تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر خىل رومانتىكلىق بار، ئۇ بولسىمۇ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا قارشى جەڭ مەيدانىدا

  جۈپ-جۈپ «ئەڭ گۈزەل ئەر-خوتۇن»لار مەيدانغا كەلدى

  ئۇلار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئۆز-ئارا يار-يۆلەك بولدى

  بۇ، ئۇلارغا مەنسۇپ بولغان ئالاھىدە مۇھەببەت

ئۇلاردا دەبدەبىلىك قەسەم يوق

  كېچە بىلەن كۈندۈز يوق

  پەقەت «بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ» «ساق-سالامەت قايتىپ كېلىڭ» دېگەندەك ئاددىي كۆيۈنۈشلا بار

  ئەگەر ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلغان مۇھەببەت ئىزھار قىلىش بار دېيىلسە، ئۇ دەل ھەمراھ بولۇش

 شۇنداق، ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت دەل سىز بىلەن مېنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشىمىزدۇر

(1)

 

 خالمىرزات زاكىربېگ چارلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۇخلىماقتا.

  گۈلنۇر باخاش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1-سېپىدە چىڭ تۇرماقتا. سۈرەتنى تېكەس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەمىنلىگەن

  ئېرى خالمىرزات زاكىربېگ (تىكەس ناھىيە ئازات كوچىسى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى)

  خوتۇنى گۈلنۇر باخاش (تىكەس ناھىيە قارادالا بازارلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى)

  ھېكايە چۈشەندۈرۈشى:

  چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ، تىكەس ناھىيەلىك ئايرىش رايونىدا نۆۋەتچىلىك قىلغاندىن بۇيان

  خالمىرزات زاكىربېگ ھەر كۈنى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى، بىر كۈنمۇ ئۈزۈپ قويمىدى

  خوتۇنى گۈلنۇر باخاش ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە كىرىشتى

  ئۆيىدىكى سەككىز ياشلىق قىزى ۋە ئىككى ياشلىق ئوغلىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قارىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى

  ئەر-خوتۇن سۆزى: «ئۆيدىكى دوختۇر، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ ئۆيدىكى ساقچى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ».

  

(2)

سۈرەتنى ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ يىڭ، خې نا تەمىنلىگەن

  ئېرى ئېرسىلۇڭ خېجىڭ سانائەت باغچە رايونى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى.

  خوتۇنى ئوۋلۇمۇ خېجىڭ ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئىقتىدار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى

  ھېكايە چۈشەندۈرۈشى:

  ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقان ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەش، يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش

  خېجىڭ سانائەت باغچە رايونى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئېرسىلۇڭنىڭ ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش ھەم مول مەزمۇنلۇق

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ

  ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئېرسىلۇڭ توساتتىن خوتۇنى ئوۋلۇمۇنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ قالىدى

  ئىككىسى خېجىڭ ناھىيەلىك يىغىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالىدى

  شۇنىڭ بىلەن بىر پارچە سۈرەتكە چۈشتى

  ئەر-خوتۇن سۆزى: «بىر خىل رومانتىكىلىق بار، ئۇ بولسىمۇ دەل مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش».

  (3)

  سۈرەتنى يەنجى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەمىنلىگەن

  ئېرى شى شۆرۈي يەنجى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى

  خوتۇنى گاۋ شىن يەنجى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك 2-بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقى

  ھېكايە چۈشەندۈرۈشى:

«يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيان، بىز ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزۇن بولدى» دېدى شى شۆرۈي.

تۆت ياشلىق ئوغلىنى ئاتا-ئانىسىغا تاپشۇرۇپ

  شى شۆرۈي ۋە خوتۇنى گاۋ شىن بىرلىكتە بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى

  بىرى ھەر كۈنى شەھەر رايونىنىڭ قاتناش كىرىش-چىقىش ئېغىزىدا چىڭ تۇرۇپ

  كىرىپ -چىققان ئاپتوموبىللارنى قاتتىق باشقۇردى، كىرىپ-چىققان ئاپتوموبىللار ۋە ئادەملەرنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىدى.

  يەنە بىرى داۋالاشنىڭ بىرىنچى سىپىدىكى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى

«ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىڭ، سىلەر تېببىي خادىملار ۋىرۇسقا ئەڭ يېقىن، ئەڭ خەتەرلىك».

  خىزمەت ئارىلىقىدا ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۈندىداردا ئاددىيلا سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى دېگەندىن كېيىن، يەنە ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  ئەر-خوتۇن سۆزى: «بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە، بىز سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىمىز، ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز».

  (4)

  سۈرەتنى ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي يۈيۇڭ تەمىنلىگەن

  ئېرى چېن يۈ باي ناھىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ كادىرى

  خوتۇنى يىن لى باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى دوختۇرخانا سېزىم كونترول قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى

  ھېكايە چۈشەندۈرۈشى:

  باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى قىزىتما كېسەل رايونىدا

  قوغدىنىش كىيىمى كىيگەن يىن لى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، قىزىۋاتقان بىمارلارنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  كېسەل رايونى يىن لى تۇرىدىغان ئولتۇراق رايوندىن نەچچە يۈز مېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ

  بىراق ئۇ چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ

  ئۆيىگە قايتىپ باقمىغان ئىدى

«چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتىلا ئۆيدە گاز توختاپ قالغانىدى، مەن شۇنىڭغىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدىم».

  ناھىيە بازىرىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياقئېرىق بازىرى ئىلغاپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا

  ئېرى چېن يىمۇ قىزىغانلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان ئىدى.

  ئەر-خوتۇن سۆزى: «بىز ئىككىلىمىز پارتىيە ئەزاسى، باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك».

  (5)

  سۈرەتنى ئىختىيارىي مۇخبىر ما رۈيمىڭ تەمىنلىگەن

  ئېرى ۋاڭ زىڭمىڭ قورغاس ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى

  خوتۇنى شۈ شيا قورغاس ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ سىستېرالار باشلىقى

  ھېكايە چۈشەندۈرۈشى:

  چاغاننىڭ يەتتىنچى كۈنى چۈشتە

  شۈ شيا ئېرى ۋاڭ زىڭمىڭغا تاماق ئاپىرىپ بېرىشكە ۋاقىت چىقاردى

  ئىككىسى ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ نەچچە ئېغىز ئاددىي پاراڭلاشقاندىن كېيىن

  ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  شۈ شيا دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقى

  چىڭشۈيخې تەۋەلىك رايونىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇپ داۋالاش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان

  ئېرى ۋاڭ زىڭمىڭ ئۇدا نۇرغۇن كۈن نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىراشلىقتا دەممۇ ئېلىپ باقمىغان

  ئەر-خوتۇن سۆزى: «تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماي، ۋاقىت چىقىرىپ ئارام ئېلىڭ.» «سىزمۇ شۇ»

  (6)

  سۈرەتنى كۇيتۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەمىنلىگەن

  ئېرى ۋاڭ شياڭجۈن كۇيتۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى

  خوتۇنى جاڭ جيەنجۈەن كۇيتۈن شەھىرى ئۈرۈمچى شەرقىي يولى مەھەللە كومىتېتى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سېستراسى

  ھېكايە چۈشەندۈرۈشى:

  توي قىلغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ شياڭجۈن ۋە جاڭ جيەنجۈەن خىزمەت سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاز جەم بولاتتى

  ئۇلار ئەسلىدە چاغاندا گەنسۇغا قايتىپ، ئاچىسىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغان ئىدى

  ئويلىمىغان يەردىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلدى

  تۇساتتىن كەلگەن يۇقۇم ئالدىدا

  ئەر-خوتۇن قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن

  سېتىۋالغان ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇپ

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىگە ئاتلاندى

  ئەر-خوتۇن سۆزى: «ھامان ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىش كېرەك، بىزنىڭ تەييارلىقىمىز پۈتتى».

  (7)

  رابىگۈل رەجەپ پەقەت دېرىزىدىنلا ئېرىنى كۆرەلەيدۇ. سۈرەتنى ئىختىيارىي مۇخبىر نيۇ بىن تەمىنلىگەن

  ئالىمجان ئىمىر ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە. سۈرەتنى ئىختىيارىي مۇخبىر نيۇ بىن تەمىنلىگەن

  ئېرى ئالىمجان ئىمىر نىيە ناھىيەسى نىيە بازارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ياردمچى ساقچىسى

  خوتۇنى رابىگۈل رەجەپ نىيە ناھىيە نىيە بازارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى

  ھېكايە چۈشەندۈرۈشى:

  نىيە ناھىيە نىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا، يېڭىلا توي قىلغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بار

  بىر گۇرۇپپىدا نۆۋەتچىلىك قىلسىمۇ

  بىراق ئالدىراش خىزمەت بۇ ئىككىسىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىشىغا يول قويمايتتى

  ئېرى ئالىمجان ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنى تەكشۈرۈپ دېزىنفېكسىيەلەيتتى

  خوتۇنى رابىگۈل كومپيۇتىردا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەتتى.

  كومپيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ

  بەزى ۋاقىتلاردا دېرىزىدىن قوغدىنىش كىيمى كىيگەن ئېرىنى كۆرۈپ قالاتتى.

  رابىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىت ئۇنىڭ ئىللىقلىقنى ھېس قىلىدىغان، ناھايىتى بەختلىك مىنۇتلىرى ئىكەن.

  ئەر-خوتۇن سۆزى: «يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن، بىز توي دەم ئېلىشى ئالىمىز».

  (مۇخبىرىمىز ليۇ مىڭمىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى