تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇرۇۋاتقىنىم ئەڭ ياخشى سەھنە، «مەن كۆپچىلىككە ناخشا ئېيتىپ بېرەي»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا خەۋىرى): «ھازىر ۋەتىنىمىز بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قىلماقتا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىرلىكتە بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك...» 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسى جېلئاغاش بازىرىدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى ئالدىدا، 32 ياشلىق ئۈزۈم داۋا ھاياجان بىلەن سۆز قىلغاندىن كېيىن ناخشىسىنى باشلىدى.

  ئۈزۈم جېلئاغاش بازارلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەشۋىشىنى پەسەيتىپ، كۆپچىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ جېلئاغاش بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى مارزىگۈل ئىلاش بىلەن بىر كۆچمە لابانى كۆتۈرۈپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ، كۆپچىلىككە ناخشا ئېيتىپ بەردى.

  «مەن ‹مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم› دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بېرەي، كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ئۈزۈم مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئاممىۋى سورۇندا ناخشا ئېيتىشىم، سەھنە ۋە چىراغ نۇرى بولمىسىمۇ، ناخشىنى ناھايىتى تەمكىن ئېيتتىم. بولۇپمۇ، ئاھالىلەرنىڭ دېرىزىنى ئېچىپ، ماڭا رېتىملىق چاۋىكى بىلەن مەدەت بەرگىنىنى كۆرۈپ، تۇرۇۋاتقىنىمنىڭ ئەڭ ياخشى سەھنە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى «لەپىلدەپ تۇرغان كىچىك قىزىل بايراقلار ماڭا كۆپچىلىكنىڭ بىزنىڭ يۈرەك سۆزىمىزنى چۈشەنگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى». مەن قازاقچە «يۇرتۇم» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردىم، ناخشام ئارقىلىق كۆپچىلىككە ھازىر يۇرتىمىزدا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە، بىز ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئورنىمىزدىن دەست تۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولدۇم. كىچىك قىزىل بايراقلار ماڭا «يۇرتداشلار ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

  ناخشا ئاۋازى ياڭرىغان چاغدا، جېلئاغاش بازىرىدىكى ئاھالە ئاتىمە ئېرى ۋە بىر جۈپ پەرزەنتى بىلەن ئەمدىلا چۈشلۈك تاماق يەۋاتاتتى. ئۇلار دېرىزىدىن ئۈزۈم ۋە مارزىگۈلنىڭ بىنا ئالدىدا ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ماسكىسىنى تاقاپ، دېرىزىدىن كىچىك قىزىل بايراقنى پۇلاڭلىتىپ ناخشىغا جور بولدى. «شۇ ۋاقىتتا ئەتراپقا قارىسام، قوشنىلارمۇ بىزگە ئوخشاش دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ، ئۇلارغا چاۋاك چېلىۋېتىپتۇ، بۇ كۆرۈنۈش بىزنى ناھايىتى ھاياجانغا سالدى» دېدى ئاتىمە.

  2018-يىلى 2-ئايدا، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىدىن نەپ ئالغان ئاتىمە ۋە يۇرتداشلار يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. يەرلىك ھۆكۈمەت كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئاچتى، ئاتىمە ۋە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «بىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن ئىنتايىن مىننەتدار، شۇڭا بۇلتۇرقى دۆلەت بايرىمىدا بازارلىق ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن پائالىيەتتە تارقىتىلغان كىچىك قىزىل بايراقنى ئۆيدە ساقلاۋاتىمىز» دېدى ئاتىمە مۇخبىرغا يۇرتداشلارنىڭ قولىدىكى قىزىل بايراقنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ.

  «يېقىندىن بۇيان، بازاردىكى كادىرلار ھەر كۈنى تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلەپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا ناخشا ئېيتقان ئىككىيلەنگە چىن كۆڭلۈمدىن چاۋاك چالدىم.» ئاتىمە مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھەممە ئادەم قاتناشقۇچى. ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا ئاز چىقىشى، يىغىلىش قىلماسلىقى، بۇ جەھەتتە تۆھپە قوشۇشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملار، مەھەللە كادىرلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن ھىچقانچە ئىش ئەمەس.

  ئاتىمە ئېيتقاندەك، ئۇلارغا ناخشا ئېيتىپ بەرگەن ئۈزۈم 25 كۈن ئۆيىگە قايتمىغان. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەكشۈرۈشى، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئىگىلەش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش... ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00دىن باشلاپ، ئۇلار ھەتتا ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 3:00كىچە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىكەن. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتە، ئۈزۈم دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى بىر مەھەللىدىكى خىزمەتچى ۋە پىدائىيلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا بېرىپ، ئاھالىلەرگە ناخشا ئېيتىپ بېرىپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتكەنلىكىنى، ناھايىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ مارزىگۈل بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، چۈشتىن كېيىن ئولتۇراق رايونلارغا بىر-بىرلەپ بېرىپ، كۆپچىلىككە ناخشا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار بازاردىكى بارلىق ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ ناخشا ئېيتىپ، كۆپچىلىككە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدى. «ئاپتونوم رايون تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش 1-دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ھەر بىر شىنجاڭلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا، مەن پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.» ئۈزۈم قەتئىي ئىشەنچ بىلەن «بىز بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى