تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەينى يىلى ۋېنچۈەنگە ياردەم بەرگەنىدى، بۈگۈن ۋۇخەنگە ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر كاڭ جىنيەن خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ميەن جىخۇي كامىراغا قاراپ تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتۇمىنى كۆتۈرۈپ، قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالايمىز، بىرمۇ ئادەمدىن ۋاز كەچمەيمىز!»

  32 ياشلىق ميەن جىخۇي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى مەركىزىي ئوپېراتسىيەخانا سۆڭەك كېسەللىكلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، 2005-يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان پەرۋىش ئورنىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ كەلدى، 2008-يىلى ئۇ ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىگە قاتناشتى. «ئەينى چاغدا ۋېنچۈەنگە بارغاندا، بىز ئاساسلىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىدۇق، يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش، يارىدارلار، ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق» ميەن جىخۇينىڭ دېيىشىچە، شۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش كەچۈرمىشىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇ تېببىي خادىملارنىڭ ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان كەسپىي ئەخلاقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن.

  «ۋېنچۈەندىكى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشتىن كېيىنكى 2-يىلى مەن دۆلەت جىددىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە قاتناشتىم، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى «دۆلەت ئەترىتى» دوختۇرخانىمىزدا تەسىس قىلىندى. شۇڭا بۇ قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەمگە بېرىشنى تەلەپ قىلدىم! » ميەن جىخۇينىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ۋۇخەنگە بارغاندىن كېيىنكى كونكرېت ئىش تەقسىماتى ۋە ۋەزىپىدە شۇ جاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم تەربىيەلەنگەنلىكى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوپېراتسىيە ياردىمى، ئىممۇنىتېت مۇداپىئەسى، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا ئىشەنچى بار ئىكەن.

  ئوخشاشلا دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيە ئۆيىدە سېسترالىق قىلىدىغان خوتۇنى ليۇ ياڭ ميەن جىخۇينىڭ بۇ قېتىمقى جەڭگە ئاتلىنىشىنى ناھايىتى قوللىدى. ليۇ ياڭ: «ئۆيدىكى ئىككى يېرىم ياشلىق بالىمىزغا مەن بار، ياردەمگە مۇھتاج شۇ كىشىلەرگە سىز بار!» دېدى.

  ميەن جىخۇي ۋۇخەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ياردەمگە مۇھتاج ھەربىر كىشىگە چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى