تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن خەۋىرى): ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

    «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملار ۋە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

  1. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ماسلىشىشنى رەت قىلىش قىلمىشى. ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشقا ماسلاشماي رەت قىلغانلار؛ ئاممىۋى سورۇندا ماسكا تاقىمىغان، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلار؛ سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى، كوچا باشقارمىسى(رايون باشقۇرۇش كومىتېتى)، مەھەللە، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قوللانغان بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەلنى تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ماسلىشىشنى رەت قىلغانلار.

  2. ئايرىۋېتىش تەدبىرىگە ماسلىشىشنى رەت قىلىش قىلمىشى. يۇقۇم ئەھۋالى نۇقتىلىق جايلار ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا قايتقانلار، شۇنىڭدەك يۇقىرىدا ئېيتىلغان خادىملار، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى بىلەن قويۇق ئۇچراشتى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ياكى گۇمانلانغان خادىملار بەلگىلىمە بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغانلار، خىزمەتچى خادىملار ئەھۋال ئىگىلىگەندە ئەينەن ئېيتمىغانلار؛ ئالاقىدار تەكشۈرۈش، ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىش، مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش، ئايرىپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار.

  3. تېببىي خادىملارنى زوراۋانلىق قىلىپ زەخمىلەندۈرۈش، داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى. تېببىي خادىملارنى ھاقارەتلىگەن، تەھدىت سالغان، قورقۇتقان، ئۇرغان، قەستەن زەخمىلەندۈرگەنلەر؛ تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، ماسكا قاتارلىق مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى قەستەن بۇزۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش، بىكاردىن چوقان كۆتۈرۈش، يوق يەردىن چاتاق تېپىش قاتارلىق داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار.

  4. كېسىلىنى قەستەن تارقىتىش قىلمىشى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ياكى قىزىتىش، يۆتىلىش قاتارلىق گۇمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا قەستەن ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغانلار؛ يۇقۇم ئەھۋالى نۇقتىلىق رايونلاردا ساياھەت قىلىش، ئولتۇرۇش تارىخى، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، يەنىلا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر.

  5. مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى شۇنداقلا ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلار؛ ئاشلىق، ياغ، گۆش، كۆكتات قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلار؛ مالنى كۆپلەپ بېسىپ قويۇپ، يۇقىرى باھادا سېتىپ كۆپ پايدا ئېلىپ، بازار تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار.

  6. ياساش، سېتىشتا ساختىلىق قىلىش قىلمىشى. ساختا، ناچار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ياسىغان، ساتقانلار؛ ساختا، ناچار ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەھسۇلاتلىرىنى ياسىغان، ساتقانلار؛ ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يالغاننى راست، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلار.

  7. پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قىلمىشى. ساختا يۇقۇم ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يۇقۇم پىتنە-ئىغۋاسى تارقىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى يالغاندىن تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۈندىدار، قىسقا ئۇچۇر، تور قاتارلىق يوللار ئارقىلىق قەستەن تارقاتقانلار.

  8. يۇقۇم ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشى. تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ، تور سۇپىسى قاتارلىق ئالاقە تورى يوللىرىدىن پايدىلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىش، توردا دىياگنوز قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئالدامچىلىق قىلغانلار.

  9. ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىش قىلمىشى. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەنلەر ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلار.

  10. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باشقا قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار.

    «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كەڭ ئاممىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى پائال پاش قىلىشقا، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئورتاق قوغداشقا چاقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل