تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

10 ياشلىق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يازغان خېتى: دادام ئادەم قۇتقۇزۇۋاتىدۇ، ئاپام دوختۇرخانىدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، مەن مومامنىڭ ئۆيىدە گەپ ئاڭلايمەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شى خۇي خەۋىرى، فوتوسى): «دادام ۋۇخەندە، ھەر كۈنى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ؛ ئاپام ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىدا بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، مەن مومامنىڭ ئۆيىدە گەپ ئاڭلاپ، تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلەيمەن ...» بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 10 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ما شايىدېنىڭ ئاتا - ئانىسىغا يازغان خېتى.

    ما شايىدېنىڭ دادىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ما لوڭ بولۇپ، 1- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرىنچى سەپكە ماڭدى.  ئاپىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا كادىرلار ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى ئۇنىۋېرسال ئىچكى كېسەللىكلەر 1- بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى ئەن يۈەنيۈەن بولۇپ، چاغاندىن ھازىرغىچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ باقمىغانىدى. ھازىر، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئۈچ جايدا.

  بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەننىڭ بىرگە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى.

  2- ئاينىڭ 6- كۈنى، مۇخبىر ما شايىدېنىڭ ئاپىسى ئەن يۈەنيۈەننى زىيارەت قىلدى. «قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، مەن بىلەن دادىسى ئىككىمىزلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، ئۇنى ئاتا - ئانامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ، چاغان مەزگىلىدە كۆرۈپ كېلەرمىز دەپ ئويلىغان. ئويلىمىغان يەردىن، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بېرىپ، دادىسى ۋۇخەنگە كەتتى، مەن ئۈرۈمچىدە قالدىم، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇئەللىم بالىلارغا ئۆز ئۇسۇلى بىلەن ۋۇخەنگە مەدەت بېرىشنى ئېيتقاندا، ئۇ دادىسى بىلەن ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپتۇ.» دېدى ئەن يۈەنيۈەن.

  ئۈچ كۈن ئىلگىرى، ۋۇخەندىكى خىزمەتدىشى ئەن يۈەنيۈەنگە بىر قىسقا فىلىم يوللىدى. فىلىمدا ما لوڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىن ئەمدىلا چىققان بولۇپ، مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋاتقاندا، بىر قولى توختىماي تىترەۋاتاتتى: «ئۇ ئېغىر كېسەلنى قۇتقۇزغاندا، ئۇدا بىر قانچە قېتىم مەركىزىي ۋېنا تومۇرغا نەيچە ئورنىتىش مەشغۇلاتى قىلغاچقا، ھېرىپ كەتكەنلىكتىن قولى توختىماي تىترەۋاتاتتى، مەن يىغلاپ تۇرۇپ، قىسقا فىلىمنى ئۆيىمىزدىكىلەرنىڭ ئۈندىدار توپىغا يوللىدىم، بۇنى ئوغلۇممۇ كۆردى.» دېدى ئۇ.

  ما شايىدې مومىسىنىڭ يان تېلېفونىنى ئېلىپ، دادىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەن، قولى تىترەۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ئون قېتىمدىن ئارتۇق كۆردى، «دادامغا بەك ئىچىم ئاغرىدى، شۇڭا مۇئەللىم تاپشۇرۇق بەرگەندە، مەن ئاندىن ئاتا - ئانامغا خەت يېزىشنى ئويلىدىم.» دېدى ما شايىدې.

  دادىسىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىكى سۈرىتى.

  ما شايىدې مۇنداق دېدى: دادام ۋۇخەنگە كەتكىلى ئون نەچچە كۈن بولدى، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بىر قېتىملا سىنلىق پاراڭلاشتىم. خەتنى يېزىپ بولغان كۈنى كەچتە، ئۇ يان تېلېفوندا خەتنىڭ مەزمۇنىنى سۈرەتكە تارتىپ دادىسىغا يوللاپ بەردى، «دادام ماڭا ئاۋازلىق جاۋاب قايتۇردى، ئۇ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكىنىنى، يەنە مېنىڭ گەپ ئاڭلىشىمنى،  ئۆزىنىڭ ئامان - ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈشۈمنى ئېيتتى، دېدى.

  خەتنىڭ ئاخىرىدا، ما شايىدې مۇنداق دېگەنىدى: ئاتا - ئانامنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، بۇ جەڭدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىنى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بالدۇرراق جەم بولىشىمىزنى تىلەيمەن ...

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى