تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 208 ساندۇق مۇداپىئە ماددىي ئەشياسى كورلىدىن ئۈرۈمچىگە «ئۇچتى»

2-ئاينىڭ 6-كۈنى، بايىنغولىن، قەشقەر، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىن ئىئانە قىلىنغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى كورلا ئايرودرومىدا بىر تۇتاش يىغىلىپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچتى. سۈرەتتە: كورلا ئايرودرومىدىكى خىزمەتچىلەر ماددىي ئەشيالارنى ئايروپىلانغا قاچىلىماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز لى لىڭ، چېن جيەنفېي خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، بايىنغولىن، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قاراماي، تارباغاتاي، تۇرپان، بورتالا قاتارلىق جايلاردىن ئىئانە قىلىنغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 208 ساندۇق مۇداپىئە ماددىي ئەشياسى كورلا ئايرودرومىدا بىر تۇتاش يىغىلىپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ G54879 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4دە، كورلا ئايرودرومىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ساندۇقلارغا قاچىلانغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تەرتىپ بىلەن ئايروپىلانغا قاچىلىدى. خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شياۋبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى دەل ۋاقتىدا ھەرىكەتكە كەلدى. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، بەش نۆۋەتچى ئايروپىلاننى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، بورتالا قاتارلىق جايلاردىكى مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى كورلىغا توشۇشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەنە بىر قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ قاراماي، تارباغاتاي ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى بىر تۇتاش كورلىغا يەتكۈزدى. بۇ قېتىم توشۇلغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى داۋالاش مۇداپىئە كىيىمى ۋە ماسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جەمئىي 208 ساندۇق. بۇ مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ۋاقتىدا، بىخەتەر يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ يولۇچىلار بۆلۈمچىسىنى بىكارلاپ، ھەممىسىنى مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى قاچىلاشقا ئىشلەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ G54879 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 08:05دە ئۇچۇپ، سائەت 19:00دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتىغا يېتىپ كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى