارتىيە ئەزاسى، مېنىڭ بىرىنچى سەپكە ياردەمگە كېلىشىمنى ئىنتايىن قوللايدۇ» دېدى جاڭ يۈمېي سۆيۈنگەن ھالدا، «باش يېتەكچى چېن خۇي ئاپىمىزغا ئوخشاش، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تۈرلۈك تۇرمۇش كاپالىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھەل قىلىدۇ، ئەترەت ئەزالىرى ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كەلگەندە ھېچقايسىسى چېكىنمىدى، مەن ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، بۇ قېتىمقى <يۇقۇم>غا قارشى جەڭدە غەلىبە قىلىپ، ئەترىتىمىزدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئامان-ئېسەن، زەپەر قۇچۇپ قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  «يۇرتىمىزدىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغانىكەن، يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىمىز»

  ئورۇن: ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانا رايونىنىڭ 14-كېسەللەر رايونى

  شەخس: شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى چاڭ سەيخۇا

  ئەسلىدە 2-ئاينىڭ 9-كۈنى توي كۆينىكى كىيىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان چاڭ سەيخۇا ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانا رايونىنىڭ 14-كېسەللەر رايونىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى.

  «بىز 2-ئاينىڭ 7-كۈنى خۇبېيغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ شۇ يەردىكى دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش بويىچە تەربىيەلىشىنى قوبۇل قىلدۇق، ئارقىدىنلا تېز سۈرئەتتە خىزمەتكە كىرىشپ كەتتۇق» دېدى چاڭ سەيخۇا. «يۇقۇم» غا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋۇخەندىكى سەپداشلارنىڭ يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەت سەۋەبىدىن چارچاپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، ئۇ كۆڭلىدە دوختۇر قىلالايدىغان بارلىق ئىشلارنى چوقۇم ياخشى قىلىپ، سەپداشلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بۇ قېتىمقى «يۇقۇم» جېڭىدە چوقۇم يېڭىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ 142 دوختۇر-سېستىراسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئالايىتەن جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللەنگەن، ۋۇخەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانا رايونىنىڭ ئىككى كېسەل رايونىغا مەسئۇل بولغان. «بۇ قېتىم بۆلۈمىمىزنىڭ غوللۇق كۈچلىرى ۋۇخەنگە كەلدى. ياش دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دوختۇرخانا تەرىپىدىن خۇبېيغا بىرىنچى سەپكە كېلىشكە تاللانغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى چاڭ سەيخۇا.

  بىرىنچى كۈنى نۆۋەتچىلىك ئاخىرلاشقاندا، چاڭ سەيخۇا ئالدىراش خىزمەت جەريانىدا ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش تەرتىپىنى پىششىق ئىگىلەپ بولغانىدى، كېيىنكى خىزمەتلەردە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق ئىدى، ئۇلار تۇرۇشلۇق دوختۇرخانا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى نۇقتىلىق قوبۇل قىلىش-داۋالاش دوختۇرخانىسىدىن ئېغىر كېسەللەرنى قوبۇل قىلىش-داۋالاش دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئېغىر ئاغرىقلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  چاڭ سەيخۇا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈندە، مەن ئۇستازلارنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك پەزىلەتلىرىنى كۆردۈم، بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنى تەسىرلەندۈردى، مېنى ئىلھاملاندۇردى، ئاغرىقلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچى ۋە بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى مېنىڭ چىڭ تۇرۇشۇمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، مەن ‹يۇقۇم›غا قارشى جەڭدە غەلىبە قىلغان شۇ كۈننى كۈتمەكتىمەن».

  تۇنجى كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، چاڭ سەيخۇا يان تېلېفونىنى ئېچىپ، يىگىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرغان ئۈندىدار توپىنى كۆردى، توپتا ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ۋاقتىدا تاماق يېيىشنى، ياخشى مۇداپىئە قىلىشنى ئەسكەرتكەنىدى، كۆڭۈل بۆلۈش سۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە قوللىشى بار ئىدى. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، بىزنى ئاسرايدىغان شۇنچە كۆپ كىشىلەر بار، يەنە يۇرتىمىز كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىز يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى