تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تېز يوللانما ۋەھىمىسى»نى تۈگىتىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

  ھازىرقى تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى بويىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاساسلىقى چاچراندىلار ۋە بىمارلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن تارقىلىدۇ. تېز يوللانما ئورالمىسى ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەل ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەتىرى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، كۆپچىلىك تېز يوللانمىنى نورمال قوبۇل قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئاممىنىڭ «تېز يوللانما ۋەھىمىسى»نى تۈگىتىشتە تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى، ئولتۇراق رايوننىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلارغىچە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى كېرەك .

  شىنخۇا كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى ئوبزورچىسى خۇ جىنۋۇ، فەن فەن

  يېقىندا، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ يەنبو مۇنداق بىر ھادىسىنى تىلغا ئالدى: ھازىر بەزىدە تېز يەتكۈزۈش خادىمى بىر پوسۇلكىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سوغۇق ھاۋادا بىر سائەتتىن ئارتۇق ساقلايدۇ. تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ يەتكۈزۈش ۋاقىتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بىر تەرەپتىن جايلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۈچەيگەنلىكتىن نۇرغۇن مەھەللە، ئىدارىلەرنىڭ خىزمەت بىنالىرى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن كىشىلەر تېز يوللانما قوبۇل قىلىش سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى بويىچە، تېز يوللانما ئورالمىسى ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەل ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋىپى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، كۆپچىلىك تېز يوللانمىنى نورمال قوبۇل قىلسا بولىۋېرىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاساسلىقى چاچراندىلار ۋە بىمارلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. تېز يوللانما ئارقىلىق تارقىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن.

  ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش-ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئەگەر جىسىمنىڭ يۈزىدە ۋىرۇس بايقالسا، ئۇنىڭ ئۆمرى پەقەت «بىر نەچچە سائەت» بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پوسۇلكا يەتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئوخشىمىغان مۇھىتتا تۇرىدۇ. بۇ ۋىرۇسنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقىنى تېخىمۇ كىچىكلىتىدۇ، ئامېرىكا چېگراسى ئىچى-سىرتىدا پوسۇلكا سەۋەبلىك يۇقۇملانغان كېسەللىك مىسالى يوق» دېدى.

  شۇنداق بولسىمۇ، بەزى كىشىلەر يەنىلا تېز يوللانمىنى قوبۇل قىلىش خەتىرىدىن زىيادە ئەندىشە قىلماقتا. ھەتتا «تېز يوللانمىدىن قورقۇش كېسىلى» كېلىپ چىقتى. مەيلى ئالدىنقى سەپ كاپالىتى بولسۇن ياكى ئارقا سەپ مۇقىملىقى ئۈچۈن بولسۇن، ۋاقتىدا راۋان تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئىنتايىن مۇھىم. قانداقلا بولمىسۇن، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشى ھەم تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ «يېڭى ئېھتىياجى»، ھەم ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشنى ئازايتىش، يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىشنىڭ «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى».

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋۇخەندىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا رايونلار ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ھەم نورمال ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

  زىيادە ۋەھىمە سەۋەبىدىن ۋىرۇس يۇقۇم ئەھۋالىدىنمۇ ئېغىر بولغان «كەيپىيات يۇقۇمى»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئە بىلىملىرىنى كۈچەيتىشكە تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېز يوللانما شىركەتلىرى، ئولتۇراق رايوننىڭ ئۆي-زېمىن خوجىلىقىدىن ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلارغىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، يۇقۇم مۇداپىئە تورىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ «تېز يوللانما ۋەھىمىسى»نى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

  نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، كۆرگىلى بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئارقىلىق كۆرگىلى بولمايدىغان ۋىرۇسنى توسۇشى كېرەك. مەسىلەن، شارائىتى بار ئولتۇراق رايون، خىزمەت بىناسىدا نۇقتىلىق قوبۇل قىلىش-ئەۋەتىش، ئالدىن كېلىشىپ يەتكۈزۈش، ئۇچراشماي يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى كېڭەيتىپ، خادىملار ئارىسىدىكى بىۋاسىتە ئۇچرىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتسا بولىدۇ؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يەتكۈزۈش ئىشكاپى بار ئولتۇراق رايونلىرىدا خوجىلىق شىركىتى ۋاقىت بەلگىلەپ دېزىنفېكسىيە قىلىشى، ئولتۇراق رايوندىكى ئالاھىدە بېكىتكەن رايونغا كىرگەن تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى ماسكا تاقاپ قوغدىنىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يەتكۈزۈش ئىشكاپى يوق ئولتۇراق رايونلىرىدا ئولتۇراق رايون ئەتراپىدا قوبۇل قىلىش مەخسۇس رايونىنى ئاجرىتىپ، خوجىلىق شىركىتىنىڭ قوبۇل قىلىش رايونىدا پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش ئاساسىدا، كىشىلەرنى تەرتىپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا مال ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك . بەزى ئاھالىلەر يەنە خاتىرجەم بولالمىسا، %75لىك ئىسپىرت ياكى تەڭشەلگەن «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى تېز يوللانما ئورالمىسىغا چاچسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قولنى سوپۇنداپ يۇيۇشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

  ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلار خىزمەتنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش چوڭ ئىمتىھانىدا ھەر قايسى تەرەپلەر ئېتىراپ قىلغان «يۇقىرى نومۇر» غا ئېرىشسە، ئاممىنىڭ يۇقۇم ئالدىدىكى روھىي ھالىتى تېخىمۇ تەمكىن بولىدۇ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ.

  كېڭەيتىپ ئوقۇش

مۇتەخەسسىسلەر «تېز يوللانما ئورالمىسىدىن ۋىرۇس تارقىلىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز» دەپ قارايدۇ

مەنبەسى : پايدىلىنىش خەۋەرلىرى

    جۇڭگودىن كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ داۋاملىق تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى كىشىلەر بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ جۇڭگودىن ئېلىپ كېلىنگەن تېز يوللانما ئورالمىسى يۈزىگە يوشۇرۇنۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. سىز تېز يوللانما ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىنمۇ ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى سەھىيە ئاپپاراتى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ پوچتا تېز يوللانمىسىدا ھېچقانچە ئۇزۇن ياشىيالمايدىغانلىقى، كىشىلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشنىڭ جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىدىن خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى(CDC) تور بېكىتىدە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزى ئارقىلىق تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.

  گەرچە بىر ئادەم ۋىرۇسنى نەچچە كۈن، ھەتتا نەچچە ھەپتە ئېلىپ يۈرسىمۇ، لېكىن ۋىرۇس بەدەن سىرتىدا ئۇزاق ياشىيالمايدۇ. CDC تور بېكىتى مۇنداق دېدى: بۇ «ئەگەر جىسىمنىڭ يۈزىدە ۋىرۇس بايقالسا، ئۇنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر نەچچە سائەت»بولىدۇ» دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېز يوللانما يەتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ئوخشىمىغان مۇھىتتا تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇسنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ كىچىكلەيدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شىتاتلىق داشۆسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دىنامىكا مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئېلىزابېت ماگېلاۋ مۇنداق دېدى: قەغەز يەشىك ۋىرۇس پەيدا بولىدىغان ياخشى سورۇن ئەمەس. ئۇ ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ ۋىرۇسلارغا بولغان چۈشەنچىمىز بويىچە، ئۇلار جىسىمنىڭ يۈزىدە ئۇزاق ۋاقىت ياشىيالمايدۇ، بولۇپمۇ كۆپ تۆشۈكلۈك يۈزلەر، مەسىلەن قاتتىق قەغەز تاختا دېگەندەك.» ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا چېگراسى ئىچى-سىرتىدا تېز يوللانما سەۋەبلىك يۇقۇملانغان ھېچقانداق كېسەللىك مىسالى يوق. CDC تور بېكىتىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگودىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھسۇلاتلار ياكى ئوراپ-قاچىلىنىپ كەلگەن تېز يوللانمىلاردىن ۋىرۇس تارقىلىش خەتىرى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. بۇ ئورگاننىڭ ئېيتىشىچە، ئەڭ ئەنسىرەشكە تېگىشلىكى «نەپەس يولى چاچراندىلىرى» بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە كېسەل تارقىتىدىكەن. سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى، مەسىلەن، ئىلمان سۇ ۋە سوپۇن بىلەن قولنى يۇيۇش، يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە قول بىلەن ئەمەس بەلكى جەينەك بىلەن توسۇپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى