تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ياخشى ھاراقتىن ساقلاپ قويدۇم، ۋاقتى كەلگەندە ئىككىمىز بىر نەچچە رومكىدىن ئىچىشەيلى» - ۋۇخەنگە جەڭگە ئاتلانغان ئوغۇلغا يېزىلغان بىر پارچە خەت

  بىرەر قېتىم تېلىفون، ھەتتا بىرەر تال قىسقا ئۇچۇرمۇ كەلمىدى. ئوغلى چېڭ جىجۈن ۋۇخەنگە جەڭگە كەتكەندىن بۇيان، چېڭ فاجۇڭنىڭ ئۆيىدىكى تېلېۋىزوردا خۇبىي سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىلا قويۇلىدىغان بولدى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ھەرقانداق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ «زور كۈچ» سەرپ قىلىپ ئوغلىغا خەت يازدى ھەمدە كۆپ قېتىم ئۆزگەرتتى، ئاخىرىدا يەنىلا ئوغلىغا ئەۋەتمىدى.

  ئوغلىدىن پەخىرلىنىش

  ئوغلىنىڭ ۋۇخەنگە جەڭگە ئاتلانغانلىقىدىن، چېڭ فاجۇڭ ئىچ-ئىچىدىن پەخىرلىنەتتى.

  23 ياشلىق چېڭ جىجۈن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى دوختۇرخانىسىنىڭ دورىگىرى، چاغان مەزگىلىدە، ئۇ ئىزچىل دوختۇرخانىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىككى قۇر كىيمىنى يىغىشتۇرۇپلا، دەرھال قوشۇنغا ئەگىشىپ ۋۇخەنگە ماڭدى. يولغا چىقىش ئالدىدا، چېڭ جىجۈن ئەستايىدىللىق بىلەن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازدى.

  2-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى داخېيەنزى بازىرىدىكى چېڭ فاجۇڭ بىلەن ئالاقىلەشتى.

  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆيىگە تېلېفون بېرىپ، ئۆزىنىڭ ۋۇخەنگە بېرىشقا تىزىملاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پىكرى بار-يوقلۇقىنى سورىغان. ئەينى چاغدا، ئۇ دەرھاللا «پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر سېنى قوللايمىز» دېگەن.

  تېلىفوننى قويۇپ بىر مىنۇت بولمايلا، ئوغلى ئەتىسى يولغا چىقىدىغانلىق خەۋىرىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتكەن، چېڭ فاجۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ «ئوغلۇم ئاۋۋال تىزىملىتىپ بولۇپ، ئاندىن بىزگە ئۇقتۇردى، ئۇ بىزنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ» دېدى.

  چېڭ فاجۇڭ گەرچە دېھقان بولسىمۇ، لېكىن داۋلى چۈشىنەتتى، ئوغلى يولغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ خوتۇنى بىلەن ئۈچ كېچە تۈزۈك كىرپىك قاقمىغان بولسىمۇ، كېيىن يەنە ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق، دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى.

  چوڭ ئوغلى چېڭ چۈەنجۈنمۇ تېببىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئىنىسى يولغا چىققان تۇنجى كۈنىلا ئاتا-ئانىسىغا «ئەنسىرىمەڭلار، دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى كەسپىي خادىملار، چاتاق چىقمايدۇ» دېگەنىدى.

  چېڭ جىجۈننىڭ رەسىمى.

«ئاۋارە قىلمايلى، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانسۇن»

  گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنىلا ھەر كۈنى ۋۇخەندىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ، ۋۇخەن جياڭخەن رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەيتتى، «ئۇلارنىڭ ئېھتىمال جياڭخەن رايونى ئەتراپىغا كەتكەنلىكىنىلا بىلىمىز.» چېڭ فاجۇڭنىڭ تېلېفونى 24 سائەت ئوچۇق تۇراتتى، پات-پات چېڭ جىجۈننىڭ ئۈندىدار باش سۈرىتىنى چېكىپ قوياتتى، ئۇنىڭدا تېخىچە ئوغلى سەپەرگە ئاتلانغان چاغدا ئەۋەتكەن ئاۋازلا تۇراتتى.

  «مەن ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازمىدىم، تېلېفونمۇ ئۇرمىدىم، ئۇلارنىڭ بەلكىم قاتتىق ئىنتىزامى بار، ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچماسلىقىمىز كېرەك، ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ كۆپرەك ئارام ئېلىشى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەزىپىنى ئورۇندىشى كېرەك»دېدى چېڭ فاجۇڭ «ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇنداق يېقىنچىلىق قىپ كېتىدىغان ئادەت يوق».

  چېڭ فاجۇڭ تېلېۋىزوردىن تېببىي خادىملارنىڭ قوغدىنىش كىيىمى كىيىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ، ماسكا تاقاپ، يەنە چوڭلار زاكىسى تاقاپ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، چوپچوڭ ئوغلىنىڭ زاكا تاقاپ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماي قالدى. «چىداش كېرەك، بەرداشلىق بېرىش كېرەك، ئۇ چوقۇم قىلالايدۇ» دېدى چېڭ فاجۇڭ.

  ئاتا-بالا ئۈچەيلەننىڭ خاتىرە سۈرىتى( سولدىن بىرىنچىسى چېڭ جىجۈن، ئوڭدىن بىرىنچىسى چېڭ فاجۇڭ).

  «ياخشى ھاراق ساقلاپ قويدۇم، قايتىپ كەلگەندە بىللە ئىچەيلى»

  چېڭ فاجۇڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئوغلىغا خەت يازدى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بىراقلا بۇنچە كۆپ گەپ قىلىشى ئىدى.

  بۇ خەتنى چېڭ فاجۇڭ نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت ھەممىمىزنىڭ ئۇنىڭغا مەدەت تىلەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىمەكچى، خەتتە بەك ئەنسىرەشنى ئىپادىلەشكە بولمايدۇ، يېزىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ياخشى ئىپادىلىيەلمەي قالدىممۇ دەپ تۇغقانلارغا كۆرسەتتىم، مەندەك پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە ئادەمگە بۇ ھەقىقەتەن ئاسان توختىمىدى».

  ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزگىنىگە بىر يىل بولغان ئوغلىنى يەنىلا «بالا» دەپ ئويلايتتى، بۇ قېتىم بالىسىنىڭ چوڭ بولغىنىنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىىگە ئالالايدىغان بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  چېڭ فاجۇڭ ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز سۈرەتكە چۈشىدىغانلىقىنى، بالا كىچىك ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ يەر تېرىپ بالىلارنى ئوقۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، بالا چوڭ بولغاندا مەكتەپتە يېتىپ-قوپقانلىقىنى، ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا خىزمەتكە چۈشكەنلىكىنى، ھەتتا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇش تامىقى يەيدىغان ۋاقتىنىڭمۇ ناھايىتى ئازلىقىنى ئېيتتى.

  چېڭ فاجۇڭ خەتكە مۇنداق بىر ئابزاس قوشتى: «مەن، ئاپاڭ ۋە موماڭ سېنىڭ غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىشىڭنى كۈتىمىز، سەن قايتىپ كەلگەندە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر كوللىكتىپ سۈرەتكە چۈشەيلى، جەم بولۇش تامىقى يەيلى. ھە راسىت، مەن ئەڭ ياخشى ھاراقتىن ساقلاپ قويدۇم، ۋاقتى كەلگەندە ئىككىمىز بىر نەچچە رومكا ئىچىشەيلى».

  680 خەتلىك بۇ بىر پارچە خەتنى چېڭ فاجۇڭ قولدا يېزىپ تاماملىدى، ئاخىرىدا يەنىلا ئوغلىغا ئەۋەتمەي، ئوغلىنىڭ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى ھەمدە «ئۇ قايتىپ كەلگەندە كۆرسۇن!» دېدى.

  چېڭ جىجۈن (سولدىن بىرىنچى) خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە.

  «مەن خەتنى كۆردۈم»

  مۇخبىر چېڭ جىجۈنىڭ ئارام ئېلىش پەيتىدە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشتى. چېڭ جىجۈن دادىسىغا ئوخشاش ئىچ مىجەز بولۇپ، دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا خەت يازغىنىغا ھەيران قالغانىدى.

  چېڭ جىجۈن ھازىر ۋۇخەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا. چېڭ جىجۈن تۇرۇشلۇق داۋالاش ئەترىتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە يېتىپ بارغان. «ھەر جەھەتتىن ياخشى، خاتىرجەم بولۇڭلار.» چېڭ جىجۈن ئۆزى تۇرۇۋاتقان مۇھىتنى ئاددىيلا تەسۋىرلەپ بەردى.

  ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى دورا باشقۇرۇش بولۇپ، دورا تارقىتىشقا مەسئۇل ئىدى، ئۇ ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئىنچىكىلىك بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلاتتى، ياتىقىغا قايتقاندىن كېيىن بېرىپلا ئۇخلاپ قالاتتى، يان تېلېفونغا قارايدىغان پۇرسەتمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.

  «كىچىكىمدىن دادام بىلەن ناھايىتى ئاز پىكىر ئالماشتۇرىمىز، بۇ قېتىم ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ گەپ قىلغىنىنى كۆردۇم، كۆڭلۈمدىكى ھېسسىياتنى ئۆزۈممۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن» دېدى چېڭ جىجۈن، ئۇ دادىسىغا جاۋاب قايتۇرمىغانىدى.

  ئۆزى بىلەن ئوخشاش كەسىپتىكى ئاكىسى ئۆيدە بولغاچقا، چېڭ جىجۈن بىر قەدەر خاتىرجەم ئىدى.

  چېڭ جىجۈن ئۆزىنىڭ تېخى دادىسى بىلەن ھاراق ئىچىپ باقمىغانلىقىنى، بۇ قېتىم قايتىپ «تەكلىپكە بىنائەن» دادىسى بىلەن بىللە ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى ئېيتتى...

  مۇخبىر «دادىڭىزغا جاۋاب خەت قايتۇرماپسىز، دادىڭىزغا دەيدىغان گېپىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. «خاتىرجەم بولۇڭ، ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، تىنچ-ئامان قايتىپ بارىمەن» دېدى چېڭ جىجۈن. (تىيانشان تورى مۇخبىرى گو لىڭ يازغان، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

                                              «学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ