تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا كاپالەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈ تاۋ خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇمغا قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى، بولۇپمۇ كۆمۈر بازىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى پويىزغا قاچىلىنىپ ۋۇخەنگە توشۇلماقتا.
ۋۇخەنگە ئەۋەتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار پويىزغا قاچىلانماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجوۋغا بارىدىغان Z136 - قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىدىن پايدىلىنىپ، ۋۇخەنگە باش پىياز، ماسكا، باكتېرىيەگە قارشى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دورا قاتارلىق تۇرمۇش ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يەتكۈزۈپ، ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. كونتېينىر ۋە يۈك پويىزى بىلەن ۋۇخەنگە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى كارخانىلار خۇاجۇڭ تېببىي داشۆسى تۇڭجى دوختۇرخانىسىغا ئىئانە قىلغان زۇكام جەۋھىرى، ئۇن، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تېببىي دورا ۋە تۇرمۇش ئەشيالىرىدىن 300 توننىدىن ئارتۇقنى توشۇدى. ۋۇخەن رايونىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش خام ئەشياسى قىس بولۇش ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋۇخەنگە جىددىي تۈردە خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسىدىن پولى ئېتىلېن، پولى پروپىلېن، پولى سىتىرېندىن 72 ۋاگوندا جەمئىي 4544.50 توننا ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەردى.

  شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى جايلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى ھەر قايسى ۋوگزاللار ۋە يۈك تىرانسپورت مەركەزلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش «يېشىل يول»ى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشتا ئالدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالدىن مال تارقىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى قاچىلاش پىلانىنى تۈزۈپ، مەشغۇلاتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيا، ئايرىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردىكى مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى دەرھال تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە قومۇل، غۇلجا، ئالتاي، قورغاس، كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق ئون نەچچە ۋىلايەت (ئوبلاست)، شەھەرگە 40 نەچچە قېتىم مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا، ئىسپىرت، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى يەتكۈزۈلدى. 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن بۇيان، قورغاستىن ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش مەخسۇس پويىزىدىن تۆتى قاتناپ، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق تېببىي مۇداپىئە ئەشيالىرىنى توشۇدى.

  ۋېيجياچۈەن، سانجى، گەنچۈەنباۋ، شىخەنزە، ماناس، كۇيتۇن شىخۇ، لېتۇيى قاتارلىق ئاساسلىق كۆمۈر توشۇش پونكىتلىرىدا مەشغۇلات خادىملىرى ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، شىنجاڭ تۆمۈريول كۈندىلىك ئىستاتىستىكا پونكىتى ئاپتوموبىللارنىڭ ئەھۋالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت ئاپتوموبىل ئەترىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورتقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. بەش يۈك توشۇش مەركىزى، ئىككى پورت بېكىتى ھەمدە 25 ئاساسلىق ۋوگزالدا ئالدىن قۇرۇق ئاپتوموبىل سەپلەش، ئاۋۋال يۈك قاچىلاش، ئاۋۋال ماڭغۇزۇش، ئاۋۋال يۈك چۈشۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۈك قاچىلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «نۇقتىنى نۇقتىغا ئۇدۇللاشتۇرۇش» پويىزى ۋە 10 مىڭ توننىلىق كۆمۈر پويىزىنى يولغا قويۇپ، كۆمۈر توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئىچىدە 40 مىڭ 338 ۋاگون كۆمۈر قاچىلىنىپ، 2 مىليون 622 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇلدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىكى تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر يۈك تىرانسپورت مەركىزى قوبۇل قىلىش، يەتكۈزۈش تەتۈر قىسقا توشۇش ئاپتوموبىلىدىن 40 نى كۆپەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەخسۇس خادىملارنى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ماسلىشىپ، مۇساپىنىڭ قىسقا، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيالارنى بىرىنچى ۋاقىتتا چۈشۈرۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى. شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىكى ئاممىنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىنى يېتەرلىك ماددىي ئەشيا كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىگە 5940 ۋاگون 376 مىڭ 100 توننا كۆمۈر، 129 ۋاگون 7793 توننا گۈرۈچ، ئۇن، دادۇر، 97 ۋاگون، 5667 توننا مېنىرال سۇ، ئىچىملىك قاتارلىق ماددىي ئەشيا توشۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى