
بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خۇييوڭ خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، «مېھىر-شەپقەت تاللا بازىرى مەھەللىلەرگە ئىئانە قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغان، لىق بەسەي قاچىلانغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى بۈگۈر ناھىيەسى شەھەر-بازار مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى شىنچېڭ مەھەللىسىگە كىرىپ كەلدى.
«بۇ 30 توننا بەسەي سىرتتىن جىددىي يۆتكەپ كېلىندى، بۇلارنى ئاھالىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىمىز، بۇ ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگۈچى سودىگەرلەرنىڭ مەسئۇلى فېڭ خانىم.
«مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگۈچى سودىگەرلەرنىڭ بۇ ئىشى مەھەللىنى ئىللىقلىققا تولدۇردى، بىز بىرلىكتە تىرىشساق ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە چوقۇم يېڭەلەيمىز» دېدى مەھەللىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى دۇەن شۇەنجوۋ.