تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەر! يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى «يالتىراق نۇرلۇق يېشىل رەڭ» كىشىلەرنى چەكسىز خاتىرجەم قىلدى...

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان

  مۇنداق بىر توپ كىشىلەر

  يۇقۇمغا قارشى جەڭدە قىلچە چېكىنمىدى

  ئۇلار مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى

  ئۇلار دەل

  شىنجاڭدىكى بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى

  كۈندۈزى، ئۇلار ئاپتوموبىل ئېقىمى ئارىسىدا يۈرۈپ

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى

كېچىسى، كۆپچىلىك ئۇيقۇغا كەتكەندە

زىمىستان قىشا ئۇلار يەنىلا ئورنىدا چىڭ تۇردى

  ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق

  خەلق ساقچىلىرىنىڭ سادىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى جانلىق نامايان قىلماقتا

  شۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

  بۇ «يالتىراق نۇرلۇق يېشىل رەڭ» كىشىلەرنى چەكسىز خاتىرجەم قىلىدۇ

ھەسەنبېك سىماش

   ھەسەنبېك سىماش بورتالا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇ بورتالا شەھىرى چىڭدېلى كوچىسىدىكى بورتالا ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە دوختۇرخانا ئالدىدا ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قالماسلىققا، يېشىل يول ئېچىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    

ئەنۋەر جۈرئەت

   ئەنۋەر جۈرئەت ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى شەرقىي شەھەر ئايلانما چوڭ ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۇدا 15 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان ئۇ، مانتىنى يەپ بولالمايلا ئۇخلاپ قالدى.

  

ئىلھام ياسىن

   ئىلھام ياسىن قەشقەر شەھىرى مىڭيۈ يولى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى پىدائىيلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.

  

لى خۇي

   لى خۇي چاغانتوقاي ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى، سۈرەتتە: ئۇ چۆچەك ۋوگزالىغا بېرىپ يۇرتىغا قايتقان ئاممىنى ئېلىۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

  

باتۇبايىر

 باتۇبايىر شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى. 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇ خىزمەتدىشى، خېجىڭ ناھىيەلىك دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى ما خۇيزى بىلەن بىللە، خېجىڭ ناھىيەسى خۇەنچېڭنەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا شەھەردىن چىققان ئاپتوموبىل، كىشىلەرنى تەكشۈردى.

  

نايىنتا

 نايىنتا بورتالا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇ S305 لىنىيەسىنىڭ قوش ئۆگۈز تەكشۈرۈش پونكىتىدا بورتالا شەھىرىگە كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئادەم، ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا مەسئۇل بولدى.

  

توقتاسىن مۇقان

 توقتاسىن مۇقان جىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى. ئۇ جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-غۇلجا يولىدىكى يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماسكا تاقىمىغان شوپۇرلارغا ھەقسىز ماسكا تارقىتىپ، ماسكىنى توغرا تاقاش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى، ئۇ يەنە يولدىن ئۆتكەن شوپۇرلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى پائال تەشۋىق قىلدى.

يەنە مۇنداق تەسىرلىك دەقىقىلەر بار...

 

  ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى»لەر

  تىنچ، خاتىرجەم يىللارنىڭ «قوغدىغۇچى» لىرى

  بۇ ئىس-تۈتەكسىز «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە

  ئۇلار باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ

  ئامما ئۈچۈن پولاتتەك مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلدى

  

(يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى تەمىنلىگەن)

ئۇلارغا ئېھتىرام

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى