تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى كۆپ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى چىقاردى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى توردا بېجىرىش، تېرمىنالدا بېجىرىش، پوچتا ئارقىلىق بېجىرىشنى ئاساس قىلىش، جىددىي، مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت بېرىش، ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىشنى قوشۇمچە قىلىشتەك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كارخانىلارنى تۈرلۈك ئالاقىدار كەسپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    نۆۋەتتە بۇ مەركەزگە كىرىپ ئورۇنلاشقان 43 تارماق (ئورۇن) ئۆزىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، توردا ئىش بېجىرىشتىكى ئوخشاش بولمىغان يوللارنى قوللىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كارخانىلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن جىددىي، مۇھىم ئىش بولۇپ، كۆزنەككە بېرىپ نەق مەيداندا بېجىرىشكە ئېھتىياجى بارلار بىر كۈن بۇرۇن ھەر قايسى كىرىپ ئورۇنلاشقان تارماق (ئورۇن)نىڭ كەسىپ مەسلىھەتى ئالدىن كېلىشىش تېلېاونىغا تېلېفون بېرىپ، ئالدىن كېلىشىپ قويۇش كېرەك.

   توردا بېجىرىشتە، كومپىيوتېردا شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تورى ئۈرۈمچى شەھىرى تور نۇقتىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆزنەك تور بېتى، شىنجاڭ ئېلېكترونلۇق باج ئىدارىسى، شىنجاڭ ئاممىۋى فوندنىڭ توردا كەسپ بېجىرىش زالى قاتارلىق تور بەتلەرگە كىرىش ئارقىلىق ئالاقىدار كەسپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.

     تېرمىنالدا بېجىرىشتە، يان تېلېفونغا شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تېرمىنالى، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تېرمىنالى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تېرمىنالى، قاتناش باشقۇرۇش 12123 قاتارلىق سۇپىلاردا ھەر قايسى مۇلازىمەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  نازارەت قىلىش، مەسلىھەت سوراش قاتارلىق باشقا مۇلازىمەتلەرگە ئېھتىياجلىق بولغانلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ نازارەت قىلىش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت تېلېفونى 418444-0991غا تېلېفون بەرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى