تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

فۇ جياڭخۇا: يۇقۇمغا قارشى جەڭدە چېكىنمەسلىكىم، كۆپرەك ئىش قىلىشىم كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ مىڭفەن، پىراكتىكانت ئىختىيارىي مۇخبىر جىن شىن خەۋىرى، فوتوسى) 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00، تاڭ ئەمدىلا يورۇغانىدى، فۇ جياخۇا ئورنىدىن تۇرۇپ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى. ئەتىگەندە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، توكسىكلىت مىنسە سوغۇق شامال نەشتەردەك سانجىلاتتى، يۇقۇم مەزگىلىدىكى قومۇل پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىنىڭ قومۇل ۋوگزالى B گۇرۇپپا يولۇچى توشۇش خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فۇ جياڭخۇانىڭ ئىسسىق-سوغۇققا قارىغۇدەك ۋاقتى يوق ئىدى. ئۇ سائەت 9:00دىن باشلاپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا، سائەت 8:30دىن بۇرۇن ئىشقا بېرىپ بولمىسا بولمايتتى.

  خىزمەتداشلار: مۇھىم پەيتتە چېكىنمەي ئۆزىنى بېغىشلايدىغان فۇ ئاچا

  فۇ جياڭخۇا قوغدىنىش كىيمىنى ئالماشتۇرۇپ، ماسكا ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكىنى تاقاپ خىزمىتىنى باشلىدى. يولۇچى توشۇش خادىملىرىنىڭ خىزمىتى مۇرەككەپ بولۇپ، زالدا يولۇچىلارنىڭ چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، بىلەت تەكشۈرۈش ئورنىدا بىلەت تەكشۈرىدۇ، پويىز ۋوگزالغا كىرىشتىن بۇرۇن ۋوگزال سۇپىسىنى تەكشۈرىدۇ، ۋوگزالغا كىرگەن پويىزنىڭ ۋاگون باشلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ، يولۇچىلارنى تەرتىپلىك چۈشۈشكە تەشكىللەيدۇ... فۇ جياڭخۇا توختىماي ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرىدۇ.

  B گۇرۇپپىدا 20دىن ئارتۇق خادىم بار بولۇپ، سۇ قاچىلاش خادىملىرىلا ئەر، قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن ياش قىزلار بولۇپ، 49 ياشقا كىرىپ قالغان فۇ جياڭخۇا بۇ قىزلارنىڭ ئاچىسى ھېسابلىنىدۇ. 25 ياشلىق جى شۆنانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار فۇ جياڭخۇانى «فۇ ئاچا» دەپ چاقىرىدىكەن، بىرىنچىدىن ئۇ كىلەر يىلى پىنسىيە چىقىدىغان بولغاچقا ھەقىقەتەن پىشقەدەم ھېسابلىنىدىكەن، ئىككىنچىدىن ئۇ ئاچىلارغا خاس سالاپەتكە ئىگە ئىكەن، ھەممەيلەن چارچىغاندا ياكى قىيىنچىلىق بولغاندا، دائىم «مەن قىلاي»دەپ ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىكەن.

  يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن بۇ مەزگىلدە بېرىپ-كېلىدىغان پويىزلار ئازلاپ، قىلىدىغان خىزمەت كۆپەيگەن، يەنى ۋوگزالدىن چىققان يولۇچىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئۇچۇرىنى تىزىملاش قاتارلىقلار. نۆۋەتچى خادىم گاۋ لىنشۈننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، پىنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان فۇ ئاچا ئارقىغا چېكىنمىگەن، ھەر قېتىم قىزىپ قالغان يولۇچىلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش توغرا كەلگەندە ياكى بىلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىدا بىلەت تەكشۈرگەندە، فۇ ئاچا  «مەن قىلاي» دەپ تۇرغان.

    «يولۇچىلارنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا يىقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، بىلەت تەكشۈرگەندىمۇ نۇرغۇن يولۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. قىزىم 21 ياشقا كىردى، گۇرۇپپىمىزدىكى قىزلار قىزىم بىلەن قۇرداش، مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇلار يەنىلا بالا، شۇڭا ئۇلارنى قوغدىشىم كېرەك. يۇقۇملىنىپ قىلىشتىن قورقمايمەن دېسەم يالغان بولۇپ قالىدۇ، بىراق بۇ يەردە چوڭ داۋلى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، مەن پەقەت ئۆزۈم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئالدىدا قىلدىم» دېدى فۇ جياڭخۇا.

  فۇ جياڭخۇا: يۇقۇمغا زەربە بېرىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى

  باش باھار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھاۋا تەدرىجىي ئىللىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ۋوگزال سۇپىسىدا خىزمەت قىلغان فۇ جياڭخۇا يەنىلا توڭلايدۇ. ئىللىتىش چاپلىقى چاپلاش، ئىسسىتىدىغان پىتەك ئىشلىتىش، ئىسسىق سۇ ئىچىپ بەدەننى ئىللىتىشنىڭ ھەممىسى بىر خىل راھەت.

  «سۇ ئىچىشكە پىتىنالمايمەن، سۇنى جىق ئىچسە ھاجەتخانىغا كۆپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر چەكلىك، شۇڭا بىز ئامال بار تىجەپ ئىشلىتىمىز» دېدى فۇ جياڭخۇا، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى خىزمەت ۋاقتىدا ئامال بار سۇ ئىچمەيدىكەن، بۇنداق بولغاندا ھاجەتخانىغا بېرىش قېتىم سانىنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىيمىنى سىلىپ-كېيىش قېتىم سانىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدىكەن. ئىشتىن چۈشكەندىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىيمىنى سېلىپ، سۇنىمۇ قورقماي ئىچىدىكەن.

  ئىلغار شەخىس، كەسپ ئۈلگىسى، بۇ يىللاردا فۇ جياڭخۇا نۇرغۇن شان-شەرەپكە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مۇكاپاتلار ئۇنىڭ تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ئىدى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىدىكى ئاكتىپ ئىپادىسىنىمۇ كۆردى.

    باشقىلار ئۇنى ماختىغاندا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىرىنچى سىپىدە ئىشلەۋاتقان تۆمۈريول خىزمەتچىلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى خالاس. ئەمەلىيەتتە گۇرۇپپىدىكى ھەر بىر خىزمەتچىگە ئاسان ئەمەس، چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىدىن ۋاز كەچتى، بىرسىمۇ يۇقۇمدىن قورقۇپ ئارقىغا چېكىنگىنى يوق. نۆۋەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ئەزاسى ئەمەس، بىراق ئۇلار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويدى، ئىرادىمىزدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا زەربە بېرىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى».

  قىزى: ئاپام بىر جەڭچى

  قىزى يۈ شىنيۆ ئاپىسى فۇ جياڭخۇانىڭ ئۈچ ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان خىزمىتىگە ئاللىبۇرۇن كۆنۈپ قالغان ئىدى. فۇ جياڭخۇا يېرىم كېچىگىچە ئىشلەپ ئاران ئۆيگە قايتىپ كىلەتتى، ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن قىزى يەنە داۋاملىق ئۇخلايتتى. يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، فۇ جياڭخۇا يېرىم كېچە ئۈچتە ئۆيگە قايتىپ كەلسىمۇ، يۈ شىنيۆ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ ئاپىسىنى كۆرۈۋالىدىغان بولدى.

  يۈ شىنيۆ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ، بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان ئاپامدىن ئەنسىرەپ قالدىم. شۇڭا ئۇ قانچىدە ئۆيگە قايتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن، قولىنى چوقۇم ئەستايىدىل يۇيۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىمەن، ئاندىن خاتىرجەم ئۇخلايمەن. قەلبىمدە ئاپام بەك قەيسەر، ئۇ بىر جەڭچى. ئۇ ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكى».

  كەچ سائەت سەككىز يېرىمدا خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن فۇ جياڭخۇا رەسمىي ئىشتىن چۈشتى. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، كۆز ئاسراش ئەينىكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىرپىكى ۋە قېشىنى ناھايىتى تېزلا بىر قەۋەت قىراۋ قاپلىدى.

    ئۇ توكسىكلىت مىنىپ ئۆيىگە قايتتى، يۈ شىنيۆ ئاپىسىنىڭ پىشانىسىدىكى كۆز ئاسراش ئەينىكى قالدۇرغان ئىزلارنىڭ تېخىچىلا يۇقىمىغانلىقىنى كۆردى. يۇقۇم مەزگىلىدىكى قومۇل پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىنىڭ قومۇل ۋوگزالى B گۇرۇپپا يولۇچى توشۇش خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فۇ جياڭخۇانىڭ بۇلارغا قارىغۇدەك ۋاقتى يوق ئىدى. چۈنكى، كېيىنكى كېچىلىك ئىسمىنىغا كېچە سائەت ئىككى يېرىمدىن بۇرۇن باراتتى، ئۇ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن 4 سائەتمۇ ئۇخلىيالمايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى