تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلغاندا، ئۈرۈمچىنى يەنە سەيلە قىلىمىز

  بىر مەيدان تۇيۇقسىز كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى

ئۈرۈمچىنى تىپتىنچ قىلىپ قويدى.

  چوڭ-كىچىك كوچىلاردىكى توپ-توپ ئادەملەر، توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئاپتوموبىللار ئازىيىپ،

  شەھەر بەئەينى توختىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويغاندەكلا جىمىپ كەتكەنىدى.

چۈنكى بىز ھەممىمىز

  «يۇقۇم»غا قارشى بىر مەيدان ئىس-تۈتەكسىز جەڭگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتىمىز

  بۇ چاغدا

  ئۆيدىن چىقماسلىق بىر خىل مەسئۇلىيەت،

  رىئايە قىلىش بىر خىل مەجبۇرىيەت.

  بەزىلەر ئالدىنقى سەپكە يېتىپ باردى.

  يەنە بەزىلەر باشقىلارنى دەپ تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ،

  پۈتۈن كوچىلارنى ئارىلاپ،

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى.

  ئۇلار دوختۇرلار، قاتناش ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى...

  ئۇلار ھەربىرىمىزنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ

  1

  ئەڭ ياخشى بايراملىق سوۋغا دەل ئاغرىقلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى

  «مەن غەيرەت قىلىپ بەرداشلىق بېرىمەن، ئىككى بالىنى ئېلىپ سىزنى يوقلاپ بارىمەن، رەھمەت!» بىر ئاغرىقنىڭ قولدا يازغان خېتى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ سىستېراسى ما لىنىڭ ئەڭ ياخشى بايراملىق سوۋغىسى بولۇپ قالدى.

  2- ئاينىڭ 8- كۈنى يۈەنشياۋ بايرىمى، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي ھويلىسىغا تەسىس قىلىنغان بىر يېڭى كېسەللىك رايونىدا، پۈتۈن يۈرۈشلۈك مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن ما لى ئاغرىق زو خانىم بىلەن چوقۇم غەلىبە قىلىمىز دېگەن مەنىدە باش بارمىقىنى چىقىرىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە، ئۇدا بىرىنچى سەپتە نەچچە كۈن كۈرەش قىلغان ما لى ماغدۇرسىزلىنىپ ھالى قالمىغانلىقتىن، زو خانىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئايلىنىپ چۈشتى، ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزىدىن ھەر تەرەپتىن تولۇق خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان سىستېرانىڭ شۇقەدەر چارچاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن زو خانىم ئەندىشە قىلىپ تۇرالماي قالدى. ئەمما ئۇ ئويلىمىغان يەردىن، ئىككىنچى كۈنى ما لى يەنىلا ئىشقا چىقىپ، ئىلگىرىكىدەكلا ئۆزىنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى بىلەن ئۇنى كېسەل بىلەن ئاكتىپ قارشىلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن زو خانىم رەھمەت خېتىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن: «سىلەرنىڭ ۋۇخەن داشۆدىكى يىڭخۇا گۈلىنى كۆرگىلى كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز» دەپ تەكلىپ قىلدى.

  2

  شىنجاڭلىق ساقچىلارغا ئاپىرىن

  «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇشتىكى پولاتتەك جەڭچىلەرگە ئاپىرىن

  شىنجاڭ قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋۇ لى بەش كېچە-كۈندۈز يۇقۇمغا زەربە بېرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇدا خىزمەت قىلدى، ئۇ زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئىش ئورنىدا ھوشىدىن كەتتى.

  ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ دەرھال ئۆيىگە قايتىپ دەم ئالماي، داۋاملىق يۇقۇمغا قارشى بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يول چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى جاناتقان باقىت. سۈرەتتىكى ئۇ ئۇلانباي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرماقتا.

  يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى ھەربىر يۇقۇم مۇداپىئەسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا باردى، خەلق ساقچىلىرى ھەركۈنى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئۈرۈمچىگە كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئېقىمىنى بۆلدى ۋە تەكشۈردى، ھەر كۈنى تۆت گۇرۇپپا خەلق ساقچىسى، ھەر گۇرۇپپا ئالتە سائەتتىن نۆۋەتچىلىك قىلدى.

  3

  «مەن كۆڭۈل قويۇپ كۆپرەك ئىشلىسەم، يولۇچىلار تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ»

    40 ياشلىق جاڭ يۆلياڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت 2 - بۆلۈمى 14 - ئاپتوموبىل ئەترىتى 105 - يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى. 2003 - يىلى سارسقا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، ئىلگىرى قىسىمدا سەككىز يىل سانىتار ئەسكەر بولغان ئۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە قىلچە ئىككىلەنمەي ئىدارىسىنىڭ «يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئەترىتى»گە قاتناشتى.

    «ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئارىلىقنى ساقلاڭلار، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!» 105 - يول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 23 كىلومېتىر بولۇپ، قاتناش مۇساپىسىگە 85 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ سۆزنى جاڭ يۆلياڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ بىرنەچچە ماسكىنى ئېلىۋېلىپ، ماسكىسىنى ئۇنتۇپ قالغان يولۇچىلارغا بەردى.

  «ھەر كۈنى يولۇچىلار بىلەن زىچ ئۇچراشقاندا، كىملا بولسۇن بېسىم ھېس قىلىدۇ، ئەمما بىز ئىشقا چىقمىساق، كىم شەھەرنىڭ قاتناش - تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؟» جاڭ يۆلياڭنىڭ جاۋابى ئاددىي، ئەمما كۈچلۈك ئىدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇلماقتا.

  4

  «ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاق پاكىز بولسا، ۋىرۇس يوشۇرۇنالمايدۇ»

  ئۇلار شەھەرنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرگۈچىلىرى، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا قاتراپ يۈرۈپ، بۇ شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ پاكىز قىلىدۇ.

  ئۇنىڭ ئىسمى تۇرسۇن ئابلا، ھەر كۈنى سائەت 9:30 دا ئىش ئورنىغا بېرىپ، 40 ئەخلەت تۇڭى، بىر ئەخلەت ساندۇقى، 12 مېۋە شۆپۈكى ساندۇقىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا مەسئۇل.

  ئۇنىڭ ئىسمى ئابلىمىت ئىبراھىم بولۇپ، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئەخلەتلىرىنى توشۇغۇچى.

     ئۇنىڭ ئىسمى ئەخەت روزى بولۇپ، تازىلىق ئىشچىسى. گەرچە يولدىكى كىشىلەر بەكلا ئازىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا ھەر كۈنى سائەت يەتتىدە ئىش ئورنىغا بېرىپ، سەككىز سائەت ئىشلىمەكتە.

 5

  «ئاۋۋال يۇقۇم مۇداپىئەسى ماددىي ئەشيالىرىنى ئورنىغا يەتكۈزۈش ئەڭ مۇھىم»

  

    «ياخشىمۇ سىز! مەن جىڭدۇڭنىڭ تېز يەتكۈزگۈچىسى. كەچۈرۈڭ، يۇقۇم مەزگىلىدە مالنى ئۆيىڭىزگە يەتكۈزۈپ بېرەلمەيمىز، كېلىپ يوللانمىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز.» جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى ئۈرۈمچى بەينياۋخۇ پونكىتىنىڭ تېز يەتكۈزگۈچىسى ياڭ چۈنمىڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى جۇڭچېڭ. خەلقئارا شەھەرچىسى ئولتۇراق رايونى يەر ئاستى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدا خېرىدارغا تېلېفون قىلدى. ئۇنىڭ كەينىدىكى ئاپتوموبىلغا چوڭ - كىچىك تېز يەتكۈزۈلىدىغان يوللانمىلار لىققىدە قاچىلانغانىدى.

    ياڭ چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاغاندا تېز يوللانما مىقدارى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسسىگە توغرا كەلدى، ئۇلارنىڭ %60ى ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى. «شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئالدىن يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن باشلاپ ماللارنى چۈشۈرۈپ، ئايرىپ، قاچىلاپ، ئاندىن ماللارنى يەتكۈزۈپ بېرىمىز، بىر كۈندە 100چە مال يەتكۈزىمىز، ئۆيگە قايتقاندا كۈن كەچ بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئالدىن جايىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ھەممىدىن مۇھىم».

  6

  كېچە-كۈندۈز دەپ ئايرىماي رەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاپ، يۇقۇم مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇش

  مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ چىرايى بىزگە تېخىمۇ تونۇش بولۇپ كەتتى. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۇلار كېچە-كۈندۈز دەپ ئايرىماي رەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاپ، يۇقۇم مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇدى.

  چۈشەنمىگەنلەر ۋە ماسلاشمىغانلارغا نىسبەتەن، ئۇلار ئۇۋالچىلىقلارنى كۆڭلىگە ئالماي، قايتا-قايتا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەنچە بەردى. ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم ئۆيدە تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلار يۇقۇم مۇداپىئەسىنى تەشۋىق قىلدى، تېلېفوندا ئەھۋال سوراپ تۇردى، ئۇلارنىڭ ئەخلەتلىرىنى تۆكۈشۈپ ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى. باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش كېرەك، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن جەم بولۇشنى كۈتۈپ ئولتۇرماقتا.

 

 7

  «خاتىرجەم ئولتۇرۇڭ، بىز ھەركۈنى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىمىز»

  ئىلگىرىكى قول پۇلاڭلاتسىلا توختايدىغان تاكسىلار يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ ئاۋۋالقىدەكلا كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 23 تاكسى شىركىتى تاكسىلارنى مەركەزلىك دېزىنفېكسىيە قىلىشنى قانات يايدۇردى. بارلىق شوپۇرلار ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيدى، تاكسىغا دېزىنفېكسىيە سۇ سەپكۈچى قويۇلدى.

  تاكسىغا چىققاندىن كېيىن، شوپۇر ئۇستام: «خاتىرجەم ئولتۇرۇڭ، بىز ھەربىر يولۇچىنى ئالغاندا بىر قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرىمىز، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىمىز» دېدى.

 

 8

  « ئاھالىلەر يېڭى كۆكتات يېيەلىسىلا،  ھەر قانچە ھارساممۇ مەن رازى»

  سەھەر سائەت 4تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، سائەت قوڭغۇرىقى ئۇخلىغىنىغا تۆت سائەتمۇ بولمىغان سۈن كەينى ئويغاتتى. ئۇ تېز سۈرئەتتە يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان خوتۇن-بالىلىرىغا قاراپ قويۇپ، ئىشىكنى ئاستا يېپىپ چىقىپ كەتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى 108-نومۇرلۇق كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ دۇكان باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۈن كەي ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ كۆكتات، مېۋە، قوشۇمچە يېمەكلىك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كۆكتات-قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى بولمىغان ئۈچ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  «شەرت قويمىدى.» ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، سۈن كەي ئىزچىل ھەربىيلەر ئىستىلىنى داۋاملاشتۇردى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئاساسەن توختىماي ئىشلەپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىسسىق تاماق يېيەلمىدى. « ئاھالىلەر يېڭى كۆكتات يېيەلىسىلا، ھەر قانچە ھارساممۇ مەن رازى. ھەربىرىمىز  تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنى بالدۇرراق تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ئېھتىرام!

  ئۇلارنىڭ چىڭ تۇرغانلىقىغا رەھمەت

  ئۇلار ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر

  يۇقۇم رەھىمسىز بولسىمۇ، ئادەملەر رەھىمدىل

  ھەممە ئىشلار ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ

 تۈمەنلىگەن ئائىلىلەردىكى چىراغ نۇرلىرى ئاستا-ئاستا ياندى، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇۋاتقان بارلىق كىشىلەر

  ئۆيدىن چىقماسلىقتىن باشقا يەنە بەخت تىلىدى

  2- ئاينىڭ 8- كۈنى

  ئۈرۈمچى شەھىرى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى چىراغ  نۇرى كۆرگەزمىسىدە

  «غەيرەت قىل جۇڭگو»، «ۋۇخەن غەيرەت قىل» دېگەن خەت شەكلى ھاسىل قىلىپ،

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا مەدەت بەردى.

  بىزنىڭ بۇ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىمىزنى،

  باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلىپ، ھاياتلىق ئەسلىگە كېلىپ،

  سىز سۆيىدىغان ئادەملەر بىلەن يەنە بىرگە بولۇشىڭىزنى تىلەيمىز.

  شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە جور بولۇپ،

  يېنىپ تۇرغان نېئون ئېكرانلارنى، چىراغلارنى، غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنى تاماشا قىلىڭ.

  بىر نەچچە دوستىڭىزنى تەكلىپ قىلىپ،

  كەچلىك بازارلاردىكى نېمەتلەرگە ئېغىز تېگىپ بېقىڭ.

  مەيلى مىفېن، داپەنجى ياكى سامسا بولسۇن

شىخۇ پىۋىسى بىلەن بەكلا ماسلىشىدۇ، قالتىس!

بىز ۋىرۇسنى قوغلىۋەتكەن، باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلغان ئاشۇ كۈنگە تەقەززامىز،

  شۇنداقلا ئۇ كۈنگىمۇ ئۇزاق قالمىدى.

  ئەڭ ئاخىرىدا

  شىنجاڭلىق مۇزىكانتلار بىرلىكتە ئىجاد قىلغان

  تاسقىن ئورۇنلىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ناخشىسى «باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلغاندا»نى

  كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

http://uy.ts.cn/video/003/514/999/00351499909_vw00000000000001_95c378b1.mp4

  ھەر قېتىملىق ھايات-ماماتلىق سىناقتا، كۆز يېشى، بەرداشلىق بېرىش ۋە ئېتىقاد بار

  سېنىڭ ئازابىڭدىن مەن غەم يېدىم

  سېنىڭ قەيسەرلىكىڭنى مەن كۆرەلەيمەن

  غەيرەت قىل، جۇڭگو! غەيرەت قىل، ۋۇخەن!

  غەيرەت قىل، شىنجاڭ!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى