تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممىسى «جەڭچى»! شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەڭ گۈزەل «قارشىسىغا ماڭغۇچىلار»غا ئېھتىرام بىلدۈردى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى

ھەر ۋاقىت كۆپچلىكنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

ۋەھشىي يۇقۇم ئالدىدا

شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا،

كۆپ خىل شەكىلدىكى بەدىئىي ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە مەدەت بەردى.

  خەن روڭ: «ئاددىي تۇرمۇشتىكى قوغدىغۇچىلار»

«يۇقۇم»غا قارشى كۈچنى سىزىپ چىقىش

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 1- ئاينىڭ 29- كۈنى «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتايلى» دېگەن تېمىدا تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى قولىدىكى رەسىم قەلىمىنى قورال قىلىپ، پائال ھەرىكەتلىنىپ، نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كەڭ داۋالاش-پەرۋىش قىلىش خىزمەتچىلىرىنى مەدھىيەلەپ، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى تەشەببۇس قىلدى.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت جەمئىيىتى تور ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق، 138 پارچە جۇڭگوچە رەسىم، 62 پارچە ماي بوياق رەسىم، 79 پارچە سۇ بوياق رەسىم، 83 پارچە كارتون رەسىم، 126 پارچە باسما رەسىم، تەشۋىقات رەسىمى، چاتما رەسىمنى توپلىدى.

فۇ جيەنفېڭ: «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش»

چەي شىنچۈن: «<يۇقۇم>غا قارشى جەڭدىكى ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن»

يالقۇن غازى: «چىڭ تۇرۇش»

چۇ شياۋلى: «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى»

  زورەم ياسىن: «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قەھرىمانلار»

  جاڭ شۈ: «قىيالماسلىق»

  ليۇ جيەنشىن: «تاڭ سەھەردە»

  كۇەي جېنمىڭ: «پورەكلەپ ئېچىلىش»

  چىن تيەنشىڭ: «تۈن پەردىسى ئاستىدىكى پەرىشتە»

  جاۋ خۇڭلىن: «ئەڭ گۈزەل جۇڭگولۇقلار»

  جېڭ روڭخۇي: «غەلىبە نۇرى»

  سۈن گوشىڭ: «بىرىنچى سەپ»

  شياۋ خۇي: «زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمەن»

  جېڭ روڭخۇي: «تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىش  ۋۇخەنگە مەدەت بېرىش»

  ليۇ شياۋچېڭ: «بىرىنچى سەپ»

  قۇدرەت قۇزى: «خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنى قۇرۇش»

  نىڭ يەن، لى ۋېيۋېي: «بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت»

  نىڭ يەن: «ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا زەربە بېرىش»

  ۋاڭ شيەنجوڭ: «تار يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، باتۇرلار غەلىبە قىلىدۇ»

  تاڭ شياۋدەن: «ئۆيدە ئولتۇرۇش ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىك»

  لو شياۋكۈي: «ھاياتلىقنى قوغدىغۇچى»

  «يۇقۇم»غا قارشى سادالارنى ناخشا قىلىپ ئېيتىش

  «ھەر قېتىملىق ھايات-ماماتلىق سىناقتا، كۆز يېشى، بەرداشلىق ۋە ئېتىقاد بار. سېنىڭ ئازابىڭدىن مەن غەم يېدىم، سېنىڭ قەيسەرلىكىڭنى مەن كۆرەلەيمەن ...» يېقىندا، شىنجاڭدىكى مۇزىكانتلار بىرلىكتە ئىجاد قىلىپ، تاسقىن ئورۇنلىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ناخشىسى «باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلغاندا» رەسمىي تارقىتىلدى.

http://uy.ts.cn/video/003/514/999/00351499909_vw00000000000001_95c378b1.mp4

  بۇ ناخشىنى بارلىق «قارشىسىغا ماڭغۇچىلار»غا ۋە ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ھەر بىر ئاددىي كىشىلەرگە تەقدىم قىلىمىز.

  ئاشۇ قىش كۈنلىرىدە يوقىتىپ قويغانلىرىمىزغا چوقۇم ھەسسىلەپ ئېرىشەلەيمىز، يەنە ئازراق كۈتۈپ تۇرايلى، باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلغاندا، بىز گۈل تاماشا قىلىشقا ۋەدىلىشەيلى، خىزمەت، ئۆگىنىش ئۆزئارا ھەمراھ، سالامەت، ئامان ئېسەن بولايلى...

  ناخشا ئىجادىيەتچىسى، تېكىست يازغۇچىسى شيامۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ناخشىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى كىرىشتۈرۈلۈشىنى ئۈرۈمچى، بورتالا، غۇلجا ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى شىنجاڭلىق نۇرغۇن مۇزىكانتلار بىرلىكتە تاماملىغان.

سۈرەتنى شيامۇ تەمىنلىگەن

  توردا بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش، ۋىدىيولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلار پەقەت ئۈچ كۈندە ناخشا تېكىستىنى ئىجاد قىلىش، نوتا يېزىش، مۇزىكا ئىشلەش، ئوركېستىرلاشتۇرۇش ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى كىرىشتۈرۈشنى تاماملاپ بولغان.

  «بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق دەل بىزنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىمىزغا ئامالسىز قالغانلىقىمىز بولدى، مەن خالمۇرات بىلەن ماسكا تاقاپ، ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىدە ئۇدا ئۈچ كۈن ئولتۇردۇق، يۈزىمىزگە ماسكىنىڭ ئىزى چىقىپ كەتكەنىدى، كەچتە ئۆيگە قايتىپ يۈزىمىزنى يۇيغىنىمىزدا، شۇ يەرگە تەگسىلا ئاغرىدى، بىراق 1-سەپتىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ بىزدىنمۇ بەك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ئويلىدۇق» دېدى شيامۇ.

  بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان داڭلىق ناخشىچى تاسكىن ئۆيىدىكى ئاددىي ئەسلىھەلەر ئارقىلىق پۈتۈن ناخشىنى ئاۋازغا ئېلىشنى تاماملاپ، ئاخىرقى باسقۇچتىكى كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بەرگەن.

  ناخشىنىڭ مۇزىكا ئىشلىگۈچىسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كومپوزىتورى خالمۇرات مۇنداق دېدى: «بۇ خەلق ناخشىسى ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرنىڭ يېقىملىق ۋە جانلىق مېلودىيەسى ئارقىلىق بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئازارق بولسىمۇ تەسەللىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  ناخشىنىڭ تېكىستىدە باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلغان چاغدىكى كەيپىياتنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، مۇزىكا ماسلاشتۇرۇشقا گىتتار، باس گىتتار قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق چالغۇلاردىن باشقا، يەنە مىللىي چالغۇ سىبورگېنى ئىشلىتىپ، پۈتۈن ناخشىنىڭ مۇزىكىسى تېخىمۇ گۈزەل تۇيغۇغا ئىگە قىلىندى.

  ئىجادىيەتچىلەر بارلىق كۈچنى قوزغاتتى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى بۇ ئاممىۋى پاراۋانلىق ناخشىسىنى ئىجاد قىلىشقا بەس-بەستە قاتنىشىپ، ھەرقايسىسى تەقسىملەنگەن ئىشنى ئۆز ئۆيىدە تاماملىدى. ساز چېلىش، گارمونىيە، ئارىلاش ئاۋاز، MVنى سۈرەتكە ئېلىش، كىرىشتۈرۈش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلار...

  بىز شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، ئەڭ گۈزەل ھېكايە ئۇچرىشىش بولماستىن بەلكى قايتا ئۇچرىشىشتۇر، باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلغاندا، بىز يەنە قايتىدىن جەم بولىمىز...

  شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىمۇ تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقام، راۋاب، ئاقىن ئېيتىشىشى قاتارلىق كىشىلەرگە يېقىن شەكىللەردە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى تەشۋىق قىلدى.

  قومۇل خەلق ساقچىسى مۇقام ئاھاڭىدا ناخشا ئېيتىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلدى.

  يېقىندا قومۇل چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى شيامايا چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ۋە قاراشلىق رايوندىكى 12 مۇقام ۋارىسى كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان 12 مۇقام ئاھاڭىدا ئاممىباب، يېقىشلىق شەكىلدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ناخشىسىنى يازدى ۋە ئېيتتى ھەم بۇ ناخشىنى قىسقا ۋىدىيو شەكلىدە ئاھالىلەرنىڭ ئۈندىدار توپى، دوۋيىنغا يوللىدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى تاشباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى نۇربىيە ئەركىن قاتارلىقلار ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئامما ياخشى كۆرىدىغان راۋاب چېلىپ ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يېزىلاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ساۋاتلىرىنى رەتلەپ ناخشا قىلىپ ئېيتتى، بۇ يېزىلاردىكى چوڭ كانايلاردا توختىماي قويۇلدى.

  مورى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئاقىن ماھىرلىرىدىن يېركىنبېك، سانىيە، راخمان ۋە نۇرجاينا قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئاقىن ئېيتىش شەكلىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ نېفىت-خىمىيە كوچىسى جيارۈي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى تاڭ ئېنجوڭ يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئامما تېز چۈشىنەلەيدىغان كۇەيبەن شەكلىدە ئېيتتى.

  قاتار-قاتار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى جانلىق جۈملىلەرگە ئۆزگەرتىلىپ، ئېنىق ھەم چۈشىنىشلىك رېتىمدا ئېيتىلىپ، كۆپچىلىكنى يۇقۇمغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش، ئۆيدە خاتىرجەم بولۇپ، سىرتقا چىقماسلىققا دەۋەت قىلدى.

  بۇ بىر مەيدان ئىس-تۈتەكسىز جەڭ بولۇپ، ھېچكىممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەمما شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پەقەت بىز تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، سۈبھىدىكى ئاشۇ نۇر ھامان قاراڭغۇلۇقنى بۆسۈپ چىقىدۇ.

  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىز ھەممىمىز «جەڭچى»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى