تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت، تەمىنلەش بولسا كاپالەت

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز نيۇ خەييەن، دىڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رىزۋانگۈل مەمەت خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيە توخې ئۇن زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى گۈكىرەپ، ئامباردىكى خالتا-خالتا ئۇنلار رەتلىك تىزىلىپ، ئامباردىن چىقىشنى كۈتمەكتە ئىدى. بۇ زاۋۇتتىكى 40تىن ئارتۇق خىزمەتچى 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر كۈنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، بازارنى ئۇن بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر خىل ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازار تەمىناتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىر شايار ناھىيەسى شۈنخۇەن سانائەت باغچا رايونىغا بارغاندا، شايار يىكاڭ ياغ چەكلىك شىركىتى باكلىق قاچىلاش سېخىدا، ئىشچىلارنىڭ ئۇچىسىغا بىر تۇتاش خىزمەت كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، يېمەكلىك ياغ ئىشلەپچىقىرىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىشكەنلىكى، يەشىكلەرگە قاچىلانغان يېمەكلىك ياغلارنىڭ ناھىيەنىڭ ھەر قايسى ئاشلىق-ياغ سېتىش نۇقتىلىرىغا تارقىتىلىشىنى «كۈتۈپ» تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.  

شايار ناھىيەسى جاۋياڭ ئاشلىق، ياغ سودا-سانائەت چەكلىك شىركىتىمۇ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، ئىشچىلار ھەر قايسى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ئوراش-قاچىلاش سېخىدا  ئوراپ قاچىلانغان خالتا-خالتا ئۇنلارنى ئىشچىلار بىر يەرگە يىغقاندىن كېيىن ئامبارغا يەتكۈزۈۋاتاتتى.

مۇخبىر شايار ناھىيەسى جاۋياڭ ئاشلىق، ياغ سودا-سانائەت چەكلىك شىركىتىدە تەييار ئۇننىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ، رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆردى. بىر نەچچە ئىشچى توشۇش تاسمىسى ئارقىلىق بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا ئۇن قاچىلاۋاتاتتى، ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلدىكى ئۇنلار ئارال شەھىرىگە توشۇلىدىكەن.

ئەمدىلا خىزمەت كىيمىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا چىقىشقا تەييارلانغان سەمەت رېھىم مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆيۈم خەيلۇ بازىرىنىڭ خەيلۇ كەنتىدە، مېنىڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا نەچچە يىل بولدى. بۇ يىل چاغاندىن ھازىرغىچە دەم ئېلىپ باقمىدىم، ھەر كۈنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدۇق».

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شايار ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئاشلىق، ياغ كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى