تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامىنە: يالغۇز ئايرىلىپ تۇرغان 14 كۈندە نۇرغۇن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشتىم ۋە چوڭقۇر تەسىرلەندىم

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامىنە ئەخمەتنىڭ ئايرىلىپ تۇرغانلىقىنىڭ 14-كۈنى بولۇپ، سەھەر سائەت 8دە ئورنىدىن تۇرۇپلا قىلغان بىرىنچى ئىشى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش بولدى، ℃36.6، تېمپېراتۇرىسى يەنىلا ئىنتايىن نورمال، يۆتىلىش، نەپەس جىددىيلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر يوق بولۇپ، روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئۇ دەرھال مەھەللىگە دوكلات قىلدى. چۈشتىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى يەنە ئۆيگە كېلىپ، ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.

  14 كۈن توشتى، ئەمما ئۇ يەنە داۋاملىق ئۆيىدە كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئايرىپ كۆزىتىش ئۆزۈمگە مەسئۇل بولغانلىق، ئەتراپتىكىلەرگە مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا دۆلەتكە مەسئۇل بولغانلىق بولىدۇ.

  بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، ئامىنە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىگە تۇغقان يوقلىغىلى بېرىپ، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى، ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرتتى، ئۇ چوڭ چامدىنىنى ئېلىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. تىيانشان رايونى فۇچۈەن كوچىسى خېڭچاڭ ئوۋجىڭ مىڭيۈەن 1-قارار ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال چىقتى، ئارقىدىن، باشقا يۇرتتىن قايتقانلار ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش زۆرۈر بولغان 14 كۈننى باشلىدى.

  «ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ بىۋاستە، ئۈنۈملۈك چارىسى، مەن ئەلۋەتتە ئاكتىپ ماسلىشىشىم كېرەك» دېدى ئامىنە، بۇ 14 كۈندە ئېرىشكەن شۇنچە كۆپ كۆيۈنۈش ۋە تەسىرلەندۈرۈشلەر ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

  مەھەللە خىزمەتچىلىرى توختىماي قاتراپ توڭلاتقۇنى تولدۇردى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى

  بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ئامىنە پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى چۆچەكتە كادىر بولۇپ، ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئېرى سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قازا قىلغان، كېيىن ئوغلى توي قىلىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەچكە، ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرگەن.

  بۇ قېتىم ئۆيىدىن 40 نەچچە كۈن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆيدە ھېچقانداق يېمەكلىكنىڭ قالمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلگەندىن كېيىن، شۇ كۈنىلا ئۇنىڭغا گۈرۈچ، كۆكتات ۋە ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

  «ھەدە، بۇ سىز ئېھتىياجلىق گۆش، كۆكتات، نان، سىزگە يەنە نېمە كېرەك بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ!» 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكى مەسئۇل كادىر ھۈسەنجان مەخمۇت يەنە ئۇ ئېھتىياجلىق نەرسە-كېرەكلەرنى ئەكىلىپ بەردى. ھەر قېتىم نەرسە-كېرەك يەتكۈزگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق تاپىلاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، «مەن ئاۋارىچىلىقتىن قورقمايمەن، ھەدە سىز ئۆيدە خاتىرجەم ياخشى ئارام ئېلىڭ».

  ئامىنە ھەر قېتىم ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: كەم نەرسىلەرنى دەماللىققا تولۇق ئويلاپ بولالمايمەن، نېمە كەملىكى ئېسىمگە كېلىپ مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ئېيتقان ۋاقتىمدا، ئۇلار قىلچە ئاغرىنماستىن دەل ۋاقتىدا ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئۆيدىكى قۇرۇق توڭلاتقۇ شۇنداق قىلىپ توشۇپ كەتتى.

  ئىشىك يوچۇقىدىن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقى كىرگەندە، ئامىنە مەھەللە كادىرى دۇەن لىنانىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. «ئۇ ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىزنىڭ كارىدورىنى دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، مېنىڭ ئىشىك تۇتقۇچۇمنى دېزىنفېكسىيەلەپ بېرىدۇ، ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويغان ئەخلىتىمنى تاشلاپ بېرىدۇ» دېدى ئامىنە.

  «ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈشى بولغاچقا، تۇرمۇشۇم ئاساسەن تەسىرگە ئۇچرىمىدى» دېدى ئامىنە مۇخبىرغا، ئايرىلىپ تۇرۇش مەزگىلىدە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى «ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى»، «كۆكتات توشۇغۇچى»، «دېزىنفېكسىيەلىگۈچى»گە ئايلاندى، ھەتتا ئاھالىلەرنىڭ «ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش خادىمى» بولدى، ئۇلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ناھايىتى كۆپ، دەم ئېلىش ۋاقتى ناھايىتى ئاز، كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ ھەم تەسىرلىنىدۇ.

  مەھەللە شۇجىسى كۆڭۈلدىكى تۈگۈننى يەشتى، 80 ياشلىق ئانىسىنى يوقلاپ ئۇلارنى سىندا كۆرۈشتۈردى

  ئامىنەنىڭ 80 ياشلىق ئانىسى كىتاب ئوقۇشنى، گېزىت كۆرۈشنى، شېئىر يېزىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قەدىناسى قازا قىلغاندىن كېيىن، پەرزەنتلىرىگە يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىر ئامىنە بىلەن بىر يول ئايرىلىپ تۇرىدىغان خېڭچاڭ ئوۋجىڭ مىڭيۈەن 2-قارار ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ.

  يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامىنە ئانىسىدىن بەك ئەنسىردى. «ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى، ئادەتتە ئاكا-سىڭىل بەشەيلەن نۆۋەتلىشىپ ئۇنى يوقلاپ تۇراتتۇق، ھازىرقى يۇقۇم ئەھۋالىدا ئۆي ئارىلاپ يۈرۈشكە بولمايدۇ، ئانام ئۆيدە يالغۇز قالدى» دېدى ئامىنە، بۇ قېتىم ئۇ ئانىسى بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئىككى ئاي بولاي دېگەن ئىدى، شۇنداقلا بەك سېغىنغان ئىدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى فۇچۈەن كوچىسى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھۆرلىقا ئابدۇللا ئامىنەنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن، مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىگەندىن كېيىن ئامىنەنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. مومايغا قىزىنىڭ ئايرىۋېتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، مومايغا تەسەللى بەردى، يەنە يان تېلېفون ئارقىلىق ئانا-بالا ئىككىسىنى قىسقىغىنە سىنلىق «كۆرۈشتۈردى».

  «سىن ئۇلانغان شۇ دەقىقىدە، كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز تۆكۈلدى، ئانامنى كۆرۈۋالغانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى ھاياجانلانلىنىپلا قالماي، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى شۇجىسىنىڭ ماڭا ئالاھىدە ياردەم بەرگەنلىكىدىن  تەسىرلەندىم» دېدى ئامىنە.

  «ۋىرۇس رەھىمسىز، ئادەملەر مېھىر-شەپقەتلىك، ئادەم ئايرىلسىمۇ، مۇھەببەت ئايرىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىشقا بولمايدۇ، بىز ئايرىۋېتىلگەن ئاھالىلەرنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى  ئامالنىڭ بارىچە قاندۇرىمىز» دېدى ھۆرلىقا، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدا ئايرىۋېتىلگەن ھەر بىر ئاممىنىڭ ئۈندىدارى بار، ئۇ ھەر كۈنى تېلېفون قىلىپ، ئۈندىداردا ھال سورايدۇ، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كۆكتات قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولسا ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئايرىۋېتىلگەن ئاھالىلەرگە ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنىسىنىڭ دوستلۇقى، ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇققا نەرسە-كېرەكلەرنى قويۇپ غەمخورلۇقنى يەتكۈزۈش

  جۇڭ يۈپىڭ ئەر-خوتۇن ئامىنەنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە ئولتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى.

  «مەن ئۆيدە ئايرىۋېتىلگەن بۇ كۈنلەردە، جۇڭ يۈپىڭ سىڭلىم ئۈندىداردا مەن بىلەن پاراڭلاشتى، ئىشىك ئالدىمغا ئورۇندۇق قويۇپ، جىددىي كېرەكلىك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى بەك ئالدىراش، بەزىدە تاماق ئېتىۋاتقاندا پىياز، سامساق كەم بولۇپ قالسا، سىڭلىمغا ئەكەلدۈردۈم» دېدى ئامىنە.

  جۇڭ يۈپىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشى، ئۇچرىشىش ئارىلىقىنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا مەن ئامىنە ئاچامنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بىر ئورۇندۇق قويۇپ، نەرسە يەتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىپ، ئامىنە ئاچامنىڭ ۋاقىتلىق ئېھتىياجىنى ھەل قىلدىم.

  جۇڭ يۈپىڭ(سولدا) بىلەن ئامىنەنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى.

  بۇلتۇر قۇربان ھېيتتا، جۇڭ يۈپىڭ(سولدا) ۋە ئوغلى (ئوڭدا) ئامىنەنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلدى.

  راستنى ئېيتقاندا، ئايرىۋېتىلگەن بۇ بىر قانچە كۈندە مېنى تەسىرلەندۈرگەن ئادەم ۋە ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولدى، مەنمۇ خەۋەرلەردىن بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇشىمىز يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىشقا ئەڭ زور تۆھپە قوشقانلىقىمىزدۇر، شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشنى توغرا تونۇشىنى، قېيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئامىنە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ