تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇقۇمغا قارشى جەڭگە ئاتلانغان ئۇلار ھەم ئەر-خوتۇن ھەم سەپداش

2-ئاينىڭ 9-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 11 ئەتراپىدا، چېن يەنمېي ۋۇجوۋ شەھىرى ۋۇلىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تىزىملاپ، يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇاڭشى ۋۇجوۋ شەھىرى ساڭۋۇ ناھىيەسى چاڭفا مەھەللىسى مەركىزىي دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى لى جيەنخۇي 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا ئۆتكەن-كەچكەن ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش، يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى دەل جايىدا يۇقىرىغا يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئوخشاشلا 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، لى جيەنخۇي بىلەن بىر دوختۇرخانىدا سېسترا بولۇپ ئىشلەيدىغان خوتۇنى چېن يەنمېي ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، دوختۇرخانا باشلىقىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا بېرىپ نۆۋەتچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «بىز ئەر ـ خوتۇن، تېخىمۇ مۇھىمى سەپداش!» لى جيەنخۇي ئەر-خوتۇن ئىككىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، بىر –بىرىگە كۆڭۈل بۆلدى، لېكىن ئۇلار ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ بولغىنى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاش بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لياۋ ۋېي فوتوسى)

2-ئاينىڭ 9-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 12 دە، لى جيەنخۇي ۋۇجوۋ شەھىرى ۋۇلىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تىزىملاپ، يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

2-ئاينىڭ 9-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 12 دە، چېن يەنمېي لى جيەنخۇي بىلەن ئىسمېنا ئالماشتۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئېرىگە قىيمىغان ھالدا قايتتى.

2-ئاينىڭ 9-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 11 يېرىم ئەتراپىدا، چېن يەنمېي خىزمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئېرى لى جيەنخۇي ئېلىپ كەلگەن قارا شېكەر سۈيىنى ئىچمەكتە.

2-ئاينىڭ 9-كۈنى كېچە سائەت 10 دىن ئاشقاندا، چېن يەنمېي ۋۇجوۋ شەھىرى ۋۇلىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا خىزمەت تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرماقتا.

2-ئاينىڭ 9-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 11 دە، لى جيەنخۇي يان تېلېفون ئېكرانىغا قاراپ كىيىملىرىنى رەتلەپ، خوتۇنى چېن يەنمېي بىلەن ئىسمېنا ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى