ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنى تېلېفوندا زىيارەت قىلىش
«كۆپچىلىك ساغلام بولغاندىلا، ئاندىن كىچىك ئائىلىدىكىلەر جەم بولالايدۇ»
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن
2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، يۈەنشياۋ بايرىمى. بۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدىغان كۈن، لېكىن مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، ئۈچ تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ جەمئىي 386 نەپەر ئەزاسى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ. شۇ كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭدىن ۋۇخەنگە ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ بارغان ئۈچ داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، تېببىي خادىملار، ئالاقىلەشكۈچىلەرگە ئايرىم - ئايرىم تېلېفون ئۇردى. ئۇلار: «كۆپچىلىك ساغلام بولغاندىلا، ئاندىن كىچىك ئائىلىدىكىلەر جەم بولالايدۇ» دېدى.
1 - تۈركۈم: ئون كۈندىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىلىنىش
2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ۋۇخەندە ئۆتكۈزگەن 12 - كۈنى بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى رەسمىي داۋالىغىنىغىمۇ ئون كۈن بولغانىدى. ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسىغا ئەڭ بۇرۇن يېتىپ بارغان بىر داۋالاش ئەترىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى دوختۇرخانىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى ۋاقتىدا ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىپ داۋالىشىنى خادىم ۋە تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ساۋ يۈجىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتى يېتىپ بارغان چاغدا، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسى بىر ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالايدىغان بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئۆزگەرتىلىۋاتقان بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 400 نەپەر ئاغرىقنى مەركەزلىك يىغىپ داۋالايدىكەن، نەپەس يولى، ئېغىر كېسەل، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي تېببىي خادىملار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەن. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئالتە دوختۇرخانىدىن ئاجرىتىلغان سەر خىل خادىملاردىن تەركىب تاپقان 1 - تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى بۇ دوختۇرخانىنىڭ خادىم ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى ناھايىتى ياخشى تولۇقلىدى. يۇقۇمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ دوختۇرخانا يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئاغرىقلارنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتىلگەن، نىشان 800 ئېغىر ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش بولۇپ، ئېغىر كېسەللەر ۋە تېببىي خادىملارنىڭ 1:3 نىسبىتى بويىچە، 2400 تېببىي خادىمغا ئېھتىياجلىق ئىدى.
گەرچە شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىدىن كېيىن، لياۋنىڭ، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، ئاكادېمىك لى لەنجۈەن ئەترىتى قاتارلىق داۋالاش ئەترەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش كۈچى يەنىلا يېتەرسىز ئىدى، بۇنداق ئەھۋالدا، دۆلەت يەنە يېڭى بىر قېتىم تەڭشەش ئېلىپ باردى، شاڭخەي فۇدەن داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش خادىملىرىمۇ يېقىندا ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.
كېيىن كەلگەن داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر ئەترەت ئىككى كېسەل رايونىدىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنداق خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، بەس - بەستە بۇ كېسەل رايونىدىكى شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ، ئون كۈندىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئورتاقلىشىپ، ھەرقايسى داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن تونۇشۇشى ئۈچۈن كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھىتقا تېخىمۇ تېز ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش . جاراھەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ياڭ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىدىكى 36 دوختۇر ۋە 98 سېسترا شۇ جايدىكى تېببىي خادىملار بىلەن ئارىلىشىپ، ئىككى ICU كېسەل رايونى ۋە 14 ئادەتتىكى كېسەل رايونىنى بىرلىكتە باشقۇرۇۋاتىدۇ.
2 - تۈركۈم: «چاسا بۆلمە C رايونى، بىز تەييارلىنىپ بولدۇق»
2 - تۈركۈمدە يېتىپ بارغان 102 پەرۋىش خادىمىنىڭ بېسىمى 1 - تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتىگە سېلىشتۇرغاندا قىلچىمۇ يېنىك بولمىدى. ئەمدىلا چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدىن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولۇپ تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىپ كەلگەن شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش - داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى چېن خۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سەھەردە يېتىپ باردۇق، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىغا كىرىپ پەرۋىش خىزمىتى قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدۇق.
ۋۇخەنگە كېلىش بىلەنلا، ئەترەت ئەزالىرى بەس - بەستە جەڭگە قاتنىشىش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە دەرھال ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى. كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، چېن خۇي ھەرقايسى ۋاقىتلىق پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرىنى باشلاپ ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىغا كىردى ھەم تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
«ھازىر، بىزگە تەقسىم قىلىنغىنى ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ C رايونى، بۇ يەردە 500گە يېقىن كارىۋات بار، ئوتتۇرىدىن ئوڭ - سولغا ئايرىلغان، ئىككى تەرەپتە ئالتىدىن يول بار». چېن خۇي مۇنداق دېدى: بىز داۋالاش ئۆيى، قۇتقۇزۇش ئۆيى ھەم بىر قىسىم پەرۋىش ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولدۇق، سېسترالارنىڭ نۆۋەتچىلىك جەدۋىلىمۇ تۈزۈلۈپ بولدى، ھەر ۋاقىت جەڭگە ئاتلىنالايمىز.
نۇرغۇن كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئەلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا، چېن خۇي مۇنداق دېدى: چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ سىرتىغا ۋاقىتلىق چېدىر تىكىلدى، ۋاقتى كەلگەندە پەرۋىش خادىملىرى ئۇ يەردە مۇداپىئە كىيىمىنى ئالماشتۇرىدۇ. «چاسا بۆلمە C رايونى، بىز تەييارلىنىپ بولدۇق، شارائىت گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن بىز چوقۇم ۋەزىپىنى ئورۇندايمىز!» دېدى چېن خۇينىڭ يېنىدىكى بىرنەچچە پەرۋىش خادىمى تەڭلا توۋلاپ.
3 - تۈركۈم: «بىز جەڭگە جىددىي ھازىرلىق كۆرۈپ بولدۇق، جەڭگە ئاتلىنىشنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز»
«بىز تەييارلىقنى تولۇق قىلىپ بولدۇق». 3 - تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى لۇ چېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلۈشى بىلەنلا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى خۇبېيغا ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىپ بولدى، پۈتۈن دوختۇرخانىدا 1600 ئىشچى - خىزمەتچى تىزىمغا ئالدۇردى، 142 ئەزا تاللاپ چىقىلدى. يولغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، بىز دوختۇرخانىدىلا دوختۇرخانا يۇقۇمى قاتارلىق مۇداپىئە تەربىيەسىنى باشلىدۇق، ھەممە ئادەم ئۆتكەلدىن ئۆتتى. ۋۇخەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم تەربىيەلەش ئېلىپ باردۇق. «تېببىي خادىملارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش، يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بىز ئون قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەش ئېلىپ باردۇق» دېدى لۇ چېڭ.
بۇ داۋالاش ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن ماددىي ئەشيالارمۇ ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۇرۇۋاتقان مېھمانسارايمۇ مەخسۇس بىر ئامبار ئاجرىتىپ، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئۆيى قىلدى. لۇ چېڭ مۇنداق دېدى: تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بارغان كۈنى، ئۆزۈم يالغۇز چوڭ - كىچىك 118 ساندۇقنى يۆتكەپ، تۈرگە ئايرىغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردىم.
گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋۇخەندىكى بارلىق مېھمانسارايلار مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچمىغانىدى، ياتاقنىڭ تېرمومېتىرى گەرچە 10 سېلسىيە گىرادۇسنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، داۋالاش خادىملىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ خىل ھاۋاغا تېزدىن ماسلىشىۋاتىدۇ. مۇداپىئە ئېھتىياجى ئۈچۈن، 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە نېرۋا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ شۆگاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايال ئەترەت ئەزالىرىنىڭ چېچىنى ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 30 نەچچە ئايال ئەترەت ئەزاسى ئۇزۇن چېچىنى كېسىۋەتتى.
ئېغىر ئاغرىقنى داۋالايدىغان 60 تېببىي خادىمى بار بۇ قوشۇن مۇشۇ ئىككى كۈندە ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىغا كىرىپ، ئىككى كېسەللەر رايونىدىكى 80 ئېغىر ئاغرىقنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
لۇ چېڭ مۇنداق دېدى: «بىز جەڭگە جىددىي ھازىرلىق كۆرۈپ بولدۇق، جەڭگە ئاتلىنىشنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز، بىز 1 - تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاپ، ئۇلارنى بالدۇرراق ئۆيىگە قايتۇرىمىز».