تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خۇبېيدىن كەلگەن خەت| روزىمەمەت پۇل ئىئانە قىلىپ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە ياردەم قىلدى، قىزىنى بىرىنچى سەپكە ئەۋەتمەكچى بولدى

  ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش  شياۋگەن خەنچۇەندە تۇرۇشلۇق بىر شىنجاڭلىق قېرىنداش پۇل ئىئانە قىلىپ شياۋگەننىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بەردى

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شياۋگەن خەنچۇەن شەھىرىدە سودا قىلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىلىك روزىمەمەت ئەبەي خەنچۇەن شەھەرلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتىگە 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، روزىمەمەت ئەبەي بارلىق كاۋاپ يايمىلىرىنى تاقاپ، بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئويلىغان.

  خەنچۇەندە 18 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن روزىمەمەت ئەبەي خەنچۇەن شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جوۋ گورۇڭغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ خەنچۇەن شەھەرلىك ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەرۋىش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان قىزىنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ ياردەم بېرىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان.

  روزىمەمەت ئەبەينىڭ ئاددىي سۆزىدە مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە كۈچلۈك جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى تۇيغۇسى بار. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىقى ئۇنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىككىنچى قېتىم پۇل ئىئانە قىلىشى ئىكەن.

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى