سانجى گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۆ ۋېنلىڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ شىيۈچۈن(西域春) سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پائال ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ئايروپورت گۇرۇھى يېشىل كەسىپ شىركىتى بىلەن بىرلىكتە، 48 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 800 يەشىك سۈت مەھسۇلاتىنى ئايروپىلاندا ۋۇخەنگە يەتكۈزۈپ، «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزدى.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، شىنجاڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كارخانا مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ داۋاملىق گۇاڭدۇڭ، خۇبېي ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا سۈت، قېتىق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىئانە قىلدى. 2-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، شىركەت ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيانىڭ قىممىتى 813 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋۇخەن ۋۇچاڭ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، جۇڭنەن دوختۇرخانىسىغا ئىئانە قىلىنغان سۈت مەھسۇلاتلىرى، مىنېرال سۇ، تەييار چۆپ قاتارلىق ماددىي ئەشيا 120 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
شىركەتنىڭ مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى خې يۈتىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە شىركەت نورمال خىزمەت قىلىدىكەن، «سۈپەتكە، باھاغا، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كەڭ ئاممىنىڭ «سۈت بوتۇلكىسى»نى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن. «بىز ئىئانە پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېدى خې يۈتىڭ.
سانجى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى