تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى): «تاجسىمان ۋىرۇس قورقۇنچلۇق ئەمەس، كىشىلەرنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقى قورقۇنچلۇق. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇماسلىق، ئادەم توپلاشقان جايغا بارماسلىق...» تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، يېقىندا، قومۇل شەھەرلىك چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى باي چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى بىلەن تەۋەلىكتىكى 12 مۇقام ئېيتقۇچىلار كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان 12 مۇقام سەنئىتى شەكلىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىباب، يېقىملىق مېلودىيەدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ناخشىسى ئىجاد قىلىپ ئېيتتى ھەمدە بۇ ناخشىنى قىسقا فىلىم قىلىپ ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۈندىدار توپى ۋە دوۋيىنغا يوللىدى.
باي يېزىسى قومۇل شەھىرىنىڭ ئاراتۈرۈك ناھىيەسىگە جايلاشقان، بۇ يەر جۇڭگو-موڭغۇلىيە چېگرا لىنىيەسىگە ئاران 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. باي چېگرا ساقچىخانىسى 1964-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ئۇدا يەتتە قېتىم «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» دەپ تەقدىرلەنگەن.
سىننى قومۇل شەھەرلىك چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى باي چېگرا ساقچىخانىسى تەمىنلىگەن