تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يىلنىڭ بېشى باھاردىن باشلىنىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى سانائەت باغچە رايونلىرى، ھەرقايسى كارخانىلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشلەپچىقىرىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى:

كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى

بارلىق خادىملار ماسكا تاقاش، كىرىپ - چىققاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئايرىلىپ غىزالىنىش، يىغىلىشنى ئازايتىش؛ زاۋۇت رايونى، سېخ، ئاشخانا، ياتاق، كارىدور قاتارلىق جايلارنى ھەر كۈنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش؛ ئايرىپ كۆزىتىش رايونى تەسىس قىلىپ، ئىچكىرى رايونلاردىن زاۋۇتقا قايتقان خادىملارنى بىرىنچى ۋاقىتتا بىر كىشىنى بىر ئېغىز ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىش... 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى ماسكا تاقاپ، ماشىنىدا ئەستايىدىل مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

«ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ ھەممىسىنى زاۋۇت رايونىغا ئېلىپ كېلىپ بىرتۇتاش باشقۇردۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى. نۆۋەتتە، بۇ كارخانا يەنىلا ئىچكىرى رايونلاردا تۇرۇۋاتقان خادىملارنىڭ قايتماسلىقىنى، قايتىپ كەلگەن خادىملارنى زاۋۇتقا قايتقاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئايرىپ 14 كۈن كۆزىتىشنى، ئاندىن مۇناسىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. «ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ ئۈچ ۋاقلىق تامىقىنى مەخسۇس ئادەم ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، يان تېلېفون ئۆزئارا پاراڭلىشىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ گىرەلەشمە ئۇچراشماسلىقىغا، يىغىلماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، يىغىۋېلىنغان ئەخلەتلەر ئالدى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى بۇ مەسئۇل كىشى.

نۆۋەتتە، بۇ تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى جىنفۇ ئالاھىدە يىپ ئېگىرىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ لىتەي يىپەك يولى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كۆپلىگەن كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەربىر خادىمنىڭ ئامانلىقى، ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدىدى.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى:

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىغا خادىملارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت مىقدارىنى تەڭشەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تولۇق ئىش ئورنىغا كېلىپ بولمىغان ئەھۋالدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى مۇقىملاشتۇردى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بۇ تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى خادىملارنى يۆتكەش، ماللارنى توشۇش - قاچىلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تولۇق ياخشى ئىشلىدى. سىرتقا سېتىلىدىغان ماللارنى توشۇيدىغان شوپۇرلار زاۋۇت رايونىغا كىرگەندە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى شەرت قىلىپ، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ھالقىلارنى تەڭلا قانات يايدۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەن تارقىلىش مەنبەسىنى ئەڭ زور چەكتە توسىدى. خىزمەت ئىش ئورنىدا، ھەرقايسى تارماقلار تازىلىقنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەش پونكىتى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى سانلىق مەلۇماتىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، كارخانا ئىچىدە يۇقۇم كۆرۈلۈپ نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلاندى. تۇرمۇش رايونىدا، بۇ شىركەت يەنە مەخسۇس بىر بىنانى بىكارلاپ ئايرىش رايونى تەسىس قىلىپ، زاۋۇتقا قايتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئايرىش نۇقتىسىدا 14 كۈن كۆزىتىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى.

ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، تەرەققىيات رايونى دېزىنفېكسىيە قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەشكىللەپ، ئىش بېجىرىش ئورنى، ئىشلەپچىقىرىش سېخى ھەم ئەسلىھە، ئاشخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ھازىر، تەۋەلىكىدىكى 44 كۆلەملىك كارخانا ئىچىدە، 28 كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، باشقا 16 كارخانا پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش ۋە ئىككىلەمچى كەسىپلەر ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىق سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمىدى.

جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى:

1 - ئايدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مىليون توننىدىن بۆسۈپ ئۆتتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتتى، بىر قولدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتتى. 1 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 1 مىليون 91 مىڭ توننا نېفىت، 260 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقاردى، نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا سەل ئاشتى.

ئۇقۇشىمىزچە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى كارخانا بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، نېفىتلىك ئىش بېجىرىش سورۇنلىرى ۋە نەق مەيدان بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇرمۇشتىكى يېمەك - ئىچمەك ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغان، نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىرانسپورتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

نەق مەيداندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلمىي بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىش رىتىمىنى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى قۇدۇق بۇرغىلاش، قۇدۇق رېمونت قىلىش، بېسىمدىن يېرىلىش قاتارلىق قۇرۇلۇش قىلىش قوشۇنى كۈچىنى رەتكە تۇرغۇزۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ تەرتىپلىك جىپسىلىشىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ شىنتيەنجۈن ئۇن شىركىتى:

پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ ئۇن مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلدى

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ شىنتيەنجۈن ئۇن چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈركىرەپ تۇراتتى، ئامباردا ئامباردىن چىقىرىلىدىغان خالتا - خالتا ئۇنلار رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، بارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى قوزغىتىپ، 24 سائەت ئايلاندۇرۇپ، ئۇن مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن باشلاپ بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىدۇق، ھازىر، كۈنىگە 400 توننا ئەتراپىدا بۇغداينى بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز، ئامباردا ساقلىنىۋاتقان ئۇن بىرقەدەر يېتەرلىك بولۇپ، بازاردىكى ئاساسىي تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلالايمىز.» بۇ شىركەتنىڭ ئىنژېنېرى لى جيەنگو مۇنداق دېدى: شىركەتتە جەمئىي 50 نەچچە خادىم بار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ماسكا تاقىشى شەرت قىلىندى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ خاتىرىلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى، خىزمەت سورۇنلىرى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىندى.

نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ئاساسلىق ئۇن كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كۈندە 1300 توننا ئۇن ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، ئامباردا ساقلىنىۋاتقان ئۇن 1500 توننىدىن ئاشتى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، ما يىنىڭ، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ساۋ لى، ۋاڭ چيەنشى، سۇڭ پېڭ، خې شيۇجۈەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ