تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى جىددىي ئىشلەپچىقارماقتا

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى چاۋجىڭ يۇيۇش بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلىماقتا. بۇ شىركەت يېقىندا بىر يۈرۈش ئاپتوماتىك قاچىلاش لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

2-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) جۇڭيا پەن-تېخنىكا رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايرىش كىيىمى پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە. بۇ كارخانا 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ماسكا ، ئايرىش كىيىمى قاتارلىق مۇھاپىزەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل