تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جېجياڭنىڭ چىڭيۈەندىكى ۋاقىتلىق دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىدا، شىنجاڭلىق قىزغىن كىشىلەر خالىس ئىشچى بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكىچە، ئۇدا يەتتە سائەت بىردەممۇ ئارام ئالماي، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي خىش توشۇش، سېمونت توشۇش، جازا قۇرۇش، جېجياڭ ئۆلكىسى چىڭيۈەن ناھىيەسىدىمۇ «خوشېنشەن» دوختۇرخانىسىغا ئوخشاش ۋاقىتلىق دوختۇرخانا قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭلىق ئاشخانا خوجايىنى نەسىردىن مويدىن ئاشخانىسىدىكى تۆت خادىم بىلەن خالىس ئىشچى بولدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى چىڭيۈەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدىغان ئۆي قۇرۇلۇشىنى باشلىغان، بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى تەخمىنەن 1298.8 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە يەنىلا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ.

  «مەن ئىش قىلغىنىمغا پۇل ئالمايمەن، خالىس ئىشچى بولىمەن»

  2- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىر نەسىردىننى زىيارەت قىلدى، ئۇ 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن، 2014-يىلى چىڭيۈەن ناھىيەسىگە بېرىپ ئىشچى بولغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ 50 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، شىنجاڭلىق تۆت خادىم ئىشلەيتتى.

  2- ئاينىڭ 2- كۈنى، نەسىردىن يان تېلېفونىدا مۇنداق ئىشچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرىدۇ: چىڭيۈەن ناھىيەلىك «خوشېنشەن» دوختۇرخانىسى سۇ، توك ئىشچىسى، ياغاچچى، فار-فۇر خىش چاپلىغۇچىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. «مەنمۇ يۇقۇمغا قارشى ئازراق كۈچ چىقىرىشنى ئويلاپ يۈرگەچكە، ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن ئولتۇرالماي قالدىم، گەرچە مەن سۇ، توك ئىشچىسى، ياغاچچى بولمىساممۇ، لېكىن مەن توشۇش ئىشىنى قىلالايمەن.» دېدى نەسىردىن. ئۇ كېيىن قېلىپ تىزىملىتالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،  توكسىكلىتىنى مىنىپ، ئىشچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىدىكى ئادرېس بويىچە ئىش ئورنىغا يېتىپ بارىدۇ. «مەن قارا ئىشچى بولاي، يەنە تۆت خادىممۇ مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدۇ، مەن قىلغان ئىشىمغا پۇل ئالمايمەن، خالىس ئىشچى بولىمەن.» دەيدۇ ئۇ.

  ئارقىدىنلا، نەسىردىن دۇكاندىكى تۆت خادىمغا تېلېفون قىلىپ ئۇلارنى چاقىرىپ كېلىدۇ، بەشەيلەن بىرلىكتە نەق مەيداندا ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. خىش توشۇش، يۆتكەش، سېمونت توشۇش، يۆتكەش، ئۇلار بەشەيلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، نەق مەيداندىكى تام قوپۇرۇش ئىشچىلىرىغا ئاددىي ئىشچى بولىدۇ. «بىزگە بىخەتەرلىك قالپىقى، ماسكا ۋە پەلەي تارقىتىپ بەردى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىدە تاماق يەۋېلىپ كېلىپ ئىشلەيدۇ، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، چۈشلۈك تاماقمۇ يېمەي تاكى چۈشتىن كېيىنگىچە ئىشلەيمىز.» دېدى نەسىردىن.

  ۋاقىتلىق دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، يەنە نەسىردىنگە ئوخشاش خالىس ئىشچىلار ئاز ئەمەس، كۆپچىلىك بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق تاماملاشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

  قىزغىن، ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ياخشى نامى تارقالدى

  «نەسىردىن قاتارلىق بەشەيلەننىڭ ئىش ئورنىدا خالىس ئىشلەۋاتقان ۋىدىيوسى تورغا يوللانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى تارقىتىپ، ئۇلارغا ئالقىش بەردى. مەن نەسىردىن بىلەن تونۇشقىلى بىر نەچچە يىل بولۇپ قالدى، ئۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان.» دېدى چىڭيۈەن ناھىيەلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ شىڭلەي.

  ئەسلىدە، 2016-يىلى، نەسىردىن شۇ جايدىكى پىدائىيلار ئەترىتىگە قوشۇلغان، ھەمدە ۋاقتى بولسىلا پىدائىيلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. «تۇنجى قېتىم پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋاقتىمدا، بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بارغانىدۇق، مەن ئۆزۈم ياققان نانلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا بەردىم، يەنە كاۋاپمۇ بار، ئۇلار ناھايىتى ياخشى كۆردى، باشقىلارغا ياردەم بېرىپ ئۆزۈممۇ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.» دېدى نەسىردىن.

  ھەر يىلى يازدا، چىڭيۈەن ناھىيەسىدە تاغ ناخشىسى بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، نەسىردىنمۇ بېرىپ ئىشچى بولىدۇ، ئۇ پىدائىيلارنىڭ قىزىل جىلىتكىسىنى كىيىپ، قاتناشقا قوماندانلىق قىلىپ، نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى ساقلايدۇ. 2019-يىلى 9-ئايدا، نەسىردىن شۇ جايدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 2500 يۈەن ئىئانە قىلىدۇ.

  «مەن كاۋاپ يايمىسى ئېچىشتىن ئۆزۈمنىڭ دۇكىنى بولغۇچە، ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم، چىڭيۈەن ناھىيەسىدىكى يۇرتداشلارغا كۆپ رەھمەت، مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىم ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن.» دېدى نەسىردىن.

  نەسىردىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىجارىسى ئەرزان دۇكان تېپىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چىڭيۈەن ناھىيەلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنى ئېلىپ ئىككى كۈن ئىزدىگەنلىكى؛ دۇكاننى بېزەيدىغانغا پۇل يېتىشمىگەندە، چىڭيۈەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كادىر-ساقچىلىرى پۇل ئىئانە قىلىپ ئۇنىڭغا ۋىۋىسكا ياسىتىپ بەرگەنلىكى؛ دۇكاندا تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك يەنە دوستلار چەمبىرىكىدە تەشۋىق قىلىشىپ بەرگەنلىكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئېسىدە ئىكەن. «مەن ئەڭ ياخشى خام ماتېرىيال، ھەقىقىي شىنجاڭچە تەم بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىگە جاۋاب قايتۇردۇم، شۇڭا سودام بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.» دېدى ئۇ.

  نەسىردىننىڭ ئېيتىشىچە، چىڭيۈەن ناھىيەسى ئۇنىڭ ئىككىنچى يۇرتى ئىكەن، ئۇ شۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن دوستلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بالىسىمۇ شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. «مەن قاراقاش ناھىيەسىدىكى دادامغا، دوختۇرخانا قۇرۇلۇش ئورنىدا خالىس ئىشچى بولغانلىقىمنى دېسەم، دادام بۇ ئەركەكنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەپ، مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىش قىلىشىمغا مەدەت بەردى.» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى