تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 300 مىڭدىن ئارتۇق ماسكا ئىئانە قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ): 2- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى توپلىغان 188 ساندۇقتىكى جەمئىي 300 مىڭ 800 دانە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە بەلگىلەنگەن ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە تەمىنلەش ئورنى ــ دۆلەت دورا گۇرۇھى شىنجاڭ شىنتې دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئارقىدىن، بۇ ماددىي ئەشيالار ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىلدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلدى — بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە 3 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى توسۇپ زەربە بېرىشكە كۈچ قوشتى؛ ئۇنىڭغا قاراشلىق شىركەت شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر مۇداپىئە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن،  دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، خىزمەت تەجرىبىسى مول تايانچ خادىملارنى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  يۇقۇمنى توسۇپ زەربە بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ، بازار مال مەنبەسىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

  «بۇ تۈركۈم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى سەھەر سائەت 1 دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.» شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خۇاڭ شىنلى مۇنداق دېدى: «شىركەت خادىملىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ماددىي ئەشيالارنى ساناپ توشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە تېزدىن ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن قولايلىق ياراتتى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق تۈرلۈك يوللاردىن پايدىلىنىپ، مال مەنبەسىنى ھازىرلاپ، ئىز قوغلاپ سېتىۋېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى