تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

【«يۇقۇم»غا قارشى جەڭدىكى ھېكايىلەر】 «مەن پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدىم»

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ خۇەن خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە، قابا ناھىيەسى مىڭجۇ شەرقىي يولى مەھەللىسىدىكى كادىرلار مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزاسى نىياز ئابدۇل ئېلىپ كەلگەن ئالتە ساندۇق تەييار چۆپ، بەش يەشىك سۇ ۋە 30 قىزىق ناننى تاپشۇرۇۋالدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىن ئېلىش-تىزگىنلەش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، نىياز مۇشۇنىڭ بىلەن مەھەللىگە 2-قېتىم ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشىگە ياردەم بەردى.

  «بۇ بىر قانچە كۈندە، پۈتۈن ناھىيەدىكى پارتىيەلىك كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىنتايىن جاپا چەكتى، ئۇلار دائىم ئالدىراش بولغاچقا، تاماق يېيىشكە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، مەن ئازغىنە كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى نىياز.

  نىياز قابا ناھىيەسى مىڭجۇ شەرقىي يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، پارتىيە ئەزاسى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل ناھىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلدى.

  «خوجايىن، سىزدە ماسكا بارمۇ؟»

  «ماسكا بار، لېكىن ساتمايمەن. ھازىر ئالاھىدە مەزگىل، ناۋادا سىزگە كېرەك بولسا، مەن سىزگە بىر قانچىنى سوۋغا قىلاي»

  بۇ، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى نىياز تىجارەت قىلىۋاتقان تاللا بازىرىدا يۈز بەرگەن بىر كۆرۈنۈش. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يۈز بەرگەندىن بۇيان، نىياز ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزى زاپاس ساقلىغان ماسكىنى چىقىرىپ، ماسكا تاقىمىغان ئاممىغا ياكى ماسكا سېتىۋېلىشقا كەلگەن خېرىدارلارغا ھەقسىز تەمىنلىدى. نىياز تىجارەت قىلىۋاتقان تاللا بازىرىدىكى بارلىق ماللار ئەسلى باھاسىنى ساقلىغان بولۇپ، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، تەييار چۆپ قاتارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈپ سېتىلغان.

  «نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى كېچە-كۈندۈز يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، مەن پەقەت بىر پارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدىم، مەن كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى نىياز.

  يېقىندا، نىياز قابا ناھىيەلىك قىزىل كىرىست جەمئىيتىگە كېلىپ، ۋۇخەنگە 2000 يۈەن ئىئانە قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى