تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 1 مىليارد 122 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۈنشياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن باۋمىن خەۋىرى) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مالىيە كۈچى كاپالىتىنى زورايتىپ، مەبلەغنى ئاجرىتىپ بېرىشنى تېزلەتتى، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 1 مىليارد 122 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى.

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون مالىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەبلىغىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەبلىغىنى كاپالەتلەندۈرۈش جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، مەبلەغ توپلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جەمئىي 1 مىليارد 122 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مەبلىغىدىن جەمئىي 374 مىليون يۈەن ئاجراتتى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مالىيەلىرى 748 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كېرەكلىك ئۈسكۈنە ۋە ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامراپ كېتىشىنى تىزگىنلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە يېڭىشنى قوللاشقا پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مالىيە تارماقلىرى مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش يېشىل يولى تەسىس قىلدى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى، بىر خىزمەت كۈنى ئىچىدە ھۆججەت يوللاپ تەستىقلىتىش، كۆرسەتمە چۈشۈرۈش، مەبلەغ ئاجرىتىپ چىقىرىش، ھۆججەت چۈشۈرۈش، ناھىيە، شەھەرلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق بانكىسى ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كۈچەپ ماسلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە ۋاقىت ئىچىدە مەبلەغنى ھەرقايسى جايلارغا دەل ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  خەلق ئاممىسىنىڭ خىراجەت سەۋەبىدىن داۋالىنىشقا بارالماسلىق ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، جايلارنىڭ مەبلەغ مەسىلىسى سەۋەبىدىن داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مالىيە تارماقلىرى كاپالەت سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە كاپالەتنى كۈچەيتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى بىرلىكتە، ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلغان ئاغرىقنىڭ داۋالىنىش، قۇتقۇزۇش خىراجىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى قاتارلىقلارنى بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلغاندىن كېيىن، شەخس ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىغا پۈتۈنلەي مالىيە كاپالەتلىك قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيەسى %60نى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە %40نى كۆتۈردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشقان تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇم مۇداپىئە خىزمەتچىلىرىگە ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە، 1-سەپتىكى خادىملارغا كۈنىگە 300 يۈەن، باشقا خادىملارنىڭ كۈنىگە 200 يۈەن تارقاتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە، «دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغ يۇقۇمىنى داۋالاش لايىھەسى» قاپلىغان دورا ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىتلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى A تۈرى بويىچە چىقىم قىلدى، ئالدىن چىقىم قىلىش نىسبىتى تەسىس قىلمىدى، چىقىم قىلىش ئۆلچىمى چەكلىمىسى، چىقىم قىلىش دائىرىسى چەكلىمىسى قويۇلمىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن بىرلىكتە، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان داۋالاش خادىملىرى ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملارنى ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى بويىچە تەمىنات بەردى؛ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيتى بىلەن بىرلىكتە، جەمئىيەتكە ئىئانە قوبۇل قىلىش ئىسچوتىنى ئېلان قىلىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى، كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى قوبۇل قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون مالىيەسى يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ماسلىشىشنى، ۋىلايەت، ئوبلاست شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرىدىن مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، مەبلەغ كاپالىتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەت خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدى ھەمدە جايلاردىن مەبلەغنى جايلاردىكى يېزا-كەنت ۋە شەھەرلەردىكى مەھەللىلەرنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىگە ۋە يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىشنى كەڭ قانات يايدۇرىشىنى تەلەپ قىلدى، ھەر قانداق جاي ۋە تارماقنىڭ مەبلەغنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىسىپ قېلىشىغا، ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش يولىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى