تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق مۇزىكانتلار توردا بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، «باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا»نى ئىجاد قىلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى، سۈرەتنى شيا مۇ تەمىنلىگەن): «ھەر قېتىملىق ھاياتلىق سىنىقى، يىغلىغان بولسىمۇ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش، سىزنىڭ ئازابىڭىز مېنى ئەندىشىگە سالدى، سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىزنى مەن كۆرەلەيمەن...» 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭلىق مۇزىكانتلار بىرلىكتە ئىجاد قىلغان، تاسقىن ئورۇنلىغان «باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا» ناملىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ناخشىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

  «باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا» دېگەن ناخشىنىڭ MV فىلىمىنىڭ باشلىنىشىدا مۇنداق يېزىلغان: بۇ ناخشا بارلىق «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەر»گە، شۇنداقلا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ھەر بىر ئاددىي ئادەمگە تەقدىم قىلىمىز. باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، بىز گۈل تاماشا قىلىشقا ۋەدىلىشەيلى، خىزمەت، ئۆگىنىشتە، ئۆزئارا ھەمراھ بولۇپ، ساغلام، ئامان-ئېسەن بولايلى...

  ناخشا مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى، تېكىستىنى يازغۇچى شيا مۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىش ۋە كېيىنكى باچقۇچلۇق ئىشلەشنى ئۈرۈمچى، بورتالا، غۇلجا ۋە بېيجىڭ قاتارلىق كۆپ جايلاردىكى كۆپلىگەن شىنجاڭلىق مۇزىكانتلار ھەمكارلىشىپ تاماملىغان، ئۇلار توردا ھەمكارلىشىپ، كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قىسقىغىنە ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىپ، نوتا يېزىپ، مۇزىكا ئىشلەپ، چالغۇلارنى سەپلىگەن ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق بىرىكتۈرۈشنى تاماملىغان.

  «بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بىز بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالدۇق، خالمۇرات ئىككىمىز ماسكا تاقاپ، ئۈن ئېلىش ئۆيىدە ئۇدا ئۈچ كۈن ئولتۇردۇق، يۈزىمىزگە ماسكىنىڭ ئىزلىرى چىقىپ كەتتى، كەچتە ئۆيگە قايتىپ يۈزۈمنى يۇيغاندا، يۈزۈمنى تۇتقاندا ئاغرىپ كەتتى، مۇشۇنىڭدىن بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى شيا مۇ.

   بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان داڭلىق ناخشىچى تاسقىن ئۆيىدە ئاددىي ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ پۈتۈن ناخشىنى ئۈنگە ئېلىپ بولۇپ، يەنە ئۈرۈمچىگە ئاخىرقى باسقۇچلۇق ئىشلەشكە قايتۇرۇپ ئەۋەتىپ بەردى.

  بورتالادىكى ئىجادىي مۇزىكانت ناسىننىڭ دېيىشىچە، بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكا قىسمىنى خالمۇرات بىلەن غېنى ئىككىسى يىراقتىن ھەمكارلىشىپ تاماملىغان. «بۇنداق ئەھمىيەتلىك ئەسەرنى ئىجاد قىلىشقا قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.»

  ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇزىكانتى خالمۇرات مۇنداق دېدى: «بۇ خەلق قوشاقلىرى مۇزىكىلىق ئەسىرىنىڭ ئىللىق ھەم كۈچلۈك مېلودىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە تەسەللى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناخشىنىڭ تېكىست مەزمۇنىدىكى باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇزىكا ئىشلىگۈچى گىتتار، باس گىتتار قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق چالغۇلاردىن باشقا، يەنە مىللىي چالغۇ سىبورگېنى ئىشلىتىپ، پۈتۈن ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇيغۇغا ئىگە قىلدى.»

  ناخشىنىڭ كەڭ ئامما بىلەن تېزراق كۆرۈشۈشى ئۈچۈن، ئىجادىيەتچىلەر بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالدى، سۈن گاڭ، دىيار، ئادىلە، پەخىردىن، شياۋ يۇڭ، باغدات قاتارلىق ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى بۇ ئاممىۋى پاراۋانلىق ناخشىسىنى ئىجاد قىلىشقا بەس-بەستە قاتناشتى، ئۇلار ئۆيدە ئىشلەشكە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ، چالغۇلارنى چېلىش، گارمونىيە ئورۇنلاش، ئاۋاز ئارىلاشتۇرۇش، MV سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ھالقىلارنى تاماملىدى.

  «2020-يىلى ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئالاھىدە يىل بولدى، ھەممىمىز بىر قېتىملىق قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدۇق. بۇ كۈنلەردە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقماي، ھەر كۈنى خەۋەرلەردە، مىكروبلوگلاردا بىرىنچى سەپتىكى ھايات-ماماتىغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئاشۇ جەڭلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز، بىز بىرلىكتە باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىدىغان شۇ كۈننى كۈتۈۋالىمىز.» شيا مۇ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا زەربە بېرىۋاتىدۇ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ۋاقىتتا ھارارەتكە ئىگە ئەسەرلەر ئارقىلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىم بار.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى