تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە نوپۇس كەسپىنى «كۆرۈشمەي»لا بېجىرگىلى بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ): كىشىلەر توپىنىڭ يىغىلىش-تارقىلىش خەۋپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئىمكانقەدەر ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى «كۆرۈشمەسلىك» مۇلازىمەت تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ توردا بېجىرىش، يان تېلېفوندا ئىش بېجىرىش، تېلېفوندا بېجىرىش، پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېجىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نوپۇس كەسپىنى بېجىرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

  «توردا بېجىرىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش» شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى APPسى(新疆公安) ئارقىلىق توردا ئىلتىماس قىلىپ، «توردا مەسلىھەت سوراش، توردا بېجىرىش، تېز يوللانما ئارقىلىق يەتكۈزۈش»نى تاللاپ، «بارماي تۇرۇپلا» بېجىرىش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى شۆبە(ناھىيەلىك) ئىدارە ۋە ساقچىخانىلىرى نوپۇس كەسپىنى ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى، ئامما «تېلېفوندا بېجىرىش»نى تاللىسا بولىدۇ، خىزمەتچىلەر تېلېفون ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ كەسپ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، مەھەللە(كەنت) ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا نوپۇس ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزۈپ، «كۆرۈشمەي» بېجىرىشنى يولغا قويدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، يان تېلېفون، تور، تېلېفوندا قوبۇل قىلىنغان نوپۇس كەسىپلىرىدە، ئاھالىلەر نوپۇس كەسپىنى بېجىرىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامە، دەپتەرلەرنى ئاھالىلەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن كېيىن ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان نوپۇس يۆتكەش ئىسپاتى، نوپۇس يۆتكەش رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى قاتارلىق نوپۇس ماتېرىياللىرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە، شۇ يىل ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ بېجىرىشكە بولىدۇ.

  ئەگەر ئاممىنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن مۇھىم بولۇپ كۆزنەككە بېرىپ بېجىرىشكە توغرا كەلسە، بىر كۈن بۇرۇن شۆبە(ناھىيىلىك) ئىدارىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش زالى ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى بويىچە نوپۇس كۆزنىكىگە بېرىپ كەسىپ بېجىرسە بولىدۇ. ئالدىن كېلىشمىگەنلەرنىڭ كەسپى پرىنسىپ جەھەتتە قوبۇل قىلىنمايدۇ، بېجىرىلمەيدۇ.

  شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى APPسى(新疆公安)، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى توردا ئىش بېجىرىش زالىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى:

  نوپۇس كەسپى: تۇغۇلغانلىق ئىلتىماسى(ئۆيلىنىشتىن كېيىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش)، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ نوپۇسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، ئىسىم-فامىلىسى (ئىسىم) ئۆزگەرتىش، بۇزۇلغان نوپۇس دەپتىرىنى ئالماشتۇرۇش، ھەربىيلىككە قاتنىشىپ نوپۇسنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، چەت ئەلگە چىقىپ(چېگرىدىن چىقىپ) ئولتۇراقلىشىپ نوپۇسنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، قانۇن بويىچە بېقىۋېلىپ نوپۇسقا ئالدۇرۇش، ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بويىچە ناھىيە(شەھەر) سىرتىدىن نوپۇس يۆتكەپ كېلىش، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ناھىيە(شەھەر) سىرتىدىن نوپۇس يۆتكەپ كېلىش، ئاتا-ئانىسى بالىسىغا ئەگىشىپ ناھىيە(شەھەر) سىرتىدىن نوپۇس يۆتكەپ كېلىش، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشى، مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىنىپ كۆچۈپ كېلىشى، كەسپىي ئورۇنغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈشى سەۋەبلىك نوپۇس يۆتكەپ كېلىش قاتارلىقلار.

  كىملىك كەسپى: كىملىك يىتىپ كېتىپ تولۇقلاپ بېجىرىش(يىتىپ كەتكەن كىملىكتە تىزىملانغان بارماق ئىزى ئۇچۇرلىرى ھەمدە كىملىك بېجىرگەندىن كېيىنكى نوپۇس ئۇچۇرى ئۆزگەرمەيدۇ شۇنداقلا چىراي ھالىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ).

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى