تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يولۇچىلار بۆلمىسى يۈك توشۇش بۆلمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، 490 ساندۇق جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ دانە ماسكا ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، جاۋ چاڭفۇ فوتوسى، خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتە، بېيجىڭدىن ئۇچقان خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 9004-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 490 ساندۇق 1 مىليون 200 مىڭ دانە ماسكىنى بېسىپ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىغا تاپشۇرۇلىدىكەن، ئارقىدىن بىرىنچى سەپتىكى ئورۇنلارغا بىر تۇتاش تارقىتىلىدىكەن.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىغا كېلىپ، يۈك چۈشۈرۈش خادىملىرىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىغا كېلىپ ساقلاۋاتقانلىقىنى، يېتىپ بارغان ئايروپىلاننىڭ يۈك بۆلمىسىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى لىق بېسىلغاندىن باشقا، يولۇچىلار بۆلمىسىگىمۇ ساندۇق-ساندۇق ماسكىلارنىڭ لىق قاچىلانغانلىقىنى، كۆپ تارماقلارنىڭ كاپالەتلىك قىلىشى بىلەن، ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن، ماددىي ئەشيالارنىڭ ناھايىتى تېز چۈشۈرۈۋېلىنغانلىقىنى كۆردى.

  شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى خەلقئارا سودا شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سەنباۋ گۇرۇھى دېيىلىدۇ) نىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پېڭ شىنچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سەنباۋ گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا باشلامچى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، داۋالاش، مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي سېتىۋالدى. 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سېتىۋېلىنغان 500 مىڭ دانە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا شىنجاڭغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، سەنباۋ گۇرۇھى 1 مىليون 200 مىڭ دانە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ باردى.

  «بىز ھازىر مال مەنبەسى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكى، دېزىنفېكسىيە سۈيى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى داۋاملىق سېتىۋالماقچى، كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ كېلىمىز.» دېدى پېڭ شىنچۈن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، بورتالا قاتارلىق جايلاردىن مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى كورلىغا توشۇشقا بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغان؛ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەنە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ قاراماي، تارباغاتاي ۋە تۇرپاندىكى ماددىي ئەشيالارنى بىر تۇتاش كورلىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ قېتىم توشۇلىدىغان داۋالاش مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى جەمئىي 397 يەشىك، جەمئىي 18 مىڭ 10 يۈرۈش بولۇپ، بۇ بىر تۈركۈم مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ۋاقتىدا، مۇكەممەل يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلار بۆلمىسىنى بوشىتىپ، ھەممىسىنى مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى قاچىلاشقا ئىشلەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى