تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خۇبېيغا ياردەم بېرىش ھېكايىسى| ئەر سېسترا كامىلجان ئالىم: «مەن باراي، چوقۇم غەلىبە قىلىمىز!»

 

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن): «مەن تىزىملىتىمەن!» 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە، خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسىنىڭ خۇبېي غا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ جەڭگە ئاتلىنىش چاقىرىق يىغىنىدا، 23 ياشلىق كامىلجان ئالىم تۇنجى بولۇپ بۇ سۆزنى دېدى.

  دوختۇرخانا باشلىقى مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىم سېسترالارنىلا تىزىملايمىز.»

  ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاب بەردى: «مەن سېسترا!»

  كامىلجاننىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسىنىڭ سېسترالىق ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭ سېسترالىق ئىستاژىنىڭ قىسقا، تەجرىبىسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، دوختۇرخانا رەھبەرلىرى دەسلەپتە ئۇنىڭ ئەترەت بىلەن بىللە جەڭگە ئاتلىنىشىغا قوشۇلمىدى، ئەمما ئۇ قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ پەرۋىش قىلىش ئاساسىم پۇختا، ھەم چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىم بار، مەن باراي، چوقۇم غەلبە قىلىمىز!»

  بۇنداق قەتئىي ئىرادە ئاخىر دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنى تەسىرلەندۈردى، كامىلجان ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە قوشۇلدى.

  ئوغلىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ يۇقۇم رايونىغا بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دادىسى ئۇنى بەك قوللىدى، ئانىسى ئۈن-تىنسىز ياش تۆكتى.

  «مەن بۇ كەسىپنى تاللىغان ئىكەنمەن، بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، چوقۇم بېرىشىم كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىللە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك!» دېدى ئۇ ئانىسىغا قەتئىيلىك بىلەن. ئوغلىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاخىر ئانىسىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگەتتى، ئانىسى ئوغلىنىڭ تاللىشىنى قوللىدى.

  «ئامان-ئىسەن قايتىپ كەل!» مېڭىش ئالدىدا، ئاتا-ئانىسى كامىلجاننى باغرىغا چىڭ باستى. كامىلجاننىڭ خاتىرىسىدە ئەزەلدىن كۆز يېشى قىلىپ باقمىغان دادىسىمۇ، ئۇنى قۇچاقلىغاچ كۆز يېشى قىلدى، دادىسى ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمىدى، پەقەت كامىلجاننىڭ مۈرىسىگە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ قويدى.

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 23 تە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا، كۆك رەڭلىك ئاتاكا كىيىمى كىيىۋالغان كامىلجان يۈك-تاقىلىرىنى يۈدۈپ روھلۇق ھالدا مۇخبىرنىڭ كامېراسىغا قاراپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز، بۇنى چوقۇم تاماملىشىمىز كېرەك!»

  يان تەرەپتە يېتەكچى: «خوتەنلىك يولداشلار دەرھال يىغىلىڭلار!» دەپ توۋلىدى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ، بەدىنىنى بۇراپ «سەپداشلىرى» تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئۇلارغا قاراپ «سىلەر ئەڭ قالتىس! غەيرەت قىلىڭلار!» دەپ توۋلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى