تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئۈچ ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئۈچ ئاغرىق ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ۋە بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۇنىۋېرسال دىياگنوز قويۇپ داۋالىشى نەتىجىسىدە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنىڭ ساقىيىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكتىن، شۇ كۈنى رەسمىي دوختۇرخانىدىن چىقتى.

  بۇ ئۈچ ئاغرىقنىڭ بىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 47 ياشلىق ئەر ئاغرىق بولۇپ، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋۇخەندىكى ئۆگىنىشتىن شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئايرىپ داۋالانغان، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. يەنە بىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 52 ياشلىق ئەر ئاغرىق بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ۋۇخەندە خىزمەت قىلغان، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋۇخەندىن شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭدا قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئايرىپ داۋالانغان، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. ئاخىرقى بىرى تۇرپان شەھىرىدىكى 25 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋۇخەندىن شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش، قورسىقى كۆپۈش، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرسەتكەن، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ، ئايرىپ داۋالانغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كېسەللىك مىساللىرى دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ، جۇڭيىچە-غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال داۋالاپ، ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈنۈملۈك تېزلەتكەن. ئۈچ ئاغرىق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئايرىش كېسەلخانىسىدىكى تېببىي خادىملار كوللىكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، كېسەللىك ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامىتىدە ياخشىلىنىش بولغان، ئۆپكە تەسۋىر ئىلمىدە كېسەل ئوچىقىنىڭ سۈمۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلىپ، بەدەن تېمېپراتۇرىسى ئۇدا نەچچە كۈن نورمال بولغان، نەپەس يولى كېسەللىك مەنبەسى بولغان نۇكلېئىك كىسلاتاسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەنپىي بولۇپ، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى نورمال بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزەتكەندىن كېيىن باھالاش ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسى (سىناق 5-نۇسخىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»نىڭ كېسەللىك مىسالىنى ئايرىشنى بىكار قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ماس كەلگەنلىكتىن، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى