تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ-خۇبېي ئىككى جاينىڭ دوختۇرلىرى «ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات» قىلىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى تەڭ زىممىگە ئالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى خۇي خەۋىرى، فوتوسى): ئىككى دوختۇر ۋە ئىككى سېسترا بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتكۈزگۈچ نەيچە سېلىنغان بىمارنى ئوڭدىسىغا ياتقان ھالەتتىن دۈم ياتقان ھالەتكە ئۆزگەرتتى، بۇنداق قىلغاندا كۆكرەك پەردە بېسىمىنى ئازايتىپ، ئۆپكە قىسمىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھاۋا ئۆتۈشۈش، قاننىڭ راۋانلىقىنى ياخشىلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىمارنىڭ ئوكسىگېنلىق كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلىنى ياخشىلىغىلى بولاتتى، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانا رايونىدا، تېببىي خادىملار بۇنداق ھەمكارلىق مەشغۇلاتىنى كۈندە نەچچە ئون قېتىم تەكرارلايدۇ.

   «تۈز ياتقاندىن دۈم ياتقىچە بولغان ئارىلىقتا بىمارنى تېخىمۇ ياخشى ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، ئېغىر كېسەللەرنىڭ بەدىنىدە ھەر خىل ئەسۋاب ۋە ئۆتكۈزگۈچ نەيچە بار، مەشغۇلات قىلغاندا چۈشۈپ قالماسلىق، يەنە بىمارنىڭ بەدەن ئالامەتلىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، تېرىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، قېلىن مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن تۆت تېببىي خادىم بىر قېتىم مەشغۇلات قىلغۇچە ھېرىپ ھاسىراپ كېتىدۇ» دېدى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭدىن تۇنجى تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ دوختۇرى يۈ چاۋشيا.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىككى ئېغىر كېسەللىكلەر رايونىدا، شىنجاڭ ۋە خۇبېي ئىككى جاينىڭ تېببىي خادىملىرى كېسىلى ئېغىر 16 بىمار بىلەن كۈندە بىللە تۇردى، ئۇلار ھەركۈنى ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشمەكتە، قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى تېجەش ئۈچۈن، مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن تېببىي خادىملار ئېغىر كېسەللەر ئۆيىدە ئۇدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق تۇرىدۇ. «بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدۇق، پەرۋىش خادىملىرى بىر كۈندە ئۈچ ئىسمېنا بويىچە ئىشلەيدۇ، دوختۇرلارنىڭ نۆۋەتچىلىك ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن، ھەر بىر ئىسمېنىدا ئىككى جايدىن كەلگەن تېببىي خادىملار بىللە ئىشلىدۇق. ئۇلارمۇ ئۆيىگە قايتالمايدۇ، بىز بىلەن بىللە مېھمانخانىدا تۇرىدۇ، ئايرۋېتىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقاچقا، كۆپچىلىك بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ» دېدى يۈ چاۋشيا.

  «بىز قارايدىغان بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋالى مەۋجۇت، ئۇلار بەدىنىنى مىدىرلىتىشقىمۇ بەك كۈچ سەرپ قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، تاماق يېگۈزۈپ، چوڭ-كىچىك تەرىتىگە ياردەملىشىپ، ئۇلارنى ئىمكانقەدەر تىنچ ئارام ئالدۇرىمىز، ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرمايمىز. بىز ھەر كۈنى تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ تېزراق ياخشى بولۇپ كېتىشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى شىنجاڭدىن تۇنجى تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ ۋېنشۇەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى