تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

توشۇش، ياردەم بېرىش، پوستتا تۇرۇش، ئۈرۈمچى پىدائىيلىرىنىڭ ئالدىراش سىيمالىرىغا قاراڭ!

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن): يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، خەلق ساقچىلىرى، تېببىي خادىملار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار ئاممىنى قوغدىغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن پىدائىيلار ھەر قايسى جايلاردا چېپىپ يۈرۈپ، «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش جېڭىدىكى كۈچلۈك ياردەمچى كۈچكە ئايلاندى. چاغاندىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش پىدائىيلار جەمئىيىتىدىكى 3000غا يېقىن پىدائىي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىگە كىرىپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇپ، ماسكا زاۋۇتىغا بېرىپ ياردەم قىلىپ، مەھەللىلەردە مۇلازىمەت قىلدى...

  «ھەدە، سىرتقا چىقىشقا ئالدىرىماڭ، سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، يەنىلا ئۆيگە قايتىپ تۇرۇپ تۇرۇڭ، بىزنى چوقۇم چۈشىنىسىز، توغرىمۇ؟» 2-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىدا، 51 ياشلىق رابىگۈل قىزىل رەڭلىك پىدائىيلار جىلىتكىسى كىيىپ سەۋرچانلىق بىلەن بىر ئاھالىگە ئۆيىگە قايتىشقا نەسىھەت قىلدى. 2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ بۇ ئولتۇراق رايوندا نۆۋەتچىلىك قىلغاندىن بۇيان، بۇنداق ئىشقا ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇردى. «پوزىتسىيەسى مۇلايىم بولۇشى، سۆزى سىپايە بولۇشى، چۈشەندۈرۈشى جايىدا بولۇشى لازىم» رابىگۈل خىزمەت تەسىراتىنى شۇنداق خۇلاسىلىدى. 2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا ئىش ئورنىغا چىقىپلا خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىر ئاھالە ئۇنىڭ ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالماي ئاچچىقلاندى. ئەمما مەھەللە كادىرلىرى باشتىن-ئاخىر سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ، ئۇ ئاھالىگە ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى چۈشەندۈردى. بۇ ئىش رابىگۈلدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇ مەھەللىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە ئىش ئورنىدا ئادەم كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال مەھەللە پىدائىيلىقىغا تىزىملاتتى. ئۇنىڭ خىزمىتى ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا دىجورنىلىك قىلىپ، كىرىپ-چىققان كىشىلەر، ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىدى. تۇنجى قېتىم 2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىن سائەت 10غىچە ئىشلىدى. گەرچە مامۇق چاپان كىيگەن بولسىمۇ، يەنىلا توڭلاپ كەتتى، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرغاچقا پۇتلىرى ئىششىپ كەتتى. لېكىن 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەندە ئۇ يەنە ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى، چۈش سائەت 1:30دە، ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ ئۆيىگە قايتىپ بالىسىغا تاماق ئېتىپ بەردى، ئۆزى ئازراق تاماق يېگەندىن كېيىن، يەنە ئىش ئورنىغا قايتتى. «مەن كۆڭلۈمدە تەييارلىق قىلىپ قويغان، ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىساملا، ھەر قانچە ھېرىپ كەتسەممۇ مەن رازى،» 20 يىل ئاممىۋى پاراۋانلىق خىزمىتى ئىشلىگەن رابىگۈل شۇنداق دېدى.

  رابىگۈل ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ يەنە بىر پىدائىيسى لۇ يىڭشىن ماسكا زاۋۇتىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. يىپ ئۇچىنى كېسىش، باغلاش، قاچىلاش... 56 ياشلىق لۇ يىڭشىن ئالدىراشلىقتا چۈشتىن بۇرۇن بىر يۇتۇم سۇمۇ ئىچمىگەنىدى. «بىز بىر مىنۇت تېزراق ئىشلىسەك، بىرىنچى سەپتىكىلەردە بىر ئۈلۈش بىخەتەرلىك كاپالىتى كۆپىيىدۇ.» 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، لۇ يىڭشىن ۋە جەمئىيەتتىكى 40 نەچچە پىدائىي ئىككى ماسكا زاۋۇتىغا بۆلۈنۈپ ئون نەچچە سائەتتىن ئارتۇق ياردەملەشتى.

  كۆپچىلىكنىڭ قولىدىكى بۇ تۈركۈم ماسكىلارنى پىدائىيلار پۇل يىغىش قىلىپ سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئىئانە قىلماقچى. پىدائىيلار سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسكا زاۋۇتىغا كېلىپ ياردەملەشتى. «لۇ ئاچا، مى يېزىنەمنىڭ قىلغان ئىشىغا قاراڭە، نېمىدېگەن رەتلىك!» بىر پىدائىي بىر چەتتە ماسكا چىگىۋاتقان مى ۋېنچېڭنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدى.

  كۆپچىلىك «مى يېزىنە» دەپ ئاتايدىغان بۇ ئادەم لۇ يىڭشىننىڭ ئېرى بولۇپ، يۇقۇمغا زەربە بېرىش باشلانغاندىن بۇيان، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن پىدائىي ئىزچىل ئالدىراش بولۇپ كەلدى. «ئېرىمنىڭ گېپى ئاز، ئەمما نەدە ئىش بولسا، شۇ يەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شوپۇرلۇق، توشۇغۇچىلىق، ئالاقىلاشقۇچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى قىلىدۇ.» دېدى لۇ يىڭشىن.

  دەل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئەر-خوتۇن ئىككىسى يەنە جەمئىيەت تەشكىللىگەن سۈت يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئەتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت 8گىچە ئالدىراش بولدى، ئەر-خوتۇن ئىككىسى 50 نەچچە پىدائىي بىلەن بىرلىكتە توققۇز دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارغا كارخانىلار ئىئانە قىلغان توققۇز ئاپتوموبىلدىكى 9000 يەشىككە يېقىن سۈتنى ئاپىرىپ بەردى، سۈتنىڭ ھەممىسىنى پىدائىيلار ئۆزلىرى چۈشۈردى.

  كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئەر-خوتۇن ئىككىسى بېلىكىنى كۆتۈرەلمەي قالدى. شۇ كۈنى دەل ئېرى مى ۋېنچېڭنىڭ 57 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. لۇ يىڭشىن بىر كۈن ئاۋۋالقى كۈنى كېچىدە تورت پىشۇرۇقىنى پىشۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئەتىسى گۈللىرىنى ياساپ، يەنە بىر ئۈستەل قورۇما تەييارلاپ، ئېرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەكچى بولغانىدى. «ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن تورت پىشۇرۇقى ئۈستىگىلا شامنى تىزىپ، خالىغان قورۇمىدىن قورۇدۇم، لېكىن ئېرىم شۇنداق خوش بولۇپ كەتتى، ئۇ، ئەزەلدىن بۇنداق ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى لۇ يىڭشىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  پىدائىيلار ئالدىراش بولغان ۋاقىتلىرىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش پىدائىيلار جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ يۇڭچياڭمۇ بىكار ئولتۇرمىدى. 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇ بىر نەچچە پىدائىي بىلەن يەنە بىر قېتىم مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى بىر زاۋۇتقا كېلىپ دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى توشۇپ، ۋوگزالدىكى بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدى. كېيىنكى ئىككى كۈندە، ئۇلار يەنە بىر توننا مېۋە ۋە بىر توننا كۆكتاتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان خادىملارغا ئاپىرىپ بەردى. «داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى، توكدان، يېمەكلىك قاتارلىقلار، پەقەت بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار ئېھتىياجلىق بولسىلا، جەمئىيەتنىڭ پىدائىيلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پۇل ۋە ماددىي نەرسە-كېرەك ئىئانە قىلىدۇ، كۆپچىلىك يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا كۆپرەك ئىش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ،» دېدى ۋاڭ يۇڭچياڭ.

  ۋاڭ يۇڭچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ پىدائىيلىرى ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. تور سىرتىدىكى پىدائىيلاردىن باشقا، يەنە پىدائىيلار توردا پۇل غەملەش، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلار بىلەن ئالدىراش. يېقىندا جەمئىيەت يەنە 30 كىشىدىن تەشكىللەنگەن يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنى داۋالاش، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش، ئارقا سەپنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا. «يۇقۇم چېكىندۈرۈلمىگۈچە، بىزمۇ چېكىنمەيمىز، پىدائىيلار ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرىمىز.» دېدى ۋاڭ يۇڭچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى