تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ۋۇخەنگە ئۆزلۈكىدىن 400 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار فوتوسى): بىر يېزا-بازار، 15 كەنت، 48 سائەت، 400 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇل، دېھقان-چارۋىچىلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋۇخەنگە مەدەت بەردى!

«قانات بازار باشلىقى، بۇ 20 مىڭ يۈەننى ۋۇخەن خەلقىگە يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز، ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن بالدۇرراق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...». 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كۆكتوقاي ناھىيەسى دۇرې بازىدىكى 76 ياشلىق جولدىباي نۇقۇمار بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى قانات تۇسىپخاننىڭ قولىغا 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى تۇتقۇزغاچ شۇنداق دېدى ۋە  ۋۇخەن خەلقىگە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«دۆلەتتە قىيىنچىلىق بولغاندا، بىزمۇ بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇ مېنىڭ ئازغىنە كۆڭلۈم، ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، بالدۇرراق كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى دۇرې بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىسى كۇئىنستاي ئەيسا 2000 يۈەننى ئىئانە قىلىپ.

«بۇ مېنىڭ يىغقان پۇلۇم. مەن ھەر كۈنى خەۋەردە بىرىنچى سەپكە ماڭغان دوختۇر، سېستىرالارنى كۆرگىنىمدە ئۇلارنى خۇددى ئۆز بالىلىرىمغا ئوخشىتىمەن، ئۇلارنىڭ بۇ پۇلغا قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنى قوغدىشىنى، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان شۇ كىشىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى دۇرې بازىرى تېسىپ ئاقان كەنتىدىكى 80 ياشلىق ناف دۇشەن 50 مىڭ يۈەننى ئىئانە قىلىپ.

«2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، كادىرلىرىمىز ئاممىنىڭ ئىئانە قىلماقچى بولغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملىرىنى، مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى توختىماي قوبۇل قىلدى، قىسقىغىنە ئىككى كۈندە دۇرې بازىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىئانە قىلغان پۇلى 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى»دېدى قانات تۇسىپخان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى