تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1- سېپىدىن كەلگەن خاتىرە: كۆپچىلىك ماسلاشسىلا، غەلىبە مۇساپىسىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن شۆرۇ، جېن لىمىن، جاۋ شىنلۇڭ، شى شيەنپىڭ خەۋىرى، فوتوسى) «ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئايروپىلاننى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشتى، بەك چارچاپ كەتتىم ...»

  «ھېلىقى ئائىلىسىدە ئايرىۋېتىلگەن ئاھالىلەر كۆكتاتلىرىنى يەپ بولغانمىدۇ بىلمىدىم، سەل تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھۆددە كادىرىنى تېلېفون بېرىپ تەپسىلىي سوراپ بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرايلى...»

  «ئون نەچچە سائەت جىددىي رېمونت قىلىش ئارقىلىق، سائەت 5 تىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، جىددىي رېمونت قىلىش تاماملاندى، 35 كىلوۋولتلۇق مالەن لىنىيەسىنىڭ 3515ـ لىنىيەسىدە توك يەتكۈزۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ...»

  يۇقۇمغا قارشى «جەڭ» دە مۇنداق كىشىلەر توپى بار، ئۇلار ئاتا - ئانا، خوتۇن، ئەر، پەرزەنت، ئەمما يۇقۇم ئالدىدا ئۇلارنىڭ بىرلا سالاھىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ «جەڭچى». ئۇلار ئالدىراش خىزمەت داۋامىدا، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرغان ھەقىقىي مەنزىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، ھەمدە ئۆزىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى خاتىرىلىدى. بۇ خەتلەر ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشتەك تەسىرلىك كۈچكە ئىگە.

  پىدائىي: تۆمۈر ئادەمگە ئوخشاش، ئىچىم بەكلا ئاغرىدى

  «ئىلگىرى پەقەت ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان، لېكىن ئەزەلدىن ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە ھەقىقىي قاتنىشىپ باقمىغاچقا، ھېس قىلىشقىمۇ ئامالسىز ئىدىم، بۇ قېتىمقى بىۋاسىتە تەسىراتىم ماڭا ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، ئۇلار بىر كۈندە 24 سائەت توختىماي ئىشلەيدىغان تۆمۈرئادەمگە ئوخشاش، ئۇلارنى كۆرۈپ ئىچىم بەكلا ئاغرىدى ...

  _ كۇاڭ يې

  ئىچكىرىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كەلگەن ئاخىرقى بىر تۈركۈم يولۇچىلارنى ئۇزىتىپ بولغاندىن كېيىن، يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەنىدى، كۇاڭ يې ئۆزىنىڭ ئازراق ھارغانلىقىنى بايىلا ھېس قىلغانىدى. ئۇ ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ، شۇ كۈنى تىزىملاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى يەنە بىر قېتىم سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ بولغاندىن كېيىن، كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېچىپ، بۇ ئالدىراش بىر كۈننى خاتىرىلەشكە باشلىدى.

  كۇاڭ يې داشۆ ئوقۇغۇچىسى شۇنداقلا بىر پىدائىي. 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۇ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولغان ئانىسى دېڭ دۇڭمېينىڭ ئۇدا 24 سائەت ئىدارىدە يېتىپ قوپۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆز چانىقىدا ياش ئەگىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

  كۇاڭ يې پىدائىي بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتقانلارنى قوبۇل قىلىشتەك جاپالىق ھەم خەتەرلىك خىزمەتنى تاللىدى. چۈنكى ئايروپىلان ۋە پويىزنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى بىر قەدەر كېيىن بولغاچقا، خىزمەت ئاساسەن سەھەرگىچە داۋاملىشاتتى.

  كۇاڭ يې كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ھەممىمىز بۇ بىر مەيدان يۇقۇم بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئىنسانلارنىڭ مەدھىيە ناخشىسى دەل باتۇرلۇق مەدھىيە ناخشىسى، ھەممە ئادەمنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا بۇ بىر مەيدان يۇقۇمغا قارشى «جەڭ»دە چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن! كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماسلاشقاندىلا، غەلىبە مۇساپىسىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ.

  خەلق ساقچىسى: ئاپا-دادا، ئىشلىرىم تۈگىسىلا سىلەرنى كۆرگىلى بارىمەن

  «مەن بۇنىڭ قانچىنچى قېتىم ساقچىخانىدا ئۆتكۈزگەن يۈەنشياۋ بايرىمى ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم، ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىت، بىزنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىمىز. بۇ يىلقى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قايتىش سەپىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ، بېكەتلەر قۇپقۇرۇق بولۇپ، ئىنتايىن جىمجىت كۆرۈنەتتى ...»

  _ گو خۇڭخۇڭ

  31 ياشلىق گو خۇڭخۇڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كورلا جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى شىنخې بېكىتى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى. 2- ئاينىڭ 9- كۈنى بۇ بىر كۈندە، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش بېلەت سېتىش زالى، پويىز كۈتۈش ئۆيىدە پويىزغا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى ۋە يول ئاسراش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى، يولۇچىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكىنى كۆرگەن ھامان دەرھال بېرىپ ياردەملەشتى.

  چاغاندىن بۇرۇن، گو خۇڭخۇڭ ئەسلىدە دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇپ يۇرتى خېنەنگە قايتىپ، ئاغرىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنى يوقلىماقچى بولغانىدى، ئەمما دەل يۇقۇمغا قارشى «جەڭ» باشلانغاچقا، گو خۇڭخۇڭ قايتىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى.

     « ئاپا-دادا، بۇ يىل چاغاندا بىز قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەيدىغان بولدۇق !» ئۇ چاغاندا قايتماسلىق قارارىنى ئاتا - ئانىسىغا ئېيتقاندا، تېلېفوندا دادىسى خېلىغىچە سۈكۈتتە تۇردى، ئاندىن يىنىك ئۇھ تارتىپ:«بۇ قېتىم قايتىپ كېلەلمىسەڭلەر، ئەمسە كېلەر قېتىم كېلەرسىلەر.» دېدى .

  دادىسىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىگە نىسبەتەن، گو خۇڭخۇڭ خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازدى: ئىشىم تۈگىسىلا سىلەرنى كۆرگىلى بارىمەن ...

  1- ئاينىڭ 27- كۈنى، گو خۇڭخۇڭ تېببىي خادىملار بىلەن بىللە پويىزدىن چۈشكەن يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، تۆت ياشلىق بىر بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ 38.7 سېلسىيە گىرادۇس ئىكەنلىكىنى بايقىدى. گو خۇڭخۇڭ بىر تەرەپتىن بالىغا تەسەللىي بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، داۋالاش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە بالىنى بىخەتەر رايونغا ئېلىپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  داۋالاش خادىملىرى ئۇنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ تەكشۈرگەندە، بالىنىڭ قىزىپ قېلىشىنى ئادەتتىكى زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىدى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خاتىرجەم بولدى.

  دوختۇر: ھەر قانچە جاپالىق بولسىمۇ، ھېچكىم ئاغرىنىپ باقمىدى

  «خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا، كۈندىلىك خاتىرە يازمىغىلى ئۇزۇن بولدى. چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاققا قايتىش يولىدا، يەردە بىر دەستە ھال رەڭلىك يالغان گۈل بارلىقىنى كۆردۈم، گەرچە بىر دەستە يالغان گۈل بولسىمۇ، ئەمما بۇ سوغۇق شۇنداقلا ئىسسىق قىش پەسلىدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز ھالدا بۇ بىر نەچچە كۈندىكى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى يېزىق شەكلىدە خاتىرىلىمەكچى بولدۇم ...

  __ نىڭ گۇيجۈ

  نىڭ گۇيجۈ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر 2- بۆلۈمىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى. ئەگەر بۇ مەيدان يۇقۇم بولمىغان بولسا، ئۇ بىر ئادەتتىكى ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قوغدىنىش كىيىمى كىيىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ ئون نەچچە سائەت يېمەي - ئىچمەي، ھاجەتخانىغا كىرمەسلىكنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى بەلكىم مەڭگۈ بىلمەيتتى.

  1- ئاينىڭ 22- كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى كېچىلەپ بۇ دوختۇرخانىنىڭ 1- شۆبە دوختۇرخانىسى كېسەل رايونىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئايرىپ داۋالاش - قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇردى. ئەتىسى نىڭ گۇيجۈنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 خىزمەتچى خادىم قۇتقۇزۇش مەركىزىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى  قانات يايدۇردى.

  ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ياش بىمار جۇخەيدىن يولغا چىقىپ، 1- ئاينىڭ 20- كۈنى چەرچەن ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 1- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن باشلاپ ئۇنىڭدا باش ئاغرىش، يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدى، 1- ئاينىڭ 27- كۈنى بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، ئاغرىقنىڭ يۇقۇم رايونىدىن ئۆتۈش تارىخى ۋە كىلىنىكىدىكى ئىپادىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش گۇرۇپپىسىدىكى داۋالاش خادىملىرى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت تەڭشەپ داۋالىدى.

  داۋالاش مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى تېجەش ئۈچۈن، كىلىنىكىلىق داۋالاش خادىملىرى كېسەل رايونىدا بىر تۇرغانچە ئون نەچچە سائەت تۇردى، يېمىدى، ئىچمىدى، ھاجەتخانىغا كىرمىدى. ھەر قېتىم ئىسمېنا ئالماشقاندا، ئۇزۇن ۋاقىت قوغدىنىش كىيىمى كىيىش، قوغدىنىش ماسكىسى تاقاش سەۋەبىدىن، نىڭ گۇيجۈ ۋە ھەر بىر تېببىي خادىمنىڭ يۈزىدە چوڭقۇر بېسىلغان ئىز قالغانىدى.

  ئېلېكتىر خادىملىرى: 10 نەچچە سائەت جىددىي رېمونت قىلىپ، توك يەتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق

  «... ئون نەچچە سائەت جىددىي رېمونت قىلىش ئارقىلىق، سەھەر سائەت 5 تىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە جىددىي رېمونت قىلىش تاماملاندى، 35 كىلوۋولتلۇق مالەن لىنىيەسىنىڭ 3515- لىنىيەسىدە توك يەتكۈزۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توكقا كاپالەتلىك قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرگىلى  بولىدۇ !»

  _ جاڭ يەنخۇڭ

  «گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسى 35 كىلوۋولتلۇق لەنشۇ تىرانسفورموتور پونكىتى مالەن لىنىيەسى 3515- لىنىيەسىنىڭ ۋىكليۇچاتېل ئىشكاپى ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا كۆرۈلدى ... توك ئۆزگەرتىش رېمونت قىلىش مەركىزىنى ياردەمگە چاقىرىمىز.» 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن توك تەمىنلەش شىركىتى توك بېسىمىنى تەڭشەش - كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ نۆۋەتچىسى تېڭ سۈيپىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

  «تاپشۇرۇۋالدۇق ! دەرھال تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىمىز !» بۇ شىركەت توك ئۆزگەرتىش رېمونت قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ فاڭيۈەن جاۋاب قايتۇردى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بۇ مەركەزدىكى پارتىيە ئەزاسى جاڭ يەنخۇڭ دەرھال تېخنىكا گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شاڭ جىچياڭغا تېلېفون قىلىپ: «بۇ قېتىمقى جىددىي رېمونتقا مەنمۇ باراي، ئەينى چاغدا تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ پۈتۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا مەن مەسئۇل بولغان، مەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىر قەدەر ئېنىق بىلىمەن!» دېدى.

  مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىگەندىن كېيىن، جىددىي رېمونت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى يەتتە كىشى خوتەن شەھىرىدىن 162 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تىرانسفورموتور پونكىتىغا قاراپ ماڭدى. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن، ئەگەردە ۋاقتىدا توك يەتكۈزۈلمىسە، شۇ جايدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىشى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىشىگە تەسىر يېتەتتى.

  سائەت 19 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە جىددىي رېمونت قىلىش باشلاندى. جاڭ يەنخۇڭ كاشىلا كۆرۈلگەن نۇقتىدا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئىز بارلىقىنى بايقاپ، ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ماھارىتىگە ئاساسەن مۇنداق دېدى: «چوقۇم كابېل تېرمىنالىنىڭ ئىچكى قىسمى تېشىلىپ كەتتى !» كاشىلا كۆرۈلگەن كابېلنى يېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھۆكۈمى دەلىللەندى.

  كابېل تېرمىنالىنى ياساشقا باشلىغاندا، ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 3 بولغان بولۇپ، كېچىنىڭ سوغۇق شامىلى سۆڭەكتىن ئۆتەتتى، بۇ چاغدا سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەنىدى. قۇرۇق نان يەپ، ئازراق سۇ ئىچىپ، يەرگە نەچچىنى تېپىۋېتىپ، قولىنى ئۇۋۇلىۋەتكەندىن كېيىن جاڭ يەنخۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن يەنە داۋاملىق ئىشلىدى.

  ئون نەچچە سائەت جىددىي رېمونت قىلىش ئارقىلىق، سائەت 5 تىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇلار كابېل تېرمىنالىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاپ، 35 كىلوۋولتلۇق مالەن لىنىيەسىنىڭ 3515- لىنىيەسىدە توك يەتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  مەھەللە شۇجىسى: ئائىلىسىدە ئايرىۋېتىلگەن ئاھالىلەر كۆكتاتلىرىنى يەپ بولدىمۇ ؟

  «بۈگۈن يۈەنشياۋ بايرىمى، يەتتە ياشلىق قىزىم تاغىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقىلى 12 كۈن بولدى، ئەتىگەندە يۈەنشياۋ يېدىغۇ دەيمەن. يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ھېلىقى ئائىلىسىدە ئايرىۋېتىلگەن ئاھالىلەر كۆكتاتلىرىنى يەپ بولغانمىدۇ بىلمىدىم، سەل تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھۆددە كادىرىنى تېلېفون بېرىپ تەپسىلىي سوراپ بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرايلى. «قىزىم، بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش «جېڭى»دە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، دادىڭىز سىزگە بىر نەچچە كۈن ھەمراھ بولۇپ ياخشى ئوينىتىدۇ.

  __ ۋاڭ شاۋپېڭ

  ئەتىگەن سائەت 9 دا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لوكېلۇن كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شاۋپېڭ يۈز ـ كۆزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەت خاتىرىسىنى ئېلىپ شۇ كۈندىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى رەتلەشكە باشلىدى.

  تۇنجى كۈنى كەچتە، ۋاڭ شاۋپېڭ سائەت بەشكىچە ئالدىراش ئىشلىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ، كۆزلىرى قىزىرىپ، چىرايىدىن ھارغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

     تېلېفون جىرىڭلىدى، «بۈگۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسى 36.4 سېلسىيە گىرادۇس، سىرتقا چىقمىدى، ئۆيدە قاتتىق كۆزىتىلدى ...» تېلېفوندا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى سىرتتىن بۇ تەۋەلىككە كۆچۈپ كىرگەنلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە كۆزىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىۋاتاتتى.

  مەھەللىنىڭ كۈندىلىك بىر تۈرلۈك  مۇھىم  خىزمىتى سىرتتىن كەلگەنلەرنى ئۆيدە كۆزىتىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىسىدە ئايرىۋېتىلگەنلەرنى مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ چارلاپ تەكشۈرۈش، مەخسۇس ئادەم  ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىپ يۇقىرىغا يوللاش، تەلەپ بويىچە ئارخىپ قىلىپ ساقلاش، كۆزىتىش خادىملىرىغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆكتات ۋە ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، ھەر كۈنلۈك ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىش ۋە كارىدورنى دېزىنفېكسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ تەۋەلىكتە ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەن بىر ئاھالە مەركەزلەشتۈرۈپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىغا بېرىشنى خالىمىدى. ۋاڭ شاۋپېڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يول بويى بۇ ئائىلىگە يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۈچ سائەت سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى بۇ ئاھالىنى قايىل قىلىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ تېببىي كۆزىتىشكە ماسلىشىدىغان قىلدى.

  بۇ بىر كۈندە، ۋاڭ شاۋپېڭنىڭ ئاغزى ئاساسەن بىكار بولۇپ باقمىدى، مەھەللە خادىملىرى بىلەن سۆزلىشىش، ئۆي ئىگىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش ... كەچ سائەت 11 دىن ئاشقاندا، ئۇ ئاندىن «بىكار» بولدى. كۈندىلىك خاتىرىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يان تېلېفونىنى ئېلىپ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان قىزى بىلەن تېلېفونلاشتى، «بۈگۈن تاغىڭىزنىڭ ئۆيىدە نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟ تاپشۇرۇق ئىشلىدىڭىزمۇ؟ گەپ ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ...»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى