تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئارىشاڭ ناھىيەسىدىن موڭغۇل يىگىت خۇبېيغا 88 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ ۋېي، ۋاڭ ۋېي فوتوسى، خەۋىرى) ئۆيىدىكى 11 ئاتنى سېتىپ، 88 مىڭ يۈەن نەق پۇل چىقىرىپ، يۇرتىغا قوشماقلىشىپ ياردەم بەرگەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەننىڭ شەھىرى تۇڭچېڭ ناھىيەسىگە ئىئانە قىلدى. يېقىندا، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارىشاڭ ناھىيەسى كۇندېلۇن چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى يىگىت با.بايىنتولى بۇ ئىشنى قىلىپ، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

  «خۇبېيدا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى، خۇبېي بىزنىڭ ئىككىنچى يۇرتىمىز، ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىزنىڭ تۇغقىنىمىز. ئىلگىرى ئۇلار بىزگە ياردەم قىلغان، ھازىر مېنىڭ ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلغۇم بار.» دېدى بايىنتولى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى.

  بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن بايىنتولى موڭغۇل چارۋىچى بولۇپ، 80 نەچچە ياشلىق ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىئانە قىلىش نەق مەيدانىدا، بايىنتولى 11 ئېتىنى 88 مىڭ يۈەنگە  سېتىپ، پۇلىنى ئارشاڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئارقىلىق تۇڭچېڭ ناھىيەسىگە ئىئانە قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بورتالا ئوبلاستى ئارىشاڭ ناھىيەسى خۇبېيدىكى شيەننىڭ، يىچاڭدىن ئىبارەت ئىككى شەھەر ئورتاق ياردەم بېرىدىغان رايون بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق كۇندېلۇن چارۋىچىلىق مەيدانى تۇڭچېڭ ناھىيەسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قۇرۇلغان؛ ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇڭچېڭ ناھىيەسى ھەر يىلى كۇندېلۇن چارۋىچىلىق مەيدانىغا 300 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىپ، بۇ مەبلەغنى شۇ جاينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن ھەمدە تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلگەن.

  بايىنتولىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، 2014-يىلى، ئۇ دۆلەت سىياسىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، «چيەنما بېنتېڭ ئائىلە چارۋىچىلىق فېرمىسى» قۇرۇپ، 400 دىن كۆپرەك ئات بېقىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 150 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەن. 2015-يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت چارۋىچىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەرگەندە، خۇبېي ئۆلكىسى ھەربىر ئائىلىگە 10 يۈەندىن ياردەم پۇلى بەرگەن، ئۇمۇ نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

  «ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بورتالا ئوبلاستىنى نىشانلىق ياردەم بېرىپ تەرەققىي قىلدۇرغان خۇبېي ئۆلكىسىگە شۇنداقلا كۇندېلۇن چارۋىچىلىق مەيدانىنى ياردەم بېرىپ قۇرۇپ بەرگەن تۇڭچېڭ ناھىيەسىگە رەھمەت ئېيتىمەن.» بايىنتولى مۇنداق دېدى: ئات جەسۇرلۇققا ۋە قەيسەرلىككە سىمۋول قىلىنغان، مەن تۇغقانلىرىمنىڭ خۇددى ئاتقا ئوخشاش قەيسەر بولۇشى، ئىگىلمەسلىكى، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەسلىكىنى، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غالىب كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گەرچە ئارىلىقىمىز تۈمەن چاقىرىم كەلسىمۇ، قەلبىمىز مەڭگۈ بىللە! خۇبېي غەيرەت قىل! تۇڭچېڭ ناھىيەسى غەيرەت قىل!

  ئىگىلىنىشىچە، كۇندېلۇن چارۋىچىلىق مەيدانىدا بايىنتولىغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن دېھقان-چارۋىچى ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى يەتكۈزۈپتۇ. ھازىر بۇ چارۋىچىلىق مەيدانى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مېھىر-شەپقەت پۇلى يىغقان بولۇپ، كۆپچىلىك بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە بىرلىكتە تىرىشىپ غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى