تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىدىن ئۈچى يېڭىدىن كۆپەيدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، ئاپتونوم رايون (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە ئۈچ ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرى ئۈرۈمچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى، بىرى بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى، بىرى بىڭتۇەن 12-شىسىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى ئىكەن.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24 كىچە، ئاپتونوم رايون (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي 42نى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 34ى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇنىدە سەككىزى بار ئىكەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 19ى، ئىلى ئوبلاستىدا توققۇزى، تۇرپان شەھىرىدە بىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، سانجى ئوبلاستىدا ئىككىسى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئىككىسى، بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە بىرى، بىڭتۇەن 9-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 6-شىسىدە بىرى. بىڭتۇەن 12-شىسىدە بىرى بار ئىكەن. ھازىر ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن توققۇزى، خەتەرلىك كېسەللىك مىسالىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالى يوق ئىكەن.

  نۆۋەتتە، 2942 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى