تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا قارشى «جەڭ»نىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئايال سەركەردە: يۇقۇمغا قارشى «جەڭ»دىكى ياخشى چارلىغۇچى ئەسكەر بولىمىز

  تىيانشان خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن خەۋىرى): فەن شياۋلېي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، فەن شياۋلېي پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ مۇداپىئە يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

  فەن شياۋلېي (ئوڭدىن 2- كىشى) تېببىي خادىملار ۋە خىزمەتچى خادىملارغا توغرا مۇداپىئە تەرتىپىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  ئىككى ئاي ئىلگىرى، بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىدە فەن شياۋلېينىڭ قاڭشىرى سۇنۇپ كەتكەن بولغاچقا، دوختۇر ئۇنىڭدىن يېرىم يىلغىچە ماسكا ۋە كۆزەينەك تاقىماسلىقنى تەلەپ قىلغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۈز بېرىپ، ئۇ ھەر كۈنى ئاغرىققا چىداپ ماسكا، مۇداپىئە كۆزئەينىكى تاقاپ، دوختۇرخانىنىڭ ھەر قايسى قەۋەتلىرىنى ئارىلاپ، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇلغان - ئالماشتۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈردى؛ تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىشىغا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇلۇڭ - پۇچقاقلارنىڭ تازىلانغان- تازىلانمىغانلىقىنى تەكشۈردى؛ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى كىيىشى، تاقىشىغا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، قائىدىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى تەكشۈردى؛ پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى  ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلىدى...

  فەن شياۋلېي خىزمەتنى بالدۇرراق تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، چاغان مەزگىلىدە ئاساسەن دەم ئالمىدى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى فەن شياۋلېي خىزمىتىنى تۈگىتىپ، دوختۇرخانىدىن چىققاندا كەچ سائەت 10دىن ئاشقانىدى، ئۇ ئاپتوموبىلدىكى رادىيودا قويۇلۇۋاتقان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ نومۇرلىرىنى ئاڭلىغاچ، ئۆزى يالغۇز ئاپتوموبىل ھەيدەپ، ئىككى سائەت يول يۈرۈپ شىخەنزىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن ئاددىيلا چاغانلىق تاماق يېدى، چاغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى تاڭ تېخى يورۇماي تۇرۇپلا، ئۇ يەنە دوختۇرخانىغا قايتىپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى.

   ئۇ بىرىنچى سەپتە داۋالاش خادىملىرىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلدى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈردى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىكى ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىلارغىچە تەكشۈرۈپ، قىزىغان خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدىكى مەسىلە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ھەر بىر ھالقىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

  «ھەر كۈنى قىزىتما ئامبۇلاتورىيىسىگە بېرىش قېتىم سانىم ئەڭ كۆپ، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى ھەر بىر كىلىنىكىلىق بۆلۈمگىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىشىم كېرەك، مەسىلىلەر كۆپ بولغاندا ئاساسەن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئىشلەيمەن، چۈنكى مەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئەڭ خەتەرلىك جايدا كۆپرەك خاتىرجەملىك بېرىشنى ئويلايمەن.» دېدى فەن شياۋلېي.

  فەن شياۋلېي داۋالاشتا يىغىۋېلىشقا بولىدىغان تۈر تىزىملىكىنى تەكشۈرمەكتە.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇش تەرتىپى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە داۋالاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، فەن شياۋلېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىدىنلا قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولمىغان قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۆزگەرتتى.

  «كېسەل مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، مەنبەدىن توسۇش، قاتتىق ئايرىش، تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش... بۇ بىزنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىمىز، يۇقۇم مەزگىلىدە، دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ئاغرىقلار ۋە تېببىي خادىملارنىڭ قىزىش ئەھۋالىنىمۇ ۋاقتىدا ئىگىلىشىمىز، ھەمدە ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىغىچە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، ھەر بىر خىزمەتچىگىچە تەربىيەلىشىمىز، ھەر قانداق بىر ئىنچىكە نۇقتىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك.» دېدى فەن شياۋلېي. «چوقۇم چارلىغۇچى ئەسكەرگە ئوخشاش <مىكروسكوپ> بىلەن قۇسۇر ئىزدىگەندىلا، ئاندىن <نۆل يۇقۇملىنىش>نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى