تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قومۇل «249» تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئاياللار قوشۇنى: ھېرىپ-چارچىساقمۇ، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرىمىز

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر يې سۈي، لۇ يۈەن): يېڭىلا قۇرۇلغان قومۇل «249» يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەر ئالدىراش ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئايال خىزمەتچى ئاكتىپ، تىرىشچان، قىزغىن، ئىنچىكە بولغاچقا، «<249> ئاياللار قوشۇنى» دەپ ئاتالدى، ئۇلار ئۇدا 17 كۈن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە ئىشلەپ كەلگەنىدى.

  بۇ سەككىز ئايال ئايرىم-ئايرىم ھالدا قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ئاينۇر ئابدۇراخمان، شەھىدە ئابدۇراخمان، لى چيەنچيەن، لى جيامىن، ھاۋاخان غوپۇر، ئالىيە ئەخمەت ۋە ئېۋىرغول رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى ۋاڭ يەنفېن، مېي جۇ ئىدى.

  «بىز ھازىر قاتتىق باشقۇرساق، ئامما ئاندىن بىخەتەر بولىدۇ» دېدى ھاۋاخان غوپۇر. بۇ كۈنلەردە ئۇ ئىزچىل بىرىنچى سەپتە ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇچۇرىنى خاتىرىلەپ كەلگەنىدى. «249» يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش پونكىتى G30 لىنىيەسى بىلەن S249 لىنىيەسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان بولۇپ، قومۇل شەھەر رايونىغا كىرىدىغان يولدا ئىدى.

  نەچچە كۈندىن بۇيان، ھاۋاخان قىزىغا ناھايىتى ئاز تېلېفون قىلدى. ئۇ قىزىنىڭ ئون نەچچە كۈن ئۆزى بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە ئاغرىنىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. ئويلىمىغان يەردىن قىزى ئاپىسىغا تەسەللى بېرىپ: «ئاپا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ھەرگىز ئۆيدىن سىرتقا چىقمايمەن، مەندىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز چوقۇم قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىڭ، ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ھاۋا سوغۇق، قېلىنراق كىيىنىڭ، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قوغداڭ، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قوغدىيالايسىز. ئاپا غەيرەت قىلىڭ!» دېدى.

  ھاۋاخان غوپۇر: «بۇ يىل چاغاندا ئائىلەمدىكىلەرگە بەك كۆپ قەرزدار بولۇپ قالدىم. لېكىن بىر ساقچى، بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىشىم كېرەك. يۇقۇم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش تامىقى يېسەكمۇ بولىدۇ» دېدى.

  «ياخشىمۇسىز، ئۇچۇرىڭىزنى تەكشۈرۈپ باقاي »... تەكشۈرۈش جەريانىدا لى چيەنچيەن قىلچە بىخەستەلىك قىلمايتتى. «تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىسا، يول يۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ، بۇ ئىشتا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك».

  «ئۇزۇن ۋاقىت ماسكا تاقاۋەرگەچكە، بەزىلىرىمىزنىڭ قۇلاقلىرىغا قانلىق قاپارتمىلار چىقىپ كەتتى. كۆپچىلىك ئۇ جايغا يۇمشاق قەغەز قىستۇرۇپ ئاغرىق توختىتىشقا مەجبۇر بولدى» دېدى لى چيەنچيەن.

  لى چيەنچيەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كورلا شەھىرىدە بولۇپ، ئاپىسى خاتىرجەم بولالماي دائىم تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورايتتى. لى چيەنچيەن كۆپىنچە چاغلاردا تېلېفون قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالاتتى، ھەم ئاپىسىغا تېلېفون قايتۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى.

  «يۇقۇم -بۇيرۇق، ئىش ئورنى-جەڭ ئورنى» دېدى لى چيەنچيەن «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك».

  ئېۋىرغول رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن دوختۇر ۋاڭ يەنفېن ھەر كۈنى تېرمومېتىر بىلەن شوپۇرلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەۋېرىپ، كەچكىچە بېلەكلىرىمۇ تېلىپ كېتەتتى.

   «مېنىڭ ئەھۋالىم ياخشى، ئۇچۇر تەكشۈرىدىغان خىزمەتداشلىرىم جاپا چېكىۋاتىدۇ. بىر كەچ ئىشلىسە كۆزلىرىمۇ تورلىشىپ كېتىدۇ» دېدى ۋاڭ يەنفېن. تەكرار سۆز، تەكرار ھەرىكەتلەر گەرچە زېرىكىشلىك بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ يەنفېن قىلچە بىخەستەلىك قىلىپ باقمىدى.

  ۋاڭ يەنفېن مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئالدىدا قىلچە بىخەستىلىك قىلسام بولمايدۇ. گەرچە ھېرىپ-چارچىساممۇ، مۇشۇ يەرنى چىڭ ساقلىشىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئويلىسام، بۇ ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى