تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا مەخسۇس يولىدىن 566سى تەسىس قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈ جىجۈەن، خۇاڭ شىن): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خادىملارنى جىددىي توشۇشنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېشىل يول ئېچىپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جىددىي ماددىي ئەشيالار ۋە خادىملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يول خېتى»نى بېسىپ تارقاتتى، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى مەخسۇس يولىدىن 566سى تەسىس قىلىندى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇ ئىدارە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش خىزمىتىنى  پۇختا، ياخشى ئىشلىگەن: بىرىنچىدىن، ھەر قايسى ئورۇنلاردىن «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ تېز يول يۈرۈش جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى»نى پائال تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش جىددىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ تېز يول يۈرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇم ئەھۋالىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىدارىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەڭ كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىقنى تېجەپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ توشۇلۇشىنىڭ تېز، ۋاقتىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان؛ ئىككىنچىدىن، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش مەخسۇس يولى» تەسىس قىلىپ، ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل يولىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمدىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرى ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش كۆرسەتمە تاختىسىنى ئورنىتىپ، ئەڭ ئاددىي، ئېنىق ئۇسۇل بىلەن ئاممىنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمغا قارشى ماددىي ئەشيالارنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن؛ ئۈچىنچىدىن، قاتناش ساقچىلىرى، يول مەمۇرىيىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى، بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونى، قۇرۇلۇش يول بۆلىكى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلاردا خادىم كۆپەيتىپ، قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش ۋە ئاپتوموبىللارنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يول يۈزى قاتنىشىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ماددىي ئەشيالار ۋە دوختۇر، ئاغرىقلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ تېز يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان. تۆتىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ئاپتوموبىللىرىنىڭ راۋان يۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر قايسى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قاتناش سىستېمىسىدىكى خادىملارنىڭ كۈچىنى قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى