تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غۇلجا ناھىيەسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تاغدىن ھالقىپ سىگنال تېپىپ، ئۈندىداردا 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ ۋۇخەنگە مەدەت بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جوڭ گەيچىڭ خەۋىرى، فوتوسى): «كۆپچىلىك  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، مەنمۇ ئازراق كۈچ چىقىرىپ، 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلاي دەيمەن.» 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىدىكى 62 ياشلىق پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بەكەن قۇرمانبەك نەچچە تاغ چوققىسىدىن ھالقىپ، يانفون تورى سىگنالى بار يەرنى تاپقاندىن كېيىن، كەنت كادىرى قەيسەر داۋۇتقا سۆز قالدۇردى ھەم ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇنىڭغا پۇل يوللاپ بەردى.

  21 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بەكەن قۇرمانبەك شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى ئەۋلىيا يېزىسىدىكى چارۋىچى ئىدى. 1- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئۇ نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان-تىزگىنلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى، «مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى ئويلىدىم، ئايالىممۇ ماڭا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بولغاچقا، ھازىر ئۆيدە قوي، كالا، ئات بېقىپ، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، دېدى. ھازىر دۆلىتىمىز قىيىنچىلىققا يولۇقتى، بىز چوقۇم ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئاخىرىدا بىز ۋۇخەنگە 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدۇق.»

  بىراق، بۇ پۇلنى قانداق ئىئانە قىلىش يەنە بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان قىشلىق تۇرالغۇسىنىڭ كەنت بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر كېلەتتى، يان تېلېفوندا سىگنال يوق، تورغا چىققىلى بولمىغاچقا، پۇلنى يوللىغىلى بولمايتتى. بۇ چاغدا، بەكەن قۇرمانبەك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قەيسەر داۋۇتنى ئېسىگە ئالدى. «مەن سىگنال بار جاينى تېپىپ، پۇلنى ئۇنىڭغا يوللاپ بەرسەم، ماڭا ياردەم قىلىپ ۋۇخەنگە ئىئانە قىلسۇن» دېدى بەكەن قۇرمانبەك.

  2- ئاينىڭ 1- كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا، بېكىن قۇرمانبېك يان تېلېفونى، چۇڭدىيەنچى، چۇڭدىيەنباۋنى ئېلىپ، ياخشى ئاتتىن بىرنى تاللاپ مىنىپ، قېلىن قارلارنى كېچىپ، تۆت ئەتراپتىن سىگنال بار تاغ چوققىسى ئىزدىدى.

  يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى، بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى، ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى..... نەچچە تاغ چوققىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى  سىگنال بولغان  بىر تاغ چوققىسىنى تېپىپ، دەرھال قەيسەر داۋۇتقا تېلېفون بەردى، ئەمما ئۇلانمىدى، كېيىن ئۇ قارشى تەرەپنىڭ يىغىن ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدى.

  تاغ چوققىسىدا سوغۇق شامال جاندىن ئۆتەتتى، شامالدا ئۇچۇۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى يۈزگە ئۇرۇلۇپ ئاغرىتاتتى، بەكەن قۇرمانبەك مۇشۇنداق ئەھۋالدا تاغ چوققىسىدا ساقلىدى. بىرەر سائەتكە يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، قەيسەر داۋۇت ئۇنىڭغا تېلېفون قايتۇردى.

  بەكەن قۇرمانبەك تېلېفوننى ئېلىپ، دەرھال ئۆزىنىڭ ئويلىغانىرىنى قەيسەر داۋۇتقا ئېيتتى. قەيسەر داۋۇت تەسىرلەنگەن ھالدا، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، يەنە ۋۇخەن خەلقىگە ۋاكالىتەن بۇ بوۋايغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن بەكەن قۇرمانبەك پۇلنى قەيسەر داۋۇتقا يوللاپ بەردى.

  قەيسەر داۋۇت بۇ ئىئانە پۇلىنى تېزلىكتە غۇلجا ناھىيەلىك قىزىل كىرېسىت جەمئىيىتىگە يوللاپ بەردى، ئۇلار يەنە ۋۇخەن تەرەپكە يوللاپ بېرىدۇ. قەيسەر داۋۇت مۇنداق دېدى: «بۇ بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئازراق كۆڭلى، ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈرگەن كۆڭۈل بولدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى