تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەرىشتە كىشىلەر ئارىسىدا، دەل دادامنىڭ يېنىدا ئىكەن!

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى): «سىلەر پەرىشتە ئىكەنسىلەر! پەرىشتە كىشىلەر ئارىسىدا، يەنە كېلىپ دەل دادامنىڭ يېنىدا ئىكەن!» يېقىندا، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر پارچە تەشەككۇر خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى، خەتنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 29 ياشلىق دىلدار تۇرسۇن يازغان ئىدى.

    «دادام تۇرسۇن ھاجى ۋۇخەندە بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى، بەختىمىزگە يارىشا ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ داۋالىشى بىلەن، دادام ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى» دېدى يېقىندا دىلدار ھاياجانلانغان ھالدا.

    دىلدارنىڭ دادىسى دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ۋۇخەندىكى ئىجارە ئالغان ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان قىزى دىلدار ھەر كۈنى دادىسى بىلەن تېلېفوندا سىنلىق سۆزلەشتى، «ئاپامنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، دادامنىڭ ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كەتتى» دېدى ئۇ.

    دىلدارنىڭ دادىسى تۇرسۇنغا تۆت يىل ئىلگىرى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى دەپ دىيئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، يىلبويى قان تازىلىتىپ داۋالانغاچقا، سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلاشقان. بۇلتۇر 11-ئايدا، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان.

    «ئاپام دوختۇرخانا ئەتراپىدىن بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ، دادامغا كۆچۈرۈلىدىغان بۆرەك مەنبەسىنى ساقلىدى، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگە كەلگەندىلا، دوختۇرخانا بىزگە بۆرەك مەنبەسىنىڭ تىپىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەم ئىككىنچى كۈنىلا ئوپېراتسىيە قىلدى، ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە، چاغاندىن بۇرۇن سىڭلىم بىلەن ۋۇخەنگە دادام-ئاپامنى يوقلىغىلى بارماقچى بولغان. ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئىككى يەرگە ئايرىپ قويدى.

    1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تۇرسۇندا تۇيۇقسىز تۆۋەن قىزىتما ئالامىتى كۆرۈلدى، كېيىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولدى، بەلگىلىمە بويىچە، ئۇنى چوقۇم يۇقۇملانغۇچىلار كېسەلخانىسىدا يىغىپ داۋالاش كېرەك ئىدى.

    «ئۇ چاغدا دادام ئەمدىلا ئوپېراتسىيەدىن چىققاچقا، بەدىنىنىڭ ئىممۇنتېت كۈچى ئاجىز ئىدى، ئىممۇنتېتنى تىزگىنلەش دورىسى(ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى چۈشۈرۈپ، غەيرىي تەسىرلەرنى ئېنىقلاش)نى ئىزچىل يېيىشى كېرەك ئىدى، ئەگەر ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىدىن ئايرىلسا، دادامنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ئىدى» دېدى دىلدار.

    يۇرتىدىن ئايرىلىپ، پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، دىلدارنىڭ ئاپىسى مۇنەۋۋەر تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن، يەنە كېلىپ ئالاھىدە كۈتۈنۈشكە مۇھتاج بولۇۋاتقان ئېرىگە قاراپ ھالسىراپلا قالدى. «ئاپام دادامغا بىلدۈرمەي ماڭا تېلېفون قىلدى، نۇرغۇن قېتىم يىغلىدى، مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ جىن دوختۇر ئارقىلىق جۇ پىروفېسسور بىلەن ئالاقىلەشتىم» دېدى دىلدار.

    دىلدار ئېيتقان جىن دوختۇر دادىسى تۇرسۇننىڭ مەسئۇل ۋراچ دوختۇرى جىن زېيا، جۇ پروفېسسور بولسا ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جوۋ جياڭچياۋ ئىدى.

    «بىمارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئالاھىدە، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئالاھىدە پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئىنتايىن تۆۋەن. ئەگەر يىغىپ داۋالاش ئۆيىگە يۆتكەلسە، پەرۋىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، يۇقۇم ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.» جوۋ جياڭچياۋ ئەھۋالنى دوختۇرخانا رەھبەرلىرىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    دوختۇرخانا مۇتەخەسسىسلەرنى قايتا-قايتا كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشقا تەشكىللىگەندىن كېيىن، تۇرسۇننى ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىدىكى بىر ئېغىزلىق ياتاقتىلا ئايرىۋېتىشنى، تېببىي خادىملار 3-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئالاھىدە پەرۋىش تەسىس قىلىپ، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى دورىلارنى ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەڭشەپ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاشنى قارار قىلدى.

    «يۆتكىمەيمىز، بىز مۇشۇ كېسەلخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز!» جوۋ جياڭچياۋ تېلېفوندا بۇ گەپنى قىلغاندا، دىلدار كۆز يېشىنى توختىتالمىدى، «ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي دادامنى داۋالىدى» دېدى ئۇ.

    بۇ ئالاھىدە بىمار ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىنى ئالدىراش قىلىۋەتتى.

    ھەر كۈنى ئەتىگەندە، جىن زېيا ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى، پەلەي، قوغدىنىش كىيىمى كىيىپ، بۇ ئالاھىدە كېسەلخانىغا كىرىپ ياتاق تەكشۈرەتتى.

   «بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك كېسەللىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىش، ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن يۈرەك رېتىمىنى كۆزىتىش خاتىرىسىگە دىققەت قىلىش ئارقىلىق بەدەن ئالاھىدىلىكىنى كۆزىتىش، ئوكۇل مىقدارى، قان شېكىرى، سۈيدۈك مىقدارى، قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي خاتىرىلەش كېرەك» دېدى جىن زېيا.

   «ئادەتتە بىز بۇنداق قوغدىنىش كىيىمىنى بەك ئاز كىيمىز، كېيىۋالساق ناھايىتى دىمىق، ھاۋا ياخشى ئۆتۈشمەيدۇ، لېكىن بۇ ئۆزىمىزنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.» سېستىرالار باشلىقى خۇاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: تۇرسۇن قان ئېلىش، ئوكۇل سېلىش قاتارلىق داۋالاشلارغا ناھايىتى ماسلاشتى، بەزىدە يەنە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئائىلىمىز توغرىسىدا قىزغىن مۇڭداشتۇق، ئۇ يەنە مېنى شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

    يەنە بىر تەرەپتىن، ۋۇخەندە ۋاقىتلىق ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىدە، ئاپىسى مۇنەۋۋەر مەھەللە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ مەخسۇس ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئېرىگە ئەتكەن تاماقنى خۇاڭ ۋېي ئارقىلىق كېسەلخانىغا ئاپىرىپ بەردى، گەرچە ئېرى بىلەن كۆرۈشەلمىسىمۇ، لېكىن تېببىي خادىملار تۇرسۇننىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزدى.

    «دادام ئۈمىدۋار، قەيسەر ئادەم، ئادەتتە دائىم قار تېيىلغىلى، سۈرەتكە تارتقىلى بارىدۇ، گەرچە ئۇ تۆت يىل ئاغرىق تارتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈمىدۋار. ئالاھىدە كۈتۈنۈشتىن باشقا، دوختۇرخانا دادامغا پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى» دېدى دىلدار.

    ئەھۋال كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتتى، 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، تۇرسۇننى ئۇدا ئۈچ قېتىم 48 سائەتتىن ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇپ چىقتى. ئادەتتىكى قان تەكشۈرۈش ۋە ئۆپكىنى CTدا تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە نورمالسىزلىق ئالامەتلىرى بايقالمىدى.

    2-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇرسۇن دوختۇرخانىدىن چىقتى.

    «مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتتىم.» دىلدارنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى دوختۇرخاندىكىلەر ئۇنى ۋۇخەندىكى ئىجارە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان ۋە ھەر كۈنى تېلېفون ئارقىلىق ئۇنىڭ كېيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرغان.

    دىلدار مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىغا تەشەككۇر خېتى يېزىپ، «مەن ۋۇخەندىكى تېببىي خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

    دىلدار يەنە دادىسىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇنقى كۆرۈنمە چاستوتىسىنى ئەۋەتتى. كۆرۈنمە چاستوتىدا 59 ياشلىق تۇرسۇن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سېستىرالار بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى...

    «تەشەككۇر خېتى»نىڭ تولۇق تېكىستى:

    چىن مۇھەببەت ۋۇخەندە، پەرىشتە كىشىلەر ئارىسىدا

    -ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىغا تەشەككۈر خېتى

    مېنىڭ ئىسمىم دىلدار تۇرسۇن، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، دادام تۇرسۇن ھاجى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىدە بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇزدى. بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولدى، دادام سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ تۆت يىللىق ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى. ئەمما تەقدىر ئائىلەمگە چاقچاق قىلغاندەك، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى دادامنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى، شۇ دەقىقىدە بىز ئۆزىمىزنى چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلدۇق.

    دوختۇرخانىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار جەزمەن يۇقۇملانغۇچىلار كېسەلخانىسىدا يىغىپ داۋالىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن دادامنىڭ ئەھۋالى بەك ئالاھىدە بولۇپ، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن بولغاچقا، ئالاھىدە پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئىشلەتكەن ئىممۇنىتېتنى تىزگىنلەش دورىسى(ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى چۈشۈرۈپ، غەيرىي تەسىرلەرنى ئېنىقلاش) دادامنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ناھايىتى تۆۋەنلىتىۋەتكەنىدى. يۇقۇملانغۇچىلار كېسەلخانىسىغا يىغىپ داۋالىغاندا، ئالدى بىلەن پەرۋىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى، ئۇنىڭدىن قالسا يۇقۇملىنىش خەتىرى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئەھۋالدا، ئەگەر ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىدىن ئايرىلسا، دادامنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ خەۋەر دادام بىلەن ئاپامغا نىسبەتەن چاقماق چاققاندەكلا تۇيۇلدى، شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان مەنمۇ ئۈمىدسىزلەندىم ۋە ياردەمسىز قالدىم.

    بۇ ئالاھىدە ئەھۋال ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور جوۋ جياڭچياۋنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى، ئۇ دەرھال دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا دوكلات قىلدى. دوختۇرخانا قايتا-قايتا كوللېكتىپ دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، دادامنى ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىدە ئايرىپ، تېببىي خااىملار 3-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلغاندىن كېيىن ئالاھىدە پەرۋىش قىلىپ، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى دورىلارنى ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەڭشەپ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. پىروفېسسور جوۋ جياڭچياۋ قەتئىيلىك بىلەن بىزگە: «يۆتكىمەيمىز، بىز مۇشۇ كېسەلخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز!» دېدى، بۇ ئاددىي ھەم ئاكتىپ كۈچكە تولغان بىر جۈملە سۆز ئاتا-ئانامغا غەيرەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. دوختۇرخانىنىڭ قارارى يىراق يۇرتتىن كەلگەن ئاتا-ئانامغا ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈك بولدى. كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە، دادامنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلاندى.

    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر پىروفېسسور جوۋ جياڭچياۋ، دوتسېنت چيۇ تاۋ ۋە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىگەن تېببىي خادىملارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز، ئەڭ جاپا-مۇشەققەتلىك مەزگىلدىمۇ، ئۇلار ئەزەلدىن دادامدىن ۋاز كېچىپ باقمىدى، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا رازى بولۇپ تۇرۇپ، دادامنىڭ ئەڭ كەسپىي، ئەڭ قاراتمىللىققا  ئىگە داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كەسىپ ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە بىمارنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەڭ ئالىي، ئەڭ ساپ كەسپىي شان-شەرەپنى قوغداۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بارلىق تېببىي خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەر پەرىشتە ئىكەنسىلەر! پەرىشتە كىشىلەر ئارىسىدا، يەنە كېلىپ دەل دادامنىڭ يېنىدا ئىكەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى