تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ كارخانىلار بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇپ، بىر قولدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن بەسلەشتى.

پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنى تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتتى، خىزمەتچى خادىملار مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى تاقىدى، خىزمەت، تۇرمۇش رايونلىرىنى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلدى. نۆۋەتتە، شىركەت 4200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، يەتتە يول ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ھەممىسىدە نېفىت رايونىغا كىرىپ - چىققان بارلىق ئاپتوموبىللار، ئادەملەرنى تىزىملاش ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن بىللە، غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى يەنە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى قۇردى، چارلاش ساھەسىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى يەنە يىراق مۇساپىلىك سىندىن پايدىلىنىپ قۇدۇق ئورنىنى ئەلالاشتۇرۇپ تاللاشنى قانات يايدۇردى. قۇدۇق بۇرغىلاشنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىچكىرى رايونلاردىن بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى يەنە ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتىنى چىقىرىپ، ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىلارغا قارىتا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاشنى زورايتىپ، نېفىت بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ لەنشەن - تۈنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تۈنخې پولىئېستېر دەپ ئاتىلىدۇ)دە، ئىككى چوڭ ئاپتوبۇس يېڭىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان ياتاق رايونىدىن ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا كىردى، مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن 200دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ بولغان سېخقا تەرتىپلىك كىردى. ئىككى يۈرۈش ئەسۋاب، ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تېز سۈرئەتتە قوزغىتىپ، بىر كۈنلۈك ئالدىراش، تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى.

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭ باشلانغاندىن بۇيان، تۈنخې پولىئېستېرنىڭ ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، PBSA2 ،PBSA1نىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 96 توننا ۋە 145 توننىغا يەتتى. ھازىر، شىركەت بىرىنچى قارارلىق يىلىغا 2×30 مىڭ توننا PBSA ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا يەتكۈزۈش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، ئىككىنچى قارارلىق يىلىغا 240 مىڭ توننا تولۇق بىيولوگىيەلىك سۇسلاشتۇرۇلغان دېۋىرقاي ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاتتى. ئالدىنقى مەزگىلدىكى بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، لايىھەلىگۈچى تەرەپنىڭ ھۈنەر - سەنئەت لايىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىش ئاساسىدا، يېقىندا يىلىغا 240 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى مەبلەغ تەخمىنىي چوتى ۋە ئىككىنچى قارار تۈرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئومۇمىي گىرافىك ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تاماملىدى، كېيىنكى خىزمەتلەر تېزدىن ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 21دە، شىنجاڭ ناڭجياجيا يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شۈن ئالى دىڭ - دىڭ تورى ئارقىلىق توردا ئىش بېجىرىپ، دەل ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىش سىن يىغىنى ئاچتى.

شىركەتنىڭ يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى كۆكجاي كەنتىدىكى نان زاۋۇتىدا شۇ كۈنى 1500 نان ئىشلەپچىقىرىلدى ھەم ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نۇقتىلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

«نان زاۋۇتى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىر كۈندە 1200دىن 1500گىچە نان ياققىلى بولىدىغان بولدى، بۇ نانلارنىڭ ھەممىسى يەكەن ناھىيەسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈلدى. بۈگۈن نان يەتكۈزۈۋاتقىنىمىزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى» دېدى جاڭ شۈن. نان زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھەر كۈنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ھەممىسى ئالدى بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتتى ھەم دېزىنفېكسىيە قىلدى. خىزمەت مەزگىلىدە، زاۋۇتتا بېكىتىلگەن يېمەكلىك تازىلىقى ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ مەشغۇلات قىلىندى.

يېقىندا، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى بالا شىركەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەت رايونى، ئاشخانا قاتارلىق رايونلارنى ھەر كۈنى تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرى شىركەتكە كىرگەن بارلىق خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ شىركەتكە قاراشلىق شىنجاڭ خوتەن گوجىچۇ يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ ساپ سۇ ئىشلەپچىقاردى، كۈنىگە 500 تۇڭدىن ئارتۇق ساپ سۇ ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يېمەكلىك گۇرۇھىنىڭ مەركىزىي ئاشخانىسىدا بۆك كىيىپ، ماسكا تاقىغان ھەم بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان پەلەي كىيگەن ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. بۇ كارخانا مەخسۇس ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ. گۇرۇھنىڭ مەسئۇلى جاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى سېخ، ئۈسكۈنىلەرنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق دېزىنفېكسىيە قىلىمىز ھەم مەركىزىي ئاشخانىدا ئىسسىق زەنجىرلىك قاچىلىق تاماق ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، ئايرىم ئوراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىرتۇتاش قاچىلاپ تەمىنلىدۇق».

توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئەيجىمۇ ئاچچىقسۇ پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، قاچىلاش سېخلىرى بىرلىكتە ماسلىشىپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقاردى، خالتا - خالتا ئاچچىقسۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن تېز سۈرئەتتە «چىقىرىلدى». بۇ زاۋۇتنىڭ زاۋۇت باشلىقى سەمەت ئابلا مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپچىقاردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق».

قاتتىق باشقۇرۇش، ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش

قابا ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئاشىلى مىسچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، تېزدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىشىنى كۈچەيتتى ھەم ھەرىكەتچان دوكلات قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ رۇدا تاللاش زاۋۇتى سىلىقلاش - لەيلىتىش 1 - سېخىدا بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەر ماسكا تاقاپ ماشىنىدا پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فېڭ گوفۇ مۇنداق دېدى: شىركەت دەرۋازىدىن كىرىش ئىجازىتى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كاپالىتى ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا، ئادەم، ئاپتوموبىللارنىڭ خالىغانچە كىرىپ - چىقىشىنى چەكلىدى. بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، بىر قولدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇش جەريانىدا، بۇ شىركەت بۇ يىل 1 - ئايدا 4232 توننا مىس، 927 توننا سىنك ئىشلەپچىقىرىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىللىق پىلاننىڭ %9.8ى ۋە %8.57ىنى ئورۇنداپ، تۇنجى ئايلىق ئىشلەپچىقىرىشتىلا ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاقسۇ خۇاجىن خىمىيەۋى ئوغۇت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئورىيا سېخىنىڭ مەشغۇلاتچىسى بەي ۋېن ماسكا تاقاپ سېختا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. كارخانا تولۇق يېپىق شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى قوللىنىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنىڭ باش كونترول ئۆيى، مەشغۇلات ئۆيى، ئاشخانا، ياتاق بىناسى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى ھەر كۈنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلدى، ھاۋا ئالماشتۇردى. بۇ شىركەتنىڭ باش ئىنژېنېرى فېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ھازىر كارخانىمىز بىر كۈندە 1800 توننا ئورىيا ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار تاشيول ۋە تۆمۈريول ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا پۇختا ئاساس سالدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، شى شىن، ما يىنىڭ، جاۋ يۆ، يۈ شى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گۇڭ شىجيې، دېڭ لىجۈەن، سۇڭ خۇامىن، ۋاڭ فۇچۈەن، تاڭ جىڭ، ۋاڭ لۇڭجياڭ، ۋېي زىيۈن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى