تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى «كۆرۈشمەي مۇلازىمەت قىلىش» سىستېمىسى بەرپا قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جى سۈنلى، دېڭ باۋ خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتقان ھازىرقى مەزگىلدە، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە «كۆرۈشمەي مۇلازىمەت قىلىش» كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، خىزمەتچى خادىملار «بىز كۆپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىمىز» دېگەن ئىدىيە بويىچە، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا «ئىشتىن چۈشمەسلىك»، «ئورۇن كەم بولماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  «ياخشىمۇسىز، مەن مەھەللە خىزمەتچىسى، بۇ سىز ئېھتىياجلىق بولغان كۆكتات، ئۇن ۋە تېرمۇمېتر، مەن ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويدۇم» دېدى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە، مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسى گۇڭكۇاڭ يولى مەھەللىسىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئاھالە دىڭ لەنمېينىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭغا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ.

  بىر تېلېفون سىمىنىڭ بىر ئۇچى ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا، يەنە بىر ئۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ قىزغىن مۇلازىمىتىگە تۇتاشقان. گۇڭكۇاڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خې فاچاڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بىز <كۆرۈشمەي مۇلازىمەت قىلىش> تۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. مەھەللە كادىرلىرى ۋە تۆۋەنگە چۈشكەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تېلېفون، سىندا كۆرۈشۈش ئارقىلىق، ئۆيىدە ئايرىۋېتىلگەن ئاممىغا ماددىي ئەشيا بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى».

  پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت مەركىزى موڭغۇلكۈرە سۈرئىتىنى نامايان قىلدى، يېڭىچە تور سودا شەھەرچىسى(مۇڭغۇلكۈرە يوۋ شۇەن سودا شەھەرچىسى) ئېچىلىپ، ئاممىنى بارمىقىنى ئىشقا سېلىپلا توردا مال زاكاز قىلىش، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى، مۇلازىمەت دائىرىسى مال سېتىۋېلىش، تاماق زاكاز قىلىش، شەھەر ئىچى تۇرمۇش مۇلازىمىتى، داۋالاش- جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تېلېفون ۋە سىن ئارقىلىق، ئاممىنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى(国网)، ئېلېكتىر e گۆھىرى(电e宝)، چىقىمدان (支付宝) قاتارلىق توردا بېجىرىش مۇلازىمەتلىرىنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا سۈرۈشتۈرۈش ۋە چىقىم قىلىش كەسپى بىلەن تەمىنلىدى.

  موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى تەشەببۇسنامە تارقىتىپ، خېرىدارلارنىڭ يان تېلېفون بانكىسى، تور بانكىسى، ئۈندىدار بانكىسى قاتارلىقلاردا جىددىي كەسىپلەرنى بېجىرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

  بىر قاتار ««كۆرۈشمەي مۇلازىمەت قىلىش» تۈرلىرى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ناھايىتى ياقتى. مۇلازىمەت ئوبيېكتى بىلەن مۇلازىمەت قىلغۇچى كۆرۈشمەي، توپلاشماي، ئۇچراشماي تۇرۇپلا ئالاقىدار مۇلازىمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش ئارقىلىق، ئادەملەرنىڭ توپلىشىشى، يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشى ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ ئېھتىماللىقىدىن ساقلىنىلدى. بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان پارتىيەلىك كادىرلار بۇ مۇلازىمەتلەرنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن قاتراۋاتىدۇ، لېكىن پارتىيەلىك كادىرلار بۇنىڭدىن قىلچە باش تارتمىدى ۋە ئاغرىنمىدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى